Check out the new design

แปล​ความหมาย​อัลกุรอาน​ - คำแปลภาษาอุยกูร์ สำหรับหนังสืออรรถาธิบายอัลกุรอานอย่างสรุป (อัลมุคตะศ็อร ฟีตัฟซีร อัลกุรอานิลกะรีม) * - สารบัญ​คำแปล


แปลความหมาย​ สูเราะฮ์: Al-A‘rāf   อายะฮ์:
قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي نَفۡعٗا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ وَلَوۡ كُنتُ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ لَٱسۡتَكۡثَرۡتُ مِنَ ٱلۡخَيۡرِ وَمَا مَسَّنِيَ ٱلسُّوٓءُۚ إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئەي مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئاللاھ خالىمىسا ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. مەن پەقەت ئاللاھ ماڭا بىلدۇرگەننىلا بېلىمەن، غەيىبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام ئىدىم، بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى بىگەنلىكىم ۋە بولىدىغان ئىشلارنى بىلگەنلىكىم سەۋەبلىك ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى توسۇپ قالالىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەستىقلايدىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ كاتتا مۇكاپاتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەردۇرمەن.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
۞ هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَجَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا لِيَسۡكُنَ إِلَيۡهَاۖ فَلَمَّا تَغَشَّىٰهَا حَمَلَتۡ حَمۡلًا خَفِيفٗا فَمَرَّتۡ بِهِۦۖ فَلَمَّآ أَثۡقَلَت دَّعَوَا ٱللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنۡ ءَاتَيۡتَنَا صَٰلِحٗا لَّنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ
ئەي ئەر-ئاياللار! ئاللاھ سىلەرنى بىر جاندىن يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياراتتى، ئادەمدىن ئۇنىڭ خوتۇنى ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەمنىڭ ھەۋۋا بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىپ خاتىرجەم بولىشى ئۈچۈن ھەۋۋانى ئۇنىڭ قوۋۇرغىسىدىن ياراتتى، ئەر ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن خوتۇنى ھېس قىلمايدىغان دەرىجىدە يېنىككىنە قورساق كۆتۈردى، چۈنكى ئۇ ھامىلە دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىدى، ئايال ئېغىرلىق ھېس قىلماستىن ئۆز ھاجەتلىرىدىن چىقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ يۇردى، ئايالنىڭ قورسىقى يوغىناپ ئايال ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ئەر-ئايال ئىككەيلەن پەرۋەردىگارىغا: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىزگە يارىتىلىشى بىجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ ئەلۋەتتە نېئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىمىز دەپ دۇئا قىلدى.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُمَا صَٰلِحٗا جَعَلَا لَهُۥ شُرَكَآءَ فِيمَآ ءَاتَىٰهُمَاۚ فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا دۇئا قىلغىنىدەك بىجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئۇلار بالىلىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ قۇلى قىلىپ بالىسىنى ئابدۇلھارىس يەنى (ھارىسنىڭ قۇلى ) دەپ ئاتىدى. ئاللاھ ھەرقانداق شېرىكتىن پاكتۇر، ئۇ پەرۋەردىگارلىق ۋە ئىلاھلىقدا يەككە -يېگانىدۇر.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
أَيُشۡرِكُونَ مَا لَا يَخۡلُقُ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ
ئۇلار بۇ بۇتلارنى ۋە بۇنىڭدىن باشقىلىرىنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇتلارنىڭ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغانلىقىنى شۇڭا ئىبادەتكىمۇ ھەقلىق بولمايدىغانلىقىنى بەلكى بۇتلارنىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بېلىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ؟!
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ لَهُمۡ نَصۡرٗا وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ
بۇ مەبۇدلار چوقۇنغۇچىلىرىغىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ؟!
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمۡۚ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡ أَدَعَوۡتُمُوهُمۡ أَمۡ أَنتُمۡ صَٰمِتُونَ
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ قىلىۋالغان بۇ بۇتلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار سىلەرنىڭ چاقىرىقىڭلارغا ئاۋاز قوشمايدۇ ۋە سىلەرگىمۇ ئەگەشمەيدۇ، سىلەر مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر، چۈنكى ئۇلار پەقەت جانسىز ۋە ئەقىلسىزدۇر، ئۇلار ئاڭلىيالمايدۇ ۋە سۆزلىيەلمەيدۇ.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ عِبَادٌ أَمۡثَالُكُمۡۖ فَٱدۡعُوهُمۡ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇشتا سىلەرگە ئوخشاش ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئۇلاردىن ئەۋزەلراق، چۈنكى سىلەر ھايات سۆزلىيەلەيسىلەر، ماڭالايسىلەر، ئاڭلىيالايسىلەر ۋە كۆرەلەيسىلەر، بۇتلىرىڭلار بۇنداق ئەمەس، ئەگەر سىلەر داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇپ باقسۇن.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
أَلَهُمۡ أَرۡجُلٞ يَمۡشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَيۡدٖ يَبۡطِشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَعۡيُنٞ يُبۡصِرُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۗ قُلِ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنظِرُونِ
سىلەر ئىلاھ قىلىۋالغان بۇتلارنىڭ مېڭىپ ھاجىتىنى قامدايدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى سىلەرنى كۈچ بىلەن قوغدايدىغان قولى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ غەيىبنى كۆرۈپ سىلەرگە خەۋەر قىلىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ياكى ئۇلارنىڭ مەخپى ئىشلارنى ئاڭلاپ سىلەرگە يەتكۈزىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟. ئەگەر بۇتلار بۇلارنى قىلالمىسا، پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى دەپئى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ قانداقمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟!. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار ئاندىن كېيىن ماڭا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار.
ตัฟสีรต่างๆ​ ภาษาอาหรับ:
ประโยชน์​ที่​ได้รับ​:
• في الآيات بيان جهل من يقصد النبي صلى الله عليه وسلم ويدعوه لحصول نفع أو دفع ضر؛ لأن النفع إنما يحصل من قِبَلِ ما أرسل به من البشارة والنذارة.
يۇقىرىقى ئايەتلەردە؛ پايدىنى قولغا كەلتۇرۇپ زىياننى دەپئى قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا قىلغان ئادەمنىڭ نادانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى مەنپەئەت پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن خۇش-بىشارەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ھاسىل بولىدۇ.

• جعل الله بمنَّته من نوع الرجل زوجه؛ ليألفها ولا يجفو قربها ويأنس بها؛ لتتحقق الحكمة الإلهية في التناسل.
ئاللاھ ئۆز نېئمىتى بىلەن ئايالنى ئەرنىڭ تۈرىدىن ياراتتى، چۈنكى نەسىل قالدۇرۇشتا ئىلاھى ھىكمەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئەر ئايالى بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەتتە بولىدۇ، بۇ جەرياندا بىربىرى بىلەن ئۆزلىشىپ بىرگە ياشاشتىن زىرىكىشىپ قالمايدۇ.

• لا يليق بالأفضل الأكمل الأشرف من المخلوقات وهو الإنسان أن يشتغل بعبادة الأخس والأرذل من الحجارة والخشب وغيرها من الآلهة الباطلة.
مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئەۋزەل ئىنساننىڭ تاش، ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ تۆۋەن ۋە ئەڭ خار باتىل ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشى لايىق ئەمەس.

 
แปลความหมาย​ สูเราะฮ์: Al-A‘rāf
สารบัญสูเราะฮ์ หมายเลข​หน้า​
 
แปล​ความหมาย​อัลกุรอาน​ - คำแปลภาษาอุยกูร์ สำหรับหนังสืออรรถาธิบายอัลกุรอานอย่างสรุป (อัลมุคตะศ็อร ฟีตัฟซีร อัลกุรอานิลกะรีม) - สารบัญ​คำแปล

โดย ศูนย์ตัฟซีรเพื่อการศึกษาอัลกุรอาน

ปิด