Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Ajeti: (77) Surja: Gafir
فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ساڭا نۇسرەت بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىز بەدرى كۈنىسىدىكىگە ئوخشاش ساڭا ھايات ۋاقتىڭدا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك ياكى سېنى ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپتۇرساق، قىيامەت كۈنى ئۇلار يەنىلا يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىپ، ئىنكارچى كاپىرلارنى مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخقا كىرگۈزىمىز.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• التدرج في الخلق سُنَّة إلهية يتعلم منها الناس التدرج في حياتهم.
مەخلۇقاتلىرىدا تەدرىجىي يول تۇتۇش ئىلاھىي قانۇنىيەت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنسانلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە تەدرىجىي ئىش تۇتۇشنى ئۆگىنىدۇ.

• قبح الفرح بالباطل.
باتىلغا خۇشال بولۇش قەبىھ قىلمىشتۇر.

• أهمية الصبر في حياة الناس، وبخاصة الدعاة منهم.
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا، بولۇپمۇ دەۋەتچىلەرنىڭ ھاياتىدا سەۋرچانلىق ئىنتايىن مۇھىم.

 
Përkthimi i kuptimeve Ajeti: (77) Surja: Gafir
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll