Kilniojo Korano reikšmių vertimas - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Vertimų turinys


Reikšmių vertimas Aja (Korano eilutė): (102) Sūra: Sūra Al-Bakara
وَٱتَّبَعُواْ مَا تَتۡلُواْ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلۡكِ سُلَيۡمَٰنَۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيۡمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُواْ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحۡرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلۡمَلَكَيۡنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنۡ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحۡنُ فِتۡنَةٞ فَلَا تَكۡفُرۡۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنۡهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَزَوۡجِهِۦۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنۡ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡۚ وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ وَلَبِئۡسَ مَا شَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى تەرك قىلغان ۋاقتىدا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ سېھىرگەرلىكىگە ئائىت سۆزلىرىگە ئەگەشتى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىنى سېھرىگەرلىك بىلەن قۇرۇلغان دەپ ئويلاشتى، يەھۇدىلار ئويلىغىنىدەك سۇلايمان سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى، ئۇلار ئىراقنىڭ بابىل شەھىرىدىكى ھارۇت -مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە كىشىلەرنى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى، بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. بۇ ئىككى پەرىشتىنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەر بۇ ئىككىسىدىن سېھرى ئۈگىنەتتى، ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەنى سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار سېھىر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار تەۋراتنى تاشلاپ سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ، ئوچۇق ئاشكارا ئازغۇنلۇق ۋە نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا قەدەم بېسىشنىڭ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتى بولمايدىغان قاتتىق يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى
Tafsyrai arabų kalba:
Šiame puslapyje pateiktų ajų nauda:
• سوء أدب اليهود مع أنبياء الله حيث نسبوا إلى سليمان عليه السلام تعاطي السحر، فبرّأه الله منه، وأَكْذَبَهم في زعمهم.
يەھۇدىلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بولغان ئەدەپسىزلىكىدىن، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سېھرىنى نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى بۇ تۆھمەتتىن پاكلاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى يالغانغا چىقاردى

• أن السحر له حقيقة وتأثير في العقول والأبدان، والساحر كافر، وحكمه القتل.
سېھرىنىڭ ھەقىقەتتە ئەقىلگە ۋە بەدەنگە تەسىرى بولىدۇ، سېھرىگەر كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر

• لا يقع في ملك الله تعالى شيء من الخير والشر إلا بإذنه وعلمه تعالى.
ئاللاھنىڭ مۈلكىدە ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىلمى بىلەن بولىدۇ

• سد الذرائع من مقاصد الشريعة، فكل قول أو فعل يوهم أمورًا فاسدة يجب تجنبه والبعد عنه.
ۋەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىدى بولۇپ، ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەت بۇزۇق ئىشنى خىيال قىلدۇرىدىكەن، ئۇنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ

• أن الفضل بيد الله تعالى وهو الذي يختص به من يشاء برحمته وحكمته.
ھەقىقەتەن پەزلى-رەھمەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۇنى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ

 
Reikšmių vertimas Aja (Korano eilutė): (102) Sūra: Sūra Al-Bakara
Sūrų turinys Puslapio numeris
 
Kilniojo Korano reikšmių vertimas - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Vertimų turinys

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Uždaryti