Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: Taha   Ajeti:
قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلۡقِيَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنۡ أَلۡقَىٰ
سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئى مۇسا! ئىككى ئىشنىڭ بېرىنى تاللىغىن، ياكى سەن سېھرىدىن تەييارلىغان نەرسەڭنى تاشلىغىن ياكى بىز تەييارلىغان نەرسىلىرىمىزنى بۇرۇن تاشلايلى، دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ بَلۡ أَلۡقُواْۖ فَإِذَا حِبَالُهُمۡ وَعِصِيُّهُمۡ يُخَيَّلُ إِلَيۡهِ مِن سِحۡرِهِمۡ أَنَّهَا تَسۡعَىٰ
مۇسا ئەلەيھىسسالام: بەلكى سىلەر تەييارلىغان سېھرىنى بۇرۇن تاشلاڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سېھرىنى تاشلىدى، ئۇلارنىڭ تاشلىغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرى سېھرىنىڭ تەسىرىدىن مۇسا .ئەلەيھىسسالامغا تىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان يىلاندەك بېلىندى
Tefsiret në gjuhën arabe:
فَأَوۡجَسَ فِي نَفۡسِهِۦ خِيفَةٗ مُّوسَىٰ
ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام كۆڭلىدە قورقۇنچ ھېس .قىلدى
Tefsiret në gjuhën arabe:
قُلۡنَا لَا تَخَفۡ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡأَعۡلَىٰ
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ: ئى مۇسا! ساڭا خىيال قېلىنغان نەرسىدىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن سەن غەلبە-نۇسرەت بىلەن ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَأَلۡقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلۡقَفۡ مَا صَنَعُوٓاْۖ إِنَّمَا صَنَعُواْ كَيۡدُ سَٰحِرٖۖ وَلَا يُفۡلِحُ ٱلسَّاحِرُ حَيۡثُ أَتَىٰ
ئوڭ قولۇڭدىكى ھاسىنى تاشلىغىن، ھاسا يىلانغا ئايلىنىپ سېھرىدىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى يۈتىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى پەقەت سېھرىگەرلەرنىڭ ھىلە-مىكرىسىدۇر، سېھرىگەرلەر قەيەردە بولسا تەلەپ .قىلغان نەرسىسى بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
فَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سُجَّدٗا قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ هَٰرُونَ وَمُوسَىٰ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى تاشلىغان ئېدى، ھاسا يىلانغا ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ سېھىرلىرىنى يۈتىۋەتتى، سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ سېھىر ئەمەس، شەكسىز ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئاللاھقا سەجدە قىلىپ: بىز مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۇق دېيىشتى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ فِي جُذُوعِ ٱلنَّخۡلِ وَلَتَعۡلَمُنَّ أَيُّنَآ أَشَدُّ عَذَابٗا وَأَبۡقَىٰ
پىرئەۋن سېھرىگەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارغا تەھدىد قېلىپ: مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ ئى سېھرىگەرلەر! ھەقىقەتەن مۇسا سىلەرگە سېھرى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، سىلەردىن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپتىن قول-پۇتۇڭلارنى چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن. سىلەرنىڭ بەدەنلىرىڭلارنى سىلەر ئۆلگەنگە قەدەر خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن. سىلەر باشقىلارغا ئىبرەت بولىسىلەر، شۇ ۋاقىتتا قايسىمىزنىڭ ئازابى كۈچلۈك ۋە داۋاملاشقۇچى ئىكەنلىكىنى يەنى مېنىڭ ئازابىممۇ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىسىلەر!؟، دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالُواْ لَن نُّؤۡثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَآءَنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلَّذِي فَطَرَنَاۖ فَٱقۡضِ مَآ أَنتَ قَاضٍۖ إِنَّمَا تَقۡضِي هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَآ
سېھرىگەرلەر پىرئەۋنغا: ئى پىرئەۋن! بىز ھەرگىزمۇ ساڭا ئەگىشىشنى تاللاپ، بىزگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىزنى ياراتقان ئاللاھقا ئەگىشىشنى تەرك قىلمايمىز. بىزنى نېمە قىلساڭ قىلغىن، پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايسەن، ئاندىن سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق بولىدۇ، دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
إِنَّآ ءَامَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغۡفِرَ لَنَا خَطَٰيَٰنَا وَمَآ أَكۡرَهۡتَنَا عَلَيۡهِ مِنَ ٱلسِّحۡرِۗ وَٱللَّهُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ
بىز پەرۋەردىگارىمىزغا بىزنىڭ ئىلگىرى سادىر قىلغان كۇپىر ۋە باشقا گۇناھلىرىمىزنى ۋە سېنىڭ بىزنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى يېڭىۋىلىش ئۈچۈن ئۈگىنىشكە ۋە مەشىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان سېھرىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلسۇن دەپ ئىمان ئېيتتۇق. ئاللاھنىڭ مۇكاپىتى سېنىڭ ۋەدە قىلغان مۇكاپىتىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى سېنىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان جازالىشىڭدىن قاتتىق ۋە داۋام قىلغۇچىدۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
إِنَّهُۥ مَن يَأۡتِ رَبَّهُۥ مُجۡرِمٗا فَإِنَّ لَهُۥ جَهَنَّمَ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ
ئىشنىڭ خۇلاسىسى: كىمكى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا كاپىر بولغان ھالەتتە كېلىدىكەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەم بار، ئۇ مەڭگۈ تۇرىشى بېكىتىلگەن ھالەتتە جەھەننەمگە كېرگۈزىلىدۇ، ئازابتىن راھەتلىنىش ئۈچۈن ئۇ يەردە ھەرگىز ئۆلمەيدۇ ۋە راھەت ياشاش ئۈچۈن تېرگۈزۈلمەيدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَمَن يَأۡتِهِۦ مُؤۡمِنٗا قَدۡ عَمِلَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلدَّرَجَٰتُ ٱلۡعُلَىٰ
كىمكى قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالەتتە كېلىدىكەن، ئاشۇ كاتتا سۈپەتلەر بىلەن .سۈپەتلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئالى دەرىجىلەر بار
Tefsiret në gjuhën arabe:
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ مَن تَزَكَّىٰ
ئاشۇ ئالى دەرىجىلەر بولسا دائىم تۇرىدىغان جەننەت بولۇپ، جەننەتنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردە ئەبەدى قالىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ مۇكاپات ئۆزىنى كۇپىردىن ۋە ئاسىيلىقتىن پاك تۇتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• لا يفوز ولا ينجو الساحر حيث أتى من الأرض أو حيث احتال، ولا يحصل مقصوده بالسحر خيرًا كان أو شرًّا.
سېھرىگەر زېمىندا قانداق سېھىر ئىشلەتسۇن ياكى ھىلە قىلسۇن، ئىشلىگەن سېھرىسى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن كۆزلىگەن .مەقسىدى ھاسىل بولمايدۇ ۋە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ

• الإيمان يصنع المعجزات؛ فقد كان إيمان السحرة أرسخ من الجبال، فهان عليهم عذاب الدنيا، ولم يبالوا بتهديد فرعون.
ئىمان مۆجىزىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن سېھرىگەرلەرنىڭ ئىمانى تاغدىن مۇستەھكەم ئېدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا دۇنيانىڭ ئازابى .تۆۋەن بېلىندى، پىرئەۋننىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمىدى

• دأب الطغاة التهديد بالعذاب الشديد لأهل الحق والإمعان في ذلك للإذلال والإهانة.
تاغۇتلارنىڭ ئادىتى دائىم ھەق ئەھلىگە قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىد .قېلىش، ئۇلارنى خارلاش ۋە ئاھانەت قېلىشتۇر

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: Taha
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll