Check out the new design

Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k. * - Vertimų turinys


Reikšmių vertimas Sūra: Al-Chidžr   Aja (Korano eilutė):

ھىجر

Sūros prasmės:
توعد المستهزئين بالقرآن، والوعد بحفظه تأييدًا للنبي وتثبيتًا له.
قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى مۇھاپىزەت قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەم قىلىش.

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ وَقُرۡءَانٖ مُّبِينٖ
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى. بۇ شانلىق ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەۋھىد ۋە شەرىئەتلەرنى بايان قىلىپ .بېرىدىغان روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر
Tafsyrai arabų kalba:
رُّبَمَا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ كَانُواْ مُسۡلِمِينَ
قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئاشكارا بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى كۇپىر ئەمەللىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەن بولغاندا، ئۇلار كاشكى مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ دەپ .ھەسرەتلىك ئارزۇلارنى قىلىدۇ
Tafsyrai arabų kalba:
ذَرۡهُمۡ يَأۡكُلُواْ وَيَتَمَتَّعُواْ وَيُلۡهِهِمُ ٱلۡأَمَلُۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! چارۋىلاردەك يەپ-ئېچىدىغان يالغانچى كاپىرلارنى مەيلىگە قويۇۋەت، يوقالغۇچى دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنسۇن. ئۇلار ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تەرك قىلىپ خام-خىياللار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە زىيان تارتقانلىقتىن دۇنيادا قىلغان قىلمىشىنىڭ .ناچارلىقىنى بىلىدۇ
Tafsyrai arabų kalba:
وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٞ مَّعۡلُومٞ
بىز زالىملارنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇ شەھەرنىڭ ھالاك بولىشىنىڭ ۋاقتى .بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولمايدۇ ۋە كېيىنمۇ قالمايدۇ
Tafsyrai arabų kalba:
مَّا تَسۡبِقُ مِنۡ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ
ئۈممەتلەردىن ھەر قانداق بىر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بولمايدۇ ۋە ۋاقتى توشقاندا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، زالمىلار ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جازالىماي مۆھلەت .بەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ قالمىسۇن
Tafsyrai arabų kalba:
وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِي نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ إِنَّكَ لَمَجۡنُونٞ
مەككە ئەھلىدىن بولغان كاپىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئىنسان! سەن ئۆزۈڭنىڭ بۇ دەۋايىڭدا ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن ۋە مەجنۇنلارچە ئىش قىلىۋاتىسەن، دېدى.
Tafsyrai arabų kalba:
لَّوۡمَا تَأۡتِينَا بِٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولساڭ، بىزگە ئازاب چۈشىدىغانلىقى راست بولسا، سەن ئۆزۇڭنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىڭگە گۇۋاھ قىلغىلى پەرىشتىلەرنى كەلتۈرۈپ باققىن؟.
Tafsyrai arabų kalba:
مَا نُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَمَا كَانُوٓاْ إِذٗا مُّنظَرِينَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەرىشتە تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان پىكرىگە رەددىيە بېرىپ: پەرىشتىلەرنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە سىلەرنى ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلگەندە چۈشۈرىمىز، ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا بىز پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەك ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، .بەلكى ئازاب دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ
Tafsyrai arabų kalba:
إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا ٱلذِّكۡرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
ھەقىقەتەن بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق، بىز يەنە قۇرئان كەرىمنى كەم-زىيادە بولۇپ قىلىشتىن، ئالماشتۇرۇلۇشتىن ۋە .ئۆزگەرتىلىشتىن چوقۇم قوغدايمىز
Tafsyrai arabų kalba:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي شِيَعِ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئىلگىرىكى كاپىر تائىپىلەرگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، سەن ئۈممىتىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشتا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن.
Tafsyrai arabų kalba:
وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئىلگىرىكى كاپىر قەۋملەرگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى ئىنكار قىلاتتى ۋە مەسخىرە قىلىشاتتى
Tafsyrai arabų kalba:
كَذَٰلِكَ نَسۡلُكُهُۥ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ دىللىرىغا يالغانچىلىقنى كىرگۈزگەنگە ئوخشاش مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ دىللىرىغىمۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ۋە گەردەنكەشلىك قېلىشنى كىرگۈزىمىز
Tafsyrai arabų kalba:
لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ وَقَدۡ خَلَتۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى ھالاك قىلىشى بۇرۇندىن ئادەت بولغان ئىش، سېنى ئىنكار قىلغۇچى يالغانچىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك
Tafsyrai arabų kalba:
وَلَوۡ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَظَلُّواْ فِيهِ يَعۡرُجُونَ
ئاشۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى يالغانچى بەدبەختلەرگە ھەتتا روشەن دەلىللەر بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولسىمۇ، بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئېشىك ئېچىپ بەرسەك ئاسمانغا ئۆرلەپ ئۇ يەردىكى ئالامەتلەرنى كۆرسىمۇ ئوخشاشتۇر.
Tafsyrai arabų kalba:
لَقَالُوٓاْ إِنَّمَا سُكِّرَتۡ أَبۡصَٰرُنَا بَلۡ نَحۡنُ قَوۡمٞ مَّسۡحُورُونَ
ئۇلار ئىشەنمەستىن: چوقۇم بىزنىڭ كۆزىمىز كۆرۈشتىن توسالغان، بەلكى بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىز سېھىرنىڭ تەسىرىدىن بولغان، بىز سېھىرلەنگەن .دەيدۇ
Tafsyrai arabų kalba:
Šiame puslapyje pateiktų ajų nauda:
• القرآن الكريم جامع بين صفة الكمال في كل شيء، والوضوح والبيان.
قۇرئان كەرىم ھەممە نەرسىدىكى مۇكەممەل سۈپەتنى ۋە ئوچۇق .باياننى بىرلەشتۈرگەن كىتابتۇر

• يهتم الكفار عادة بالماديات، فتراهم مُنْغَمِسين في الشهوات والأهواء، مغترين بالأماني الزائفة، منشغلين بالدنيا عن الآخرة.
ئادەتتە كاپىرلار ماددى نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەپسى-شەھۋەت، خاھىشلارغا چۆمۈپ كەتكەن، ئەمەلگە ئاشماس خىياللارغا بېرىلگەن ۋە ئاخىرەتنى تاشلاپ دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرۈسەن

• هلاك الأمم مُقَدَّر بتاريخ معين، ومقرر في أجل محدد، لا تأخير فيه ولا تقديم، وإن الله لا يَعْجَلُ لعجلة أحد.
ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولىشى مۇئەييەن بىر ۋاقىتقا بېكىتىلگەن، بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قارار قېلىنغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بولمايدۇ ۋە كېيىنمۇ قالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىرىغىنى .ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمەيدۇ

• تكفل الله تعالى بحفظ القرآن الكريم من التغيير والتبديل، والزيادة والنقص، إلى يوم القيامة.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىلىش، ئالماشتۇرۇلۇش ۋە كەم-زىيادە بولۇشتىن قىيامەتكە قەدەر ھېمايە قىلىشقا كېپىل بولدى.

 
Reikšmių vertimas Sūra: Al-Chidžr
Sūrų turinys Puslapio numeris
 
Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k. - Vertimų turinys

Išleido Korano studijų interpretavimo centras.

Uždaryti