Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅತ್ತೌಬ   ಶ್ಲೋಕ:
ٱلتَّٰٓئِبُونَ ٱلۡعَٰبِدُونَ ٱلۡحَٰمِدُونَ ٱلسَّٰٓئِحُونَ ٱلرَّٰكِعُونَ ٱلسَّٰجِدُونَ ٱلۡأٓمِرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱلنَّاهُونَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡحَٰفِظُونَ لِحُدُودِ ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر بولسا ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن، ئاللاھ دوست تۇتىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرگە قايتقانلار، ئاللاھتىن قورقۇپ ئىخلاس بىلەن تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇ -سانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، ناماز ئوقۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان ئىشلارغا بۇيرۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىگۈچىلەر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئى پەيغەمبەر! بۇ سۈپەتكە ئىگە مۆئمىنلەرگە ئۇلارنى دۇنيا ئاخىرەتتە خۇشال قىلىدىغان ئىشلار بىلەن بىشارەت بەرگىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن يَسۡتَغۡفِرُواْ لِلۡمُشۡرِكِينَ وَلَوۡ كَانُوٓاْ أُوْلِي قُرۡبَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك ئۈستىدە ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَا كَانَ ٱسۡتِغۡفَارُ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوۡعِدَةٖ وَعَدَهَآ إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥٓ أَنَّهُۥ عَدُوّٞ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنۡهُۚ إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَأَوَّٰهٌ حَلِيمٞ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىدى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ، ئاتىسىنىڭ نەسىھەت مەنپەئەت قىلمايدىغان ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن ياكى ئاتىسىنىڭ كاپىر پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئاتىسىدىن ئادا-جۇدا بولدى. ئۇنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئىجتىھادى ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا كۆپ ئاھ چەككۈچى، زالىم قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆپ كەچۈرۋەتكۈچى ئىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِلَّ قَوۡمَۢا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰهُمۡ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ). ئەگەر ئۇلار ھاراملىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا ئۇلارغا ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۈگەتتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۚ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. تىرىلدۈرۈشنى خالىغان كىشىنى تىرىلدۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈۈشنى خالىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان دوست، سىلەردىن يامانلىقنى قايتۇرىدىغان ۋە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق مەدەتكارمۇ يوق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
لَّقَد تَّابَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلنَّبِيِّ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ ٱلۡعُسۡرَةِ مِنۢ بَعۡدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٖ مِّنۡهُمۡ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّهُۥ بِهِمۡ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلارغا تەبۇك غازىتىغا چىقماسلىققا رۇخسەت بەرگەن ئىدى. تەبۇك غازىتىدا ھاۋا ئىسسىق، دۈشمەنلەر كۈچلۈك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ پەيغەمبەردىن ئايرىلماي ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ۋە ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن جىھادنى تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى دىندا مۇستەھكەم بولۇشقا ۋە جىھادقا چىقىشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• بطلان الاحتجاج على جواز الاستغفار للمشركين بفعل إبراهيم عليه السلام.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش جايىز دېيىش باتىلدۇر.

• أن الذنوب والمعاصي هي سبب المصائب والخذلان وعدم التوفيق.
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بولسا؛ مۇسىيبەت ، خارلىق ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر.

• أن الله هو مالك الملك، وهو ولينا، ولا ولي ولا نصير لنا من دونه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ بىزنىڭ ۋەلىيىمىز. بىزگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى ۋە مەدەتكار يوقتۇر.

• بيان فضل أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم على سائر الناس.
ساھابىلەرنىڭ باشقا بارلىق كىشىلەردىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ بايانى.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅತ್ತೌಬ
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ