Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: Taha   Ajeti:
كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ مَا قَدۡ سَبَقَۚ وَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ مِن لَّدُنَّا ذِكۡرٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنىڭ خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەنگە ئوخشاش، ساڭا تەسەللى بولسۇن دەپ سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز. بىز ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى .ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالغۇچىلار نەسىھەت ئالىدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
مَّنۡ أَعۡرَضَ عَنۡهُ فَإِنَّهُۥ يَحۡمِلُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وِزۡرًا
كىمكى ساڭا نازىل قېلىنغان بۇ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدىكەن، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدىكەن، ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنى ئېغىر گۇناھ يۈكلىنىدۇ، دەرتلىك ئازابقا ھەقلىق .بولىدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
خَٰلِدِينَ فِيهِۖ وَسَآءَ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ حِمۡلٗا
ئۇ گۇناھى ئۈچۈن دائىم ئازابتا بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈستىگە .ئالغان بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ وَنَحۡشُرُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ زُرۡقٗا
بۇ پەرىشتە قەبىردىن قوزغاش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدىغان كۈندۈر. ئۇ كۈندە ئۇچرىغان ئىشلارنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىن كاپىرلارنى رەڭگى قارىداپ كۆزلىرى كۆكۈرۈپ .كەتكەن ھالەتتە يېغىمىز
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَتَخَٰفَتُونَ بَيۡنَهُمۡ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا عَشۡرٗا
ئۇلار پىچىرلىشىپ ئۆلگەندىن كېيىن بەرزەختە پەقەت ئون كۈنلا .تۇردۇڭلار دېيىشىدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذۡ يَقُولُ أَمۡثَلُهُمۡ طَرِيقَةً إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا يَوۡمٗا
ئۇلارنىڭ مەخپى نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بېلىمىز، بىزدىن ھېچ نەرسە يوقالمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەقىل-پەراسەتلىكلىرى: سىلەر بەرزەختە كۆپ ئەمەس پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلا دەيدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡجِبَالِ فَقُلۡ يَنسِفُهَا رَبِّي نَسۡفٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار سەندىن قىيامەت كۈنىدە تاغلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورايدۇ؟، ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم تاغنى تېگىدىن يۈلۈپ كۈكۈم تالقان قېلىپ چېچىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توزاندا بولۇپ كېتىدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
فَيَذَرُهَا قَاعٗا صَفۡصَفٗا
تاغنى كۆتۈرگەن زېمىنلارنى ئۈستىدە نە بىنا، نە ئۆسۈملۈك بولمىغان .تۈزلەڭ ھالەتتە قويىمىز
Tefsiret në gjuhën arabe:
لَّا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجٗا وَلَآ أَمۡتٗا
ئى زېمىنغا قارىغۇچى! زېمىن تەپ-تەكشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە .نە ئىگىزلىك ۋە نە چوڭقۇرلۇقنى كۆرەلمەيسەن
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَوۡمَئِذٖ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُۥۖ وَخَشَعَتِ ٱلۡأَصۡوَاتُ لِلرَّحۡمَٰنِ فَلَا تَسۡمَعُ إِلَّا هَمۡسٗا
ئۇ كۈندە كىشىلەر يېغىلىش مەيدانىغا چاقىرغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن قىڭغىر كەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيبىتىدىن قورقۇپ ئاۋازلار بېسىقىدۇ، ئۇ كۈندە پەقەت پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَوۡمَئِذٖ لَّا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُۥ قَوۡلٗا
بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ شاپائەت قېلىشقا رۇخسەت قىلغان ۋە شاپائەت ئۈچۈن ئاللاھ سۆزىدىن رازى بولغان كىشىدىن باشقا ھېچقانداق .ئىنساننىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِۦ عِلۡمٗا
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ كىلىچىكىدىكى ۋە ئۆتمۈشىدىكى، شۇنداقلا قىيامەتكە ئالاقىدار بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. ئۇلار بولسا ئاللاھنىڭ زاتى سىپاتىغا ئالاقىدار بولغان ئىلىملاردىن ھېچ نېمىنى .بىلمەيدۇ
Tefsiret në gjuhën arabe:
۞ وَعَنَتِ ٱلۡوُجُوهُ لِلۡحَيِّ ٱلۡقَيُّومِۖ وَقَدۡ خَابَ مَنۡ حَمَلَ ظُلۡمٗا
قىيامەتتە گۇناھكار بەندىلەرنىڭ يۈزى خار بولىدۇ. ۋاپات بولمايدىغان مەڭگۈ ھايات بولغان، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، تەدبىر قىلغۇچى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاللاھتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گۇناھ ئىشلىسە، ئاخىرەتتە ھالاكەتكە دۇچار بولۇپ زىيان تارتىدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا يَخَافُ ظُلۡمٗا وَلَا هَضۡمٗا
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى تولۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇ قىلمىغان گۇناھىنىڭ سەۋەبىدىن ئازابلىنىش ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ كىمەيتىلىنىشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن زۇلۇم قېلىنىشتىن قورقمايدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا وَصَرَّفۡنَا فِيهِ مِنَ ٱلۡوَعِيدِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ أَوۡ يُحۡدِثُ لَهُمۡ ذِكۡرٗا
ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى نازىل قىلغانغا ئوخشاش بۇ قۇرئاننى ئوچۇق ئەرەب تېلىدا نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمدە تەھدىد قىلىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ئازابنىڭ تۈرلىرىنى .بايان قىلدۇق
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• القرآن العظيم كله تذكير ومواعظ للأمم والشعوب والأفراد، وشرف وفخر للإنسانية.
بۈيۈك قۇرئاننىڭ ھەممىسى بارلىق مىللەت، خەلق ۋە شەخسلەر ئۈچۈن ئەسلىتىش، ۋەز-نەسىھەت شۇنداقلا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن شان-شەرەپ .ۋە پەخرىدۇر

• لا تنفع الشفاعة أحدًا إلا شفاعة من أذن له الرحمن، ورضي قوله في الشفاعة.
قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ۋە شاپائەت توغرىسىدا سۆزىدىن رازى بولغان كىشىدىن باشقا كىشىنىڭ شاپائىتى .مەنپەئەت قىلمايدۇ

• القرآن مشتمل على أحسن ما يكون من الأحكام التي تشهد العقول والفطر بحسنها وكمالها.
قۇرئان كەرىم ئەڭ گۈزەل ھۆكۈملەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە مۇكەممەللىكىگە ساغلام ئەقىل ۋە ساپ تەبىئەت شاھىت .بولىدۇ

• من آداب التعامل مع القرآن تلقيه بالقبول والتسليم والتعظيم، والاهتداء بنوره إلى الصراط المستقيم، والإقبال عليه بالتعلم والتعليم.
قۇرئان كەرىم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەبلىرىدىن: قۇرئان كەرىمنى قوبۇل قىلىش، بويسۇنۇش، ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن توغرا يولغا .يېتەكلىنىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر

• ندم المجرمين يوم القيامة حيث ضيعوا الأوقات الكثيرة، وقطعوها ساهين لاهين، معرضين عما ينفعهم، مقبلين على ما يضرهم.
جىنايەتچىلەر قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى زايە قېلىۋەتكەنلىكى، ۋاقىتنى ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكى، پايدىلىق ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان ئىشلارغا .يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمەن قېلىدۇ

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: Taha
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll