Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: സ്സജദഃ   ആയത്ത്:

سەجدە

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
بيان حقيقة الخلق وأحوال الإنسان في الدنيا والآخرة.
يارىتىشنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىش.

الٓمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بۇ قۇرئان شەكسىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۚ بَلۡ هُوَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
ھەقىقەتەن بۇ كاپىرلار: مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇۋالدى، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇرئان قىلچە شەك بولمىغان ھەقىقەتتۇركى، ئۇ سەندىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھىدايەت تېپىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىۋالسۇن.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِيّٖ وَلَا شَفِيعٍۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ھالبۇكى ئۇ بۇلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ بولمىغان ۋاقىتتا يارىتىشقا قادىر ئىدى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان ھېچقانداق ئىگە ياكى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىمۇ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، تەپەككۇر قىلىپ، شېرىك كەلتۈرمەستىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا قۇلچىلىق قىلمامسىلەر؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يَعۡرُجُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥٓ أَلۡفَ سَنَةٖ مِّمَّا تَعُدُّونَ
ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن -ئەي ئىنسانلار!- بۇ ئىشلار سىلەر دۇنيادا ساناۋاتقان كۈنلەردىن مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ذَٰلِكَ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئاللاھ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئاللاھنى يېڭەلمەيدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىنى جازالايدىغان، مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچان زاتتۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱلَّذِيٓ أَحۡسَنَ كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥۖ وَبَدَأَ خَلۡقَ ٱلۡإِنسَٰنِ مِن طِينٖ
ئۇ ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل ياراتتى، ئادەمنى دەسلەپتە ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز لايدىن ياراتتى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ثُمَّ جَعَلَ نَسۡلَهُۥ مِن سُلَٰلَةٖ مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ
ئاندىن ئۇنىڭ ئادەمدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىنى ئۇنىڭدىن چىققان سۇ، (يەنى مەنىي)دىن ياراتتى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
ئاندىن ئىنساننى راۋرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەشكە مۇئەككەل پەرىشتىنى بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز روھىدىن كىرگۈزدى. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلىسۇن دەپ قۇلاق، كۆرسۇن دەپ كۆز، چۈشەنسۇن دەپ قەلبلەرنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېئمەتلەرگە ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالُوٓاْ أَءِذَا ضَلَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ أَءِنَّا لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدِۭۚ بَلۡ هُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمۡ كَٰفِرُونَ
قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلار: بىز ئۆلۈپ، يەر ئاستىدا غايىب بولساق، جەسەتلىرىمىز توپىغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ بىز يەنە تىرىلەمدۇق؟ بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
۞ قُلۡ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلۡمَوۡتِ ٱلَّذِي وُكِّلَ بِكُمۡ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ تُرۡجَعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ جېنىڭلارنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلغان ئۈلۈم پەرىشتىسى جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• الحكمة من بعثة الرسل أن يهدوا أقوامهم إلى الصراط المستقيم.
پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشتىكى ھېكمەت ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنى توغرا يولغا يىتەكلىشىدۇر.

• ثبوت صفة الاستواء لله من غير تشبيه ولا تمثيل.
ئاللاھنىڭ ئەرشتە قارار ئالغانلىق سۈپىتى(باشقا ھېچنەرسىگە) ئوخشىتىلماستىن، تەمسىل قىلىنماستىن سابىتتۇر.

• استبعاد المشركين للبعث مع وضوح الأدلة عليه.
دەلىللەر ئوچۇق تۇرسىمۇ مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى يىراق سانايدۇ.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: സ്സജദഃ
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക