Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: واقعه   آیت:
إِنَّهُۥ لَقُرۡءَانٞ كَرِيمٞ
ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقىنى ئۇلۇغ قۇرئاندۇركى، ئۇنىڭدا كاتتا مەنپەئەتلەر باردۇر.
عربي تفسیرونه:
فِي كِتَٰبٖ مَّكۡنُونٖ
ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان كىتاب، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا (پۈتۈلگەندۇر).
عربي تفسیرونه:
لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُطَهَّرُونَ
ئۇنى پەقەت گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك بولغان پەرىشتىلەرلا تۇتالايدۇ.
عربي تفسیرونه:
تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندۇر.
عربي تفسیرونه:
أَفَبِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَنتُم مُّدۡهِنُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر مۇشۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، ئىنكار قىلامسىلەر؟
عربي تفسیرونه:
وَتَجۡعَلُونَ رِزۡقَكُمۡ أَنَّكُمۡ تُكَذِّبُونَ
ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى پېتىش ئالدىدىكى يۇلتۇزغا مەنسۇپ قىلىپ: بىز پالان ۋە پۇستان يۇلتۇز سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدۇرۇلدۇق، دەمسىلەر؟
عربي تفسیرونه:
فَلَوۡلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلۡحُلۡقُومَ
جان ھەلقۇمغا كەلگەندە سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەرغۇ!؟
عربي تفسیرونه:
وَأَنتُمۡ حِينَئِذٖ تَنظُرُونَ
ئاشۇ چاغدا سىلەر كۆز ئالدىڭلاردا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىگە قاراپ تۇرىسىلەر، (يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ).
عربي تفسیرونه:
وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُبۡصِرُونَ
بىز ئىلمىمىز، قۇدرىتىمىز ۋە پەرىشتىلىرىمىز بىلەن مېيىتلىرىڭلارغا سىلەردىنمۇ يېقىنراقمىز. لېكىن سىلەر ئۇ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەيسىلەر.
عربي تفسیرونه:
فَلَوۡلَآ إِن كُنتُمۡ غَيۡرَ مَدِينِينَ
ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر.
عربي تفسیرونه:
تَرۡجِعُونَهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر.
عربي تفسیرونه:
فَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار.
عربي تفسیرونه:
فَرَوۡحٞ وَرَيۡحَانٞ وَجَنَّتُ نَعِيمٖ
ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار.
عربي تفسیرونه:
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
فَسَلَٰمٞ لَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُكَذِّبِينَ ٱلضَّآلِّينَ
ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.
عربي تفسیرونه:
فَنُزُلٞ مِّنۡ حَمِيمٖ
ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَتَصۡلِيَةُ جَحِيمٍ
ئۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ ٱلۡيَقِينِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىسسە شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر.
عربي تفسیرونه:
فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ بىلگىن، ئۇنى ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• شدة سكرات الموت وعجز الإنسان عن دفعها.
ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىنسان ئۇنى دەپئى قىلىشتىن ئاجىزدۇر.

• الأصل أن البشر لا يرون الملائكة إلا إن أراد الله لحكمة.
ئىنسانلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەسلىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ بىرەر ھېكمەت يۈزىسىدىن كۆرسىتىشنى خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

• أسماء الله (الأول، الآخر، الظاهر، الباطن) تقتضي تعظيم الله ومراقبته في الأعمال الظاهرة والباطنة.
ئەلئەۋۋەل، ئەلئاخىر، ئەززاھىر ۋە ئەلباتىن قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ھەمدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

 
د معناګانو ژباړه سورت: واقعه
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول