വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഉയ്‌ഗൂർ പരിഭാഷ - ശൈഖ് മുഹമ്മദ് സ്വാലിഹ് * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: സൂറത്ത് ഫുസ്സ്വിലത്ത്   ആയത്ത്:

سۈرە پۇسسىلەت

حمٓ
ھامىم[1].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
تَنزِيلٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
(بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىيدۇر)[2].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
كِتَٰبٞ فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر[3].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا فَأَعۡرَضَ أَكۡثَرُهُمۡ فَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ
(مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ[4].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالُواْ قُلُوبُنَا فِيٓ أَكِنَّةٖ مِّمَّا تَدۡعُونَآ إِلَيۡهِ وَفِيٓ ءَاذَانِنَا وَقۡرٞ وَمِنۢ بَيۡنِنَا وَبَيۡنِكَ حِجَابٞ فَٱعۡمَلۡ إِنَّنَا عَٰمِلُونَ
ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ[5].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَٱسۡتَقِيمُوٓاْ إِلَيۡهِ وَٱسۡتَغۡفِرُوهُۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡمُشۡرِكِينَ
سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي![6]
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ[7].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ[8].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
۞ قُلۡ أَئِنَّكُمۡ لَتَكۡفُرُونَ بِٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَرۡضَ فِي يَوۡمَيۡنِ وَتَجۡعَلُونَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ ذَٰلِكَ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
(سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[9].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ مِن فَوۡقِهَا وَبَٰرَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَآ أَقۡوَٰتَهَا فِيٓ أَرۡبَعَةِ أَيَّامٖ سَوَآءٗ لِّلسَّآئِلِينَ
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم ـ زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر)[10].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِيَ دُخَانٞ فَقَالَ لَهَا وَلِلۡأَرۡضِ ٱئۡتِيَا طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا قَالَتَآ أَتَيۡنَا طَآئِعِينَ
ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى[11].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَقَضَىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَاتٖ فِي يَوۡمَيۡنِ وَأَوۡحَىٰ فِي كُلِّ سَمَآءٍ أَمۡرَهَاۚ وَزَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَحِفۡظٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر[12].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَقُلۡ أَنذَرۡتُكُمۡ صَٰعِقَةٗ مِّثۡلَ صَٰعِقَةِ عَادٖ وَثَمُودَ
ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن[13].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِذۡ جَآءَتۡهُمُ ٱلرُّسُلُ مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۖ قَالُواْ لَوۡ شَآءَ رَبُّنَا لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةٗ فَإِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى[14].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَمَّا عَادٞ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَقَالُواْ مَنۡ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةًۖ أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَهُمۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۖ وَكَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى[15].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِيٓ أَيَّامٖ نَّحِسَاتٖ لِّنُذِيقَهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَخۡزَىٰۖ وَهُمۡ لَا يُنصَرُونَ
ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[16].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيۡنَٰهُمۡ فَٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡعَمَىٰ عَلَى ٱلۡهُدَىٰ فَأَخَذَتۡهُمۡ صَٰعِقَةُ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡهُونِ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى[17].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَنَجَّيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق[18].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَيَوۡمَ يُحۡشَرُ أَعۡدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ
ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى ـ ئارقىسى يىغىلىپ بولغىچە توختىتىپ قويۇلىدۇ[19].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيۡهِمۡ سَمۡعُهُمۡ وَأَبۡصَٰرُهُمۡ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ[20].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالُواْ لِجُلُودِهِمۡ لِمَ شَهِدتُّمۡ عَلَيۡنَاۖ قَالُوٓاْ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنطَقَ كُلَّ شَيۡءٖۚ وَهُوَ خَلَقَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ[21].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار[22].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَذَٰلِكُمۡ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِي ظَنَنتُم بِرَبِّكُمۡ أَرۡدَىٰكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار[23].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِن يَصۡبِرُواْ فَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡۖ وَإِن يَسۡتَعۡتِبُواْ فَمَا هُم مِّنَ ٱلۡمُعۡتَبِينَ
ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىدامچانلىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ[24].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
۞ وَقَيَّضۡنَا لَهُمۡ قُرَنَآءَ فَزَيَّنُواْ لَهُم مَّا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ
ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى[25].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَسۡمَعُواْ لِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَٱلۡغَوۡاْ فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَغۡلِبُونَ
كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ[26].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَلَنُذِيقَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَذَابٗا شَدِيدٗا وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز[27].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ذَٰلِكَ جَزَآءُ أَعۡدَآءِ ٱللَّهِ ٱلنَّارُۖ لَهُمۡ فِيهَا دَارُ ٱلۡخُلۡدِ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ[28].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ رَبَّنَآ أَرِنَا ٱلَّذَيۡنِ أَضَلَّانَا مِنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ نَجۡعَلۡهُمَا تَحۡتَ أَقۡدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ ٱلۡأَسۡفَلِينَ
كاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى[29].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ تَتَنَزَّلُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَبۡشِرُواْ بِٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ[30ـ32].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
نَحۡنُ أَوۡلِيَآؤُكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَشۡتَهِيٓ أَنفُسُكُمۡ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ[30ـ32].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
نُزُلٗا مِّنۡ غَفُورٖ رَّحِيمٖ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ[30ـ32].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَمَنۡ أَحۡسَنُ قَوۡلٗا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟[33]
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَا تَسۡتَوِي ٱلۡحَسَنَةُ وَلَا ٱلسَّيِّئَةُۚ ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِي بَيۡنَكَ وَبَيۡنَهُۥ عَدَٰوَةٞ كَأَنَّهُۥ وَلِيٌّ حَمِيمٞ
ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[34].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٖ
بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ[35].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[36].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِ ٱلَّيۡلُ وَٱلنَّهَارُ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُۚ لَا تَسۡجُدُواْ لِلشَّمۡسِ وَلَا لِلۡقَمَرِ وَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ ٱلَّذِي خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار[37].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَإِنِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمۡ لَا يَسۡـَٔمُونَ۩
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ[38].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلۡأَرۡضَ خَٰشِعَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡۚ إِنَّ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاهَا لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
(بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا لَا يَخۡفَوۡنَ عَلَيۡنَآۗ أَفَمَن يُلۡقَىٰ فِي ٱلنَّارِ خَيۡرٌ أَم مَّن يَأۡتِيٓ ءَامِنٗا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ٱعۡمَلُواْ مَا شِئۡتُمۡ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[40].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلذِّكۡرِ لَمَّا جَآءَهُمۡۖ وَإِنَّهُۥ لَكِتَٰبٌ عَزِيزٞ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر[41].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
لَّا يَأۡتِيهِ ٱلۡبَٰطِلُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَلَا مِنۡ خَلۡفِهِۦۖ تَنزِيلٞ مِّنۡ حَكِيمٍ حَمِيدٖ
ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[42].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدۡ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبۡلِكَۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٖ
ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر[43].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا أَعۡجَمِيّٗا لَّقَالُواْ لَوۡلَا فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥٓۖ ءَا۬عۡجَمِيّٞ وَعَرَبِيّٞۗ قُلۡ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ هُدٗى وَشِفَآءٞۚ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٞ وَهُوَ عَلَيۡهِمۡ عَمًىۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُنَادَوۡنَ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[44].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر[45].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[46].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
۞ إِلَيۡهِ يُرَدُّ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِۚ وَمَا تَخۡرُجُ مِن ثَمَرَٰتٖ مِّنۡ أَكۡمَامِهَا وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ أَيۡنَ شُرَكَآءِي قَالُوٓاْ ءَاذَنَّٰكَ مَا مِنَّا مِن شَهِيدٖ
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ[47].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَدۡعُونَ مِن قَبۡلُۖ وَظَنُّواْ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ
ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ[48].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
لَّا يَسۡـَٔمُ ٱلۡإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلۡخَيۡرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٞ قَنُوطٞ
ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[49].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنَّا مِنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةٗ وَلَئِن رُّجِعۡتُ إِلَىٰ رَبِّيٓ إِنَّ لِي عِندَهُۥ لَلۡحُسۡنَىٰۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِمَا عَمِلُواْ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنۡ عَذَابٍ غَلِيظٖ
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[50].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ فَذُو دُعَآءٍ عَرِيضٖ
ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ[51].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرۡتُم بِهِۦ مَنۡ أَضَلُّ مِمَّنۡ هُوَ فِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»[52].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
سَنُرِيهِمۡ ءَايَٰتِنَا فِي ٱلۡأٓفَاقِ وَفِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّۗ أَوَلَمۡ يَكۡفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟[53]
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
أَلَآ إِنَّهُمۡ فِي مِرۡيَةٖ مِّن لِّقَآءِ رَبِّهِمۡۗ أَلَآ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطُۢ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[54].
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: സൂറത്ത് ഫുസ്സ്വിലത്ത്
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഉയ്‌ഗൂർ പരിഭാഷ - ശൈഖ് മുഹമ്മദ് സ്വാലിഹ് - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ ആശയ വിവർത്തനം ഉയ്‌ഗൂർഭാഷയിൽ, ശൈഖ് മുഹമ്മദ് സ്വാലിഹിന്റെ വിവർത്തനം, തർജമ റുവ്വാദ് കേന്ദ്രം തിരുത്തലുകൾ നിർവഹിച്ചു. അഭിപ്രായങ്ങൾ രേഖപ്പെടുത്താനും, മൂല്യനിർണയത്തിനും, ഇനിയും വിപുലീകരിക്കാനുമായി അസ്സൽ പരിഭാഷയും നൽകിയിട്ടുണ്ട്.

അടക്കുക