पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - उइगुर अनुवाद : शेख मुहम्मद सालेह । * - अनुवादहरूको सूची

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

अर्थको अनुवाद सूरः: सूरतुल् फुर्कान   श्लोक:

سۈرە پۇرقان

تَبَارَكَ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡفُرۡقَانَ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦ لِيَكُونَ لِلۡعَٰلَمِينَ نَذِيرًا
پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[1].
अरबी व्याख्याहरू:
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖ فَقَدَّرَهُۥ تَقۡدِيرٗا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى[2].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ[3].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا
كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى[4].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا
ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىفزى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ»[5].
अरबी व्याख्याहरू:
قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[6].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا
مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى: «بازارلاردا (بىز تاماق يېگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى[7].
अरबी व्याख्याहरू:
أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا
يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى، يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟» زالىملار (يەنى كاپىرلار): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى[8].
अरबी व्याख्याहरू:
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا
مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ[9].
अरबी व्याख्याहरू:
تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى[10].
अरबी व्याख्याहरू:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا
ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق[11].
अरबी व्याख्याहरू:
إِذَا رَأَتۡهُم مِّن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ سَمِعُواْ لَهَا تَغَيُّظٗا وَزَفِيرٗا
دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ[12].
अरबी व्याख्याहरू:
وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا
ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ[13].
अरबी व्याख्याहरू:
لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا
(ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ)[14].
अरबी व्याख्याहरू:
قُلۡ أَذَٰلِكَ خَيۡرٌ أَمۡ جَنَّةُ ٱلۡخُلۡدِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۚ كَانَتۡ لَهُمۡ جَزَآءٗ وَمَصِيرٗا
ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ يا تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، (كىرگەن كىشى) مەڭگۈ قالىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر[15].
अरबी व्याख्याहरू:
لَّهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَٰلِدِينَۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعۡدٗا مَّسۡـُٔولٗا
ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭدىن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر[16].
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمۡ أَضۡلَلۡتُمۡ عِبَادِي هَٰٓؤُلَآءِ أَمۡ هُمۡ ضَلُّواْ ٱلسَّبِيلَ
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ[17].
अरबी व्याख्याहरू:
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِي لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِن مَّتَّعۡتَهُمۡ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ نَسُواْ ٱلذِّكۡرَ وَكَانُواْ قَوۡمَۢا بُورٗا
(ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېيتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»[18].
अरबी व्याख्याहरू:
فَقَدۡ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسۡتَطِيعُونَ صَرۡفٗا وَلَا نَصۡرٗاۚ وَمَن يَظۡلِم مِّنكُمۡ نُذِقۡهُ عَذَابٗا كَبِيرٗا
شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ (ئۇلارنى مەبۇد دېگەن) سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، (ئى كۇففارلار!) سىلەر (ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى) دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە (بۇ بالادىن ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا) ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[19].
अरबी व्याख्याहरू:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمۡ لَيَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشُونَ فِي ٱلۡأَسۡوَاقِۗ وَجَعَلۡنَا بَعۡضَكُمۡ لِبَعۡضٖ فِتۡنَةً أَتَصۡبِرُونَۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرٗا
بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
अरबी व्याख्याहरू:
۞ وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا
بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى[21].
अरबी व्याख्याहरू:
يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇشخەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ[22].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا
بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز)[23].
अरबी व्याख्याहरू:
أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا
ئەھلى جەننەت بۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ[24].
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا
شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ[25].
अरबी व्याख्याहरू:
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا
پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر[26].
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
अरबी व्याख्याहरू:
يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
अरबी व्याख्याहरू:
لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا
پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»[30].
अरबी व्याख्याहरू:
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا
شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر[31].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا
كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق [32].
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق[33].
अरबी व्याख्याहरू:
ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر[34].
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق[35].
अरबी व्याख्याहरू:
فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا
ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق[36].
अरबी व्याख्याहरू:
وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[37].
अरबी व्याख्याहरू:
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا
ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھەم (ھالاك قىلدۇق)[38].
अरबी व्याख्याहरू:
وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا
ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز ـ نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق[39].
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا
ئۇلار ھەقىقەتەن (شامغا بېرىپ كېلىشتە) يامان يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ (ئىبرەت ئالمامدۇ؟) ياق (يەنى ئىبرەت ئالمايدۇ)، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ[40].
अरबी व्याख्याहरू:
وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ 42].
अरबी व्याख्याहरू:
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ 42].
अरबी व्याख्याहरू:
أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا
ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟[43]
अरबी व्याख्याहरू:
أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر[44].
अरबी व्याख्याहरू:
أَلَمۡ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيۡفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوۡ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنٗا ثُمَّ جَعَلۡنَا ٱلشَّمۡسَ عَلَيۡهِ دَلِيلٗا
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈننىڭ چىققانلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلدۇق)[45].
अरबी व्याख्याहरू:
ثُمَّ قَبَضۡنَٰهُ إِلَيۡنَا قَبۡضٗا يَسِيرٗا
ئاندىن ئۇنى ئاستا – ئاستا يوقاتتۇق[46].
अरबी व्याख्याहरू:
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا وَٱلنَّوۡمَ سُبَاتٗا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورٗا
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى[47].
अरबी व्याख्याहरू:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
अरबी व्याख्याहरू:
لِّنُحۡـِۧيَ بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗا وَنُسۡقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقۡنَآ أَنۡعَٰمٗا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرٗا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَٰهُ بَيۡنَهُمۡ لِيَذَّكَّرُواْ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا
ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق (يەنى گاھ ئۇ يەرگە، گاھ بۇ يەرگە ياغدۇردۇق)، ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھقا) كۇفرىلىق قىلىدۇ[50].
अरबी व्याख्याहरू:
وَلَوۡ شِئۡنَا لَبَعَثۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٖ نَّذِيرٗا
ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق[51].
अरबी व्याख्याहरू:
فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا
شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن[52].
अरबी व्याख्याहरू:
۞ وَهُوَ ٱلَّذِي مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞ وَجَعَلَ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٗا وَحِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى[53].
अरबी व्याख्याहरू:
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ مِنَ ٱلۡمَآءِ بَشَرٗا فَجَعَلَهُۥ نَسَبٗا وَصِهۡرٗاۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرٗا
ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر[54].
अरबी व्याख्याहरू:
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمۡ وَلَا يَضُرُّهُمۡۗ وَكَانَ ٱلۡكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرٗا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر[55].
अरबी व्याख्याहरू:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[56].
अरबी व्याख्याहरू:
قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا
ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن) پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار (يول ئالسۇن)»[57].
अरबी व्याख्याहरू:
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡحَيِّ ٱلَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِهِۦۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا
(ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر[ 58].
अरबी व्याख्याहरू:
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَسۡـَٔلۡ بِهِۦ خَبِيرٗا
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ)[59].
अरबी व्याख्याहरू:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩
ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ[60].
अरबी व्याख्याहरू:
تَبَارَكَ ٱلَّذِي جَعَلَ فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجٗا وَقَمَرٗا مُّنِيرٗا
ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[61].
अरबी व्याख्याहरू:
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ خِلۡفَةٗ لِّمَنۡ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوۡ أَرَادَ شُكُورٗا
ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى[62].
अरबी व्याख्याहरू:
وَعِبَادُ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلَّذِينَ يَمۡشُونَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ هَوۡنٗا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ ٱلۡجَٰهِلُونَ قَالُواْ سَلَٰمٗا
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ)[63].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمۡ سُجَّدٗا وَقِيَٰمٗا
ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ[64].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱصۡرِفۡ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ[65].
अरबी व्याख्याहरू:
إِنَّهَا سَآءَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر»[66].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَنفَقُواْ لَمۡ يُسۡرِفُواْ وَلَمۡ يَقۡتُرُواْ وَكَانَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ قَوَامٗا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ[67].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ لَا يَدۡعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقۡتُلُونَ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَا يَزۡنُونَۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ يَلۡقَ أَثَامٗا
ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ[68].
अरबी व्याख्याहरू:
يُضَٰعَفۡ لَهُ ٱلۡعَذَابُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَيَخۡلُدۡ فِيهِۦ مُهَانًا
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ[69].
अरबी व्याख्याहरू:
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلٗا صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِهِمۡ حَسَنَٰتٖۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[70].
अरबी व्याख्याहरू:
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَإِنَّهُۥ يَتُوبُ إِلَى ٱللَّهِ مَتَابٗا
كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ)[71].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ لَا يَشۡهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّواْ بِٱللَّغۡوِ مَرُّواْ كِرَامٗا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ[72].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَمۡ يَخِرُّواْ عَلَيۡهَا صُمّٗا وَعُمۡيَانٗا
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ)[73].
अरबी व्याख्याहरू:
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبۡ لَنَا مِنۡ أَزۡوَٰجِنَا وَذُرِّيَّٰتِنَا قُرَّةَ أَعۡيُنٖ وَٱجۡعَلۡنَا لِلۡمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ[74].
अरबी व्याख्याहरू:
أُوْلَٰٓئِكَ يُجۡزَوۡنَ ٱلۡغُرۡفَةَ بِمَا صَبَرُواْ وَيُلَقَّوۡنَ فِيهَا تَحِيَّةٗ وَسَلَٰمًا
ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ[75].
अरबी व्याख्याहरू:
خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ حَسُنَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي![76]
अरबी व्याख्याहरू:
قُلۡ مَا يَعۡبَؤُاْ بِكُمۡ رَبِّي لَوۡلَا دُعَآؤُكُمۡۖ فَقَدۡ كَذَّبۡتُمۡ فَسَوۡفَ يَكُونُ لِزَامَۢا
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كاپىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»[77].
अरबी व्याख्याहरू:
 
अर्थको अनुवाद सूरः: सूरतुल् फुर्कान
अध्यायहरूको (सूरःहरूको) सूची رقم الصفحة
 
पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - उइगुर अनुवाद : शेख मुहम्मद सालेह । - अनुवादहरूको सूची

पवित्र कुर्आनको अर्थको उइगुर भाषामा अनुवाद, अनुवादक : शैख मुहम्मद सालेह र यसको संशोधन रव्वाद अनुवाद केन्द्रको निरीक्षणमा गरिएको छ । सुझाव, मूल्याङ्कन र निरन्तर परिमार्जनका लागि मूल अनुवाद हेर्न सक्नुहुन्छ ।

बन्द गर्नुस्