Check out the new design

पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - पवित्र कुर्आनको संक्षिप्त व्याख्याको उइगुर भाषामा अनुवाद । * - अनुवादहरूको सूची


अर्थको अनुवाद सूरः: न्नहल   श्लोक:
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش نېئمەتلىرىگە تۈزكورلۇق قىلىشىغا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر سىلەر .مەنپەئەتلىنىۋاتقان نېئمەتتىن بەھرىمان بولۇڭلار دېيىلىدۇ
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَجۡعَلُونَ لِمَا لَا يَعۡلَمُونَ نَصِيبٗا مِّمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡۗ تَٱللَّهِ لَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَفۡتَرُونَ
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، جانسىز، پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلىرىنى بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىغا شېرىك قېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇتلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇشرىكلار! سىلەر قىيامەت كۈنىدە ماللىرىڭلاردىن نېسىۋە قېلىپ بەرگەن ۋە ئىلاھ دەپ گۇمان قىلغان بۇتلىرىڭلار .توغرىسىدا ئەلۋەتتە سۇئال قىلىنىسىلەر
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ ٱلۡبَنَٰتِ سُبۡحَٰنَهُۥ وَلَهُم مَّا يَشۡتَهُونَ
مۇشرىكلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ ئېتىقاد قېلىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قېلغان ئىشلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، كۆڭلى مايىل بولغان ئوغۇل ئەۋلادلارنى ئۆزلىرىگە قىلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جىنايەت .بولامدۇ!؟
अरबी व्याख्याहरू:
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِٱلۡأُنثَىٰ ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٞ
مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە قىزى تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، خەۋەر بېرىلگەن نەرسىنى قاتتىق ئۆچ كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن چىرايلىرى قارىداپ كېتىدۇ، دىلى غەم-قايغۇغا توشۇپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە رازى بولمىغان نەرسىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ!.
अरबी व्याख्याहरू:
يَتَوَٰرَىٰ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ مِن سُوٓءِ مَا بُشِّرَ بِهِۦٓۚ أَيُمۡسِكُهُۥ عَلَىٰ هُونٍ أَمۡ يَدُسُّهُۥ فِي ٱلتُّرَابِۗ أَلَا سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنىۋالىدۇ، كۆڭلىدە: بۇ قىزنى خارلىق ۋە كۆڭلى سۇنغان ھالدا تۇتۇپ قالامدۇ ياكى توپىغا ئاستىغا تېرىك كۆمۈۋېتەمدۇ؟ مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ!، ئۇلار ئۆزلىرىگە ياقتۇرمىغاننى پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ھۆكۈم بېرىدۇ.
अरबी व्याख्याहरू:
لِلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ مَثَلُ ٱلسَّوۡءِۖ وَلِلَّهِ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار ئۈچۈن ئوغۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇش، نادانلىق ۋە كۇپىردىن ئىبارەت يامان سۈپەتلەر بار، ئاللاھ ئۈچۈن كاتتىلىق، كامالەت، بىھاجەتلىك ۋە ئىلىم قاتارلىق ماختالغۇچى سۈپەتلەر بار. ئاللاھ غالىب بولۇپ، ھېچ بىراۋ ئۇنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يولغا قويغان .ھۆكۈملىرىدە، بەلگىلىمىلىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَوۡ يُؤَاخِذُ ٱللَّهُ ٱلنَّاسَ بِظُلۡمِهِم مَّا تَرَكَ عَلَيۡهَا مِن دَآبَّةٖ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ لَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ
ئەگەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىنسانلارنى زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئازابلايدىغان بولسا ئىدى، زېمىن يۈزىدە پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ئىنسان ۋە ئۆمۈلەپ يۈرىدىغان ھايۋان قالمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئىلمىدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، ئۆز ئىلمىدىكى بەلگىلەنگەن مۇددەت كەلگەندە، قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ۋە قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ مَا يَكۡرَهُونَۚ وَتَصِفُ أَلۡسِنَتُهُمُ ٱلۡكَذِبَ أَنَّ لَهُمُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ لَا جَرَمَ أَنَّ لَهُمُ ٱلنَّارَ وَأَنَّهُم مُّفۡرَطُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىلىشنى ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار تىللىرى بىلەن يالغان سۆزلەپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېسىل مەرتىۋىلەرنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزى راست بولسا چوقۇم ئۇلار قىيامەت كۈنىدە دېگەنلىرىدەك تېرىلدۈرىلىدۇ، دوزاخ ئۇلارغا لايىق بولدى، ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ، دوزاختىن ئەبەدى چىقمايدۇ.
अरबी व्याख्याहरू:
تَٱللَّهِ لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. شەيتان ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ شېرىك، كۇپۇر، گۇناھ-مەسىيەت قاتارلىق ئەمەللىرىنى چېرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار شەيتاننى قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىدىغان مەدەتكار دەپ ئويلىدى، ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب بار.
अरबी व्याख्याहरू:
وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز قۇرئان كەرىمنى ساڭا پەقەت بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلار ئىختىلاپ قېلىشقان تەۋھىد، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. قۇرئان كەرىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن مۆئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر، ھەقىقەتەن قۇرئاندىن ئۇلارلا .مەنپەئەتلىنىدۇ
अरबी व्याख्याहरू:
यस पृष्ठको अायतहरूका लाभहरूमध्येबाट:
• من جهالات المشركين: نسبة البنات إلى الله تعالى، ونسبة البنين لأنفسهم، وأَنفَتُهم من البنات، وتغيّر وجوههم حزنًا وغمَّا بالبنت، واستخفاء الواحد منهم وتغيبه عن مواجهة القوم من شدّة الحزن وسوء الخزي والعار والحياء الذي يلحقه بسبب البنت.
مۇشرىكلارنىڭ نادان-جاھىللىقىدىن: ئۇلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، قىزلارنى رەت قېلىدۇ، ئۇلارغا قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، غەم-قايغۇدىن چېرايلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قىز پەرزەنت سەۋەبىدىن كېلىدىغان ھايا، ئار-نۇمۇس، خارلىق ۋە قاتتىق قايغۇرۇشتىن قەۋمىگە يۈزلىنىشتىن قورقۇپ يوشۇرۇنىۋالىدۇ.

• من سنن الله إمهال الكفار وعدم معاجلتهم بالعقوبة ليترك الفرصة لهم للإيمان والتوبة.
ئاللاھنىڭ پرىنسىپىدىن: كاپىرلارغا مۆھلەت بېرىش، ئۇلارنى ئازابلاشقا ئالدىرىماسلىق، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر

• مهمة النبي صلى الله عليه وسلم الكبرى هي تبيان ما جاء في القرآن، وبيان ما اختلف فيه أهل الملل والأهواء من الدين والأحكام، فتقوم الحجة عليهم ببيانه.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇھىم ۋەزىپىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەھلى كىتاب ۋە ئۆز نەپسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت تۇرغۇزىلىدۇ.

 
अर्थको अनुवाद सूरः: न्नहल
अध्यायहरूको (सूरःहरूको) सूची رقم الصفحة
 
पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - पवित्र कुर्आनको संक्षिप्त व्याख्याको उइगुर भाषामा अनुवाद । - अनुवादहरूको सूची

मर्क्ज तफ्सीर लिद्दिरासात अल-कुर्आनियह द्वारा प्रकाशित।

बन्द गर्नुस्