Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه آیت: (73) سورت: انعام
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ وَيَوۡمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُۚ قَوۡلُهُ ٱلۡحَقُّۚ وَلَهُ ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتتى، ئۇ ھەر نەرسىگە: «ۋۇجۇدقا كەل» دېسىلا دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ چاغدا، يەنى قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: (قەبرەڭلاردىن) تۇرۇڭلار! دەيدۇ - دە، ھەممەيلەن شۇ ھامانلا تىرىلىپ قوپىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ راست سۆزىدۇركى، بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. بۇ چاغدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدۇ. ئاللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ يارىتىشىدا ۋە تەدبىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بارلىق مەخپىي ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشكارىغا ئوخشاشتۇر.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• الداعية إلى الله تعالى ليس مسؤولًا عن محاسبة أحد، بل هو مسؤول عن التبليغ والتذكير.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ھېچكىمدىن ھېساب ئېلىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى، پەقەتلا ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى دىننى يەتكۈزۈش ۋە پەند-نەسىھەت قىلىش ئىكەنلكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• الوعظ من أعظم وسائل إيقاظ الغافلين والمستكبرين.
ۋەز-نەسىھەت قىلىش بىخۇتلارنى ۋە تەكەببۇرلارنى سەگەكلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر.

• من دلائل التوحيد: أن من لا يملك نفعًا ولا ضرًّا ولا تصرفًا، هو بالضرورة لا يستحق أن يكون إلهًا معبودًا.
پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىرىنىڭ، قەتئىي قۇلچىلىق قىلىنىدىغان ئىلاھ بولالمايدىغانلىقى تەۋھىدنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
د معناګانو ژباړه آیت: (73) سورت: انعام
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول