Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Hūd   Ayah:

ھۇد

Ilan sa mga Layon ng Surah:
تثبيت النبي والمؤمنين بقصص الأنبياء السابقين، وتشديد الوعيد للمكذبين.
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم قىلىش، ھەقنى يالغانغا چىقارغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

الٓرۚ كِتَٰبٌ أُحۡكِمَتۡ ءَايَٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتۡ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
ئەلىف، لام، را. بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. قۇرئان ئايەتلىرى تۈزۈلىشى ۋە مەناسى تەرىپىدىن پۇختا كىتابتۇر. سەن بۇ كىتابتا ھېچقانداق يوچۇق ۋە نۇقساننى تاپالمايسەن. بۇ كىتابتا ھالال ۋە ھارام، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ناچار ئادەملەرگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىسسىلەر بايان قىلىنغان. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەھكاملارنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەردار زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۚ إِنَّنِي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقا نەرسىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىشتىن چەكلەشدۇر. ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى ئەگەر كاپىر بولساڭلار ۋە ئاسى بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن قورقۇتىمەن، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلساڭلار ئاللاھنىڭ ساۋابى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىمەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنِ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِ يُمَتِّعۡكُم مَّتَٰعًا حَسَنًا إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَيُؤۡتِ كُلَّ ذِي فَضۡلٖ فَضۡلَهُۥۖ وَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ كَبِيرٍ
ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىڭلارغا پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتى دۇنيادىن ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەمەل ۋە ئىبادەت قىلغان ھەر قانداق كىشىگە ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن قورقۇتىمەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن ھېساب ئېلىشتىن ئاللاھ ئاجىز كەلمەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَلَآ إِنَّهُمۡ يَثۡنُونَ صُدُورَهُمۡ لِيَسۡتَخۡفُواْ مِنۡهُۚ أَلَا حِينَ يَسۡتَغۡشُونَ ثِيَابَهُمۡ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
راستىنلا مۇشرىكلار نادانلىقتىن دىللىرىدىكى شەكنى ئاللاھتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆكرەكلىرىنى ئىگىپ ماڭىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار باشلىرىنى كىيىم بىلەن چۆمكىۋالغاندىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن قەلبتە يوشۇرۇلغان نەرسىنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• إن الخير والشر والنفع والضر بيد الله دون ما سواه.
شۈبھىسىزكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

• وجوب اتباع الكتاب والسُّنَّة والصبر على الأذى وانتظار الفرج من الله.
قۇرئان-سۈننەتكە ئەگىشىش يولىدا كەلگەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەڭچىلىك ئاتا قىلىشىنى كۈتۈش ۋاجىپتۇر.

• آيات القرآن محكمة لا يوجد فيها خلل ولا باطل، وقد فُصِّلت الأحكام فيها تفصيلًا تامَّا.
قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈملەر ھېچقانداق يوچۇق تېپىلمايدىغان ھالەتتە مەناسى ئېنىقتۇر، ئۇنىڭدا ئەھكاملار تولۇۇق ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر.

• وجوب المسارعة إلى التوبة والندم على الذنوب لنيل المطلوب والنجاة من المرهوب.
جەننەتكە ئېرىشىپ، دەۋزەختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گۇناھلارغا تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشقا ئالدىراش ۋاجىپتۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Hūd
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara