Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: نجم   آیت:

نەجم

د سورت د مقصدونو څخه:
إثبات صدق الوحي وأنه من عند الله.
ۋەھىينىڭ راستلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش.

وَٱلنَّجۡمِ إِذَا هَوَىٰ
ئاللاھ تائالا ساقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى.
عربي تفسیرونه:
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمۡ وَمَا غَوَىٰ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرا يولدىن ئېغىپ كەتمىدى، گۇمراھ بولمىدى. ئۇ توغرا يولدا ئىدى.
عربي تفسیرونه:
وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ
ئۇ، بۇ قۇرئان بىلەن نەپسى - خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ
بۇ قۇرئان پەقەت ۋەھىيدۇركى، ئاللاھ ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھىي قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ
ۋەھىينى ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەلىم بەردى.
عربي تفسیرونه:
ذُو مِرَّةٖ فَٱسۡتَوَىٰ
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى گۈزەل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا ئاللاھ ياراتقان ئەسلىي شەكىلدە كۆرۈندى.
عربي تفسیرونه:
وَهُوَ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡأَعۡلَىٰ
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
ئاندىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە چۈشتى.
عربي تفسیرونه:
فَكَانَ قَابَ قَوۡسَيۡنِ أَوۡ أَدۡنَىٰ
ئۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقى ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق ئىدى.
عربي تفسیرونه:
فَأَوۡحَىٰٓ إِلَىٰ عَبۡدِهِۦ مَآ أَوۡحَىٰ
ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق تېگىشلىك ۋەھىيلەرنى نازىل قىلدى
عربي تفسیرونه:
مَا كَذَبَ ٱلۡفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى كۆزى كۆرگەننى ئىنكار قىلمىدى.
عربي تفسیرونه:
أَفَتُمَٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
ئەي مۇشرىكلار! ئىسرا كېچىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلامسىلەر؟
عربي تفسیرونه:
وَلَقَدۡ رَءَاهُ نَزۡلَةً أُخۡرَىٰ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئىسرا كېچىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلىي كۆرۈنۈشىدە كۆردى
عربي تفسیرونه:
عِندَ سِدۡرَةِ ٱلۡمُنتَهَىٰ
ئۇنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا كۆردى، سىدرەتۇلمۇنتەھا يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىنتايىن چوڭ دەرەختۇر.
عربي تفسیرونه:
عِندَهَا جَنَّةُ ٱلۡمَأۡوَىٰٓ
جەننەتۇلمەئۋا ئاشۇ دەرەخنىڭ يېنىدىدۇر.
عربي تفسیرونه:
إِذۡ يَغۡشَى ٱلسِّدۡرَةَ مَا يَغۡشَىٰ
ئاللاھقا تەئەللۇق بولغان كاتتا بىر نەرسە سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئورىۋالدى. ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
مَا زَاغَ ٱلۡبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئوڭ - سولغا بۇرالمىدى، چەكتىنمۇ ئۆتۈپ كەتمىدى.
عربي تفسیرونه:
لَقَدۡ رَأَىٰ مِنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى، يەنى جەننەتنى، دوزاخنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆردى.
عربي تفسیرونه:
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱللَّٰتَ وَٱلۡعُزَّىٰ
ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
عربي تفسیرونه:
وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ
ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
عربي تفسیرونه:
أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلۡأُنثَىٰ
ئەي مۇشرىكلار! ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە، ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاللاھقا خاسمۇ؟
عربي تفسیرونه:
تِلۡكَ إِذٗا قِسۡمَةٞ ضِيزَىٰٓ
سىلەر ئۆز خاھىشىڭلار بىلەن بۆلگەن بۇ تەقسىمات ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.
عربي تفسیرونه:
إِنۡ هِيَ إِلَّآ أَسۡمَآءٞ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهۡوَى ٱلۡأَنفُسُۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلۡهُدَىٰٓ
بۇ بۇتلار پەقەت قۇرۇق نامدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلچە ئىلاھلىق سالاھيىتى يوق. سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆزۈڭلارچە شۇنداق ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا پەقەت گۇمانغا ۋە شەيتان كۆڭۈللىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىگىلا تايىنىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھىدايەت كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت تاپمىدى.
عربي تفسیرونه:
أَمۡ لِلۡإِنسَٰنِ مَا تَمَنَّىٰ
بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشامدۇ؟
عربي تفسیرونه:
فَلِلَّهِ ٱلۡأٓخِرَةُ وَٱلۡأُولَىٰ
ياق، ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولىدىغان ئىش يوق. ئاخىرەت ھەم بۇ دۇنيا يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ ئۇلاردىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە بەرمەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
۞ وَكَم مِّن مَّلَكٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ لَا تُغۡنِي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ أَن يَأۡذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرۡضَىٰٓ
ئاسمانلاردا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر بار، ئەگەر شۇلارمۇ بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلماقچى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان بىرىگە شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچنىمگە ئەسقاتمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• كمال أدب النبي صلى الله عليه وسلم حيث لم يَزغْ بصره وهو في السماء السابعة.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەتتىنچى ئاسماندىكى ۋاقتىدا كۆزىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاقىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر.

• سفاهة عقل المشركين حيث عبدوا شيئًا لا يضر ولا ينفع، ونسبوا لله ما يكرهون واصطفوا لهم ما يحبون.
مۇشرىكلارنىڭ قىلچە پايدا - زىيان ئەكېلەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنغانلىقى ھەمدە ئاللاھقا ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئايرىپ، ئۆزلىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تاللىۋالغانلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىكىدۇر.

• الشفاعة لا تقع إلا بشرطين: الإذن للشافع، والرضا عن المشفوع له.
شاپائەت پەقەت ئىككى شەرت بىلەن بولىدۇ: بىرى ئاللاھنىڭ شاپائەت قىلغۇچىغا رۇخسەت قىلىشى، يەنە بىرى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن رازى بولۇشى.

 
د معناګانو ژباړه سورت: نجم
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول