Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: El Huxhurat   Ajeti:
وَلَوۡ أَنَّهُمۡ صَبَرُواْ حَتَّىٰ تَخۡرُجَ إِلَيۡهِمۡ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! كاشكى سېنى ئاياللىرىڭنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغان بۇ ئادەملەر سەۋر قىلىپ، توۋلىماي تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققىنىڭدىن كېيىن ساڭا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە سېنى ھۇجرىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ چاقىرغاندىن ياخشىراق بولاتتى. چۈنكى بۇنداق قىلىش سېنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ۋە باشقىلاردىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ نادانلىقىنى كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن جَآءَكُمۡ فَاسِقُۢ بِنَبَإٖ فَتَبَيَّنُوٓاْ أَن تُصِيبُواْ قَوۡمَۢا بِجَهَٰلَةٖ فَتُصۡبِحُواْ عَلَىٰ مَا فَعَلۡتُمۡ نَٰدِمِينَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە بىرەر پاسىق باشقىلاردىن بىرەر مەلۇمات ئېلىپ كەلسە ئۇ ئېلىپ كەلگەن مەلۇماتنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار، - ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئېنىقلىماستىن ئىشىنىپ كەتسەڭلار - ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمىگەن بىراۋغا ئۇۋال قىلىپ قويماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭلار. بولمىسا سىلەر ئۇلارنى بىئارام قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە ئۇنىڭ مەلۇماتىنىڭ يالغانلىقى ئايدىڭلاشسا پۇشايمان قىپ قالىسىلەر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ فِيكُمۡ رَسُولَ ٱللَّهِۚ لَوۡ يُطِيعُكُمۡ فِي كَثِيرٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِ لَعَنِتُّمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ حَبَّبَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَزَيَّنَهُۥ فِي قُلُوبِكُمۡ وَكَرَّهَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكُفۡرَ وَٱلۡفُسُوقَ وَٱلۡعِصۡيَانَۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلرَّٰشِدُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! بىلىپ قېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەھىي چۈشۈۋاتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بار. شۇڭا يالغان ئېيتىشتىن پەخەس بولۇڭلار. بولمىسا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈپ، سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارنى پاش قىپ قويىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر سىلەرنىڭ نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سىلەردىن ياخشىراق بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سىلەر تەكلىپ بەرگەن ئىشلارنىڭ كۆپىدە سىلەرگە ماقۇل دەپ تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە جاپاغا چۈشۈپ قالاتتىڭلاركى، ئۇ سىلەرنىڭ جاچا تارتىشىڭلارنى خالىمايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرگە ئىماننى سۆيدۈردى، ئۇنى قەلبىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىمان ئېيتتىڭلار. سىلەرگە كۇپرىنى، ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى ۋە ئاسىيلىق قىلىشنى يامان كۆرسەتتى. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر ھىدايەت ۋە توغرا يولدا ماڭغۇچىلاردۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَنِعۡمَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
قەلبىڭلاردا ياخشىلىقنىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈپ، يامانلىقنىڭ يامان كۆرۈلۈشىدىن ئىبارەت سىلەر ئىگە بولغان بۇ سۈپەت شەكسىزكى ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتى ۋە مەرھەمىتىدۇر، ئۇنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن شۈكرى قىلغانلارنى ۋە توغرىغا مۇۋەپپەق قىلىنغانلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھەر ئىشنى ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَإِن طَآئِفَتَانِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱقۡتَتَلُواْ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَاۖ فَإِنۢ بَغَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا عَلَى ٱلۡأُخۡرَىٰ فَقَٰتِلُواْ ٱلَّتِي تَبۡغِي حَتَّىٰ تَفِيٓءَ إِلَىٰٓ أَمۡرِ ٱللَّهِۚ فَإِن فَآءَتۡ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَا بِٱلۡعَدۡلِ وَأَقۡسِطُوٓاْۖ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ
ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا ئۇلارنى ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئىشتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە كېلىشكە چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار.ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەرسى ياراشقىلى ئۇنىماي، قارشى تەرەپكە چېقىلسا، چېقىلغۇچى تەرەپ تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ھەققانىيلىق ۋە ئىنساپ بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ ھۆكۈملىرىدە ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِخۡوَةٞ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَ أَخَوَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
شەكسىزكى مۇئمىنلەر ئىسلامدا قېرىنداشلاردۇر، - ئەي مۇئمىنلەر! - ئىسلامدىكى قېرىنداشلىق دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى قېرىنداشنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلاركى، رەھىم قىلىنغايسىلەر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَسۡخَرۡ قَوۡمٞ مِّن قَوۡمٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُونُواْ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا نِسَآءٞ مِّن نِّسَآءٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهُنَّۖ وَلَا تَلۡمِزُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَلَا تَنَابَزُواْ بِٱلۡأَلۡقَٰبِۖ بِئۡسَ ٱلِٱسۡمُ ٱلۡفُسُوقُ بَعۡدَ ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن لَّمۡ يَتُبۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر. بىر بۆلۈك ئاياللار يەنە بىر بۆلۈك ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن. مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىدىدۇر. بىر - بىرىڭلارنى يامان كۆرىدىغان لەقەم بىلەن ئاتىماڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئەنسارىلار شۇنداق قىلاتتى. ئاراڭلاردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ پاسىقتۇر. ئىماندىن كېيىنكى پاسىقلىق سۈپىتى نېمىدېگەن يامان! كىمكى بۇ گۇناھلاردىن تەۋبە قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• وجوب التثبت من صحة الأخبار، خاصة التي ينقلها من يُتَّهم بالفسق.
بۇ ئايەتلەر كەلگەن مەلۇماتلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، بولۇپمۇ پاسىقلىق بىلەن قارىلانغان بىرەرسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مەلۇماتى تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• وجوب الإصلاح بين من يتقاتل من المسلمين، ومشروعية قتال الطائفة التي تصر على الاعتداء وترفض الصلح.
مۇسۇلمانلاردىن ئۇرۇشۇپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، يولسىزلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يارىشىشنى رەت قىلغان گۇرۇھقا ئۇرۇش ئېچىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• من حقوق الأخوة الإيمانية: الصلح بين المتنازعين والبعد عما يجرح المشاعر من السخرية والعيب والتنابز بالألقاب.
مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش ۋە يامان لەقەملەر بىلەن ئاتاشتىن ئىبارەت قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، شۇنداقلا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇپ قويۇش قاتارلىق ئىشلار ئىمانىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىدۇر.

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: El Huxhurat
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll