Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: نحل   آیت:
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ
ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاشتىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان ئۆيلەرنى قىلدى. بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەلگەندە ئۇنى كۆتۈرۈش سىلەرگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆگىنىڭ، كالىنىڭ ۋە قوينىڭ تېرىلىرىدىن سەھرادا شەھەرلەردىكى ئۆيلەرگە ئوخشايدىغان چېدىرلارنى قىلدى. بىر يەرگە چۈشكەندە ئۇنى قوراشتۇرۇشمۇ ئاسان بولىدۇ، سىلەر ئۈچۈن قوي ۋە تۆگىنىڭ يۇڭى، ئۆچكىنىڭ تىۋىتى، مەلۇم مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان تولۇم، يۇڭ تاغار ۋە ئۆيگە سالىدىغان كىگىز ۋە شىرداقلارنى قىلدى.
عربي تفسیرونه:
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّمَّا خَلَقَ ظِلَٰلٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡجِبَالِ أَكۡنَٰنٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ سَرَٰبِيلَ تَقِيكُمُ ٱلۡحَرَّ وَسَرَٰبِيلَ تَقِيكُم بَأۡسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡلِمُونَ
ئاللاھ سىلەرگە تاغلاردىن ۋە بىنالاردىن ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان سايىلەرنى قىلدى. تاغلاردىن سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن ۋە دۈشمەندىن مۇداپىئە قېلىدىغان غار، ئۆڭكۈر كامارلارنى قىلدى. سىلەرنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پاختا ۋە باشقا رەختلەردىن كۆينەك قاتارلىق كىيىملەرنى قىلدى. ئۇرۇشتا سىلەرنى مۇداپىئە قىلىدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى قىلدى، قورال سىلەرنىڭ جىسمىڭلارغا تەگمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرىكى نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغاندەك سىلەرگە نېئمىتىنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىدۇ. سىلەردىن پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكلا .ئۈمىد قېلىنىدۇ
عربي تفسیرونه:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى تەستىقلاش ۋە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت ئۇلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس.
عربي تفسیرونه:
يَعۡرِفُونَ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُنكِرُونَهَا وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى تونۇيدۇ، ئۇ نېئمەتلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلماستىن ئۇنىڭدىن تانىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چېقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچىلاردۇر.
عربي تفسیرونه:
وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ مِن كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدٗا ثُمَّ لَا يُؤۡذَنُ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىنى، ھەر بىر ئۈممەت ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، ئاندىن كېيىن كاپىرلارنىڭ ئۆزۈر ئېيتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى دۇنياغا قايتۇرمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ھېساب مەقامى ئەمەلنىڭ ماكانى ئەمەستۇر.
عربي تفسیرونه:
وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلۡعَذَابَ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
زالىم مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقتىدا ئازاب ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە مۆھلەتمۇ .بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار دوزاخقا كېرىپ ئۇ يەردە ئەبەدى مەڭگۈ قالىدۇ
عربي تفسیرونه:
وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ شُرَكَآءَهُمۡ قَالُواْ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ شُرَكَآؤُنَا ٱلَّذِينَ كُنَّا نَدۡعُواْ مِن دُونِكَۖ فَأَلۡقَوۡاْ إِلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلَ إِنَّكُمۡ لَكَٰذِبُونَ
مۇشرىكلار ئاخىرتتە ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقىتتا: پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سىلىنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىز دەيدۇ، ئۇلار بۇ سۆزنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويۇش ئۈچۈن دەيدۇ، مەبۇدلىرى ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ قىلغان ئىبادەتلىرىڭلاردا يالغانچى، ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىبادەت قېلىنىدىغان ھېچ .شېرىكى يوق، دەيدۇ
عربي تفسیرونه:
وَأَلۡقَوۡاْ إِلَى ٱللَّهِ يَوۡمَئِذٍ ٱلسَّلَمَۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
مۇشرىكلار تەسلىم بولىدۇ، بىر ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇتلىرىمىز شاپائەت قىلىدۇ دېگەن توقۇلما دەۋالىرى يوق .بولىدۇ
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• دلت الآيات على جواز الانتفاع بالأصواف والأوبار والأشعار على كل حال، ومنها استخدامها في البيوت والأثاث.
ئايەت ھەرقانداق ۋاقىتتا يۇڭ، چۈپۈر ۋە تېۋىتلەردىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ نەرسىلەردىن چېدىرلار ۋە ئۆي .ئاساسلىرى ياسىلىدۇ

• كثرة النعم من الأسباب الجالبة من العباد مزيد الشكر، والثناء بها على الله تعالى.
نېئمەتنىڭ كۆپ بولىشى بەندىلەردىن ئاللاھقا كۆپ شۈكۈر ئېيتىش ۋە .ھەمدۇ-سانا ئېيتىشنى تەقەززا قېلىدۇ

• الشهيد الذي يشهد على كل أمة هو أزكى الشهداء وأعدلهم، وهم الرسل الذين إذا شهدوا تمّ الحكم على أقوامهم.
ھەر بىر ئۈممەتكە گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچى، گۇۋاھچىنىڭ ئەڭ پاك ۋە ئادىللىرى بولۇپ ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. ئۇلار گۇۋاھلىق بەرگەندە ھۆكۈم تامام بولىدۇ.

• في قوله تعالى: ﴿وَسَرَابِيلَ تَقِيكُم بِأْسَكُمْ﴾ دليل على اتخاذ العباد عدّة الجهاد؛ ليستعينوا بها على قتال الأعداء.
ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ «تۆمۈر كىيىملەر سىلەرنى ئۇرۇشتا زەخمىلىنىشتىن ساقلايدۇ» دېگەن سۆزى، بەندىلەرنىڭ جىھاتتا دۇشمەت بىلەن ئۈچراشقاندا شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى قوللىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، دۇشمەندىن يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ دەلىلدۇر.

 
د معناګانو ژباړه سورت: نحل
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول