Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Yūsuf   Ayah:
وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ
مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى يۇسۇفكە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ۋە ھىيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تېخىمۇ خالى بولۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: قېنى كەل، دېدى. يۇسۇف: سەن مېنى چاقىرغان ئىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن. خوجايىنىم ماڭا تولىمۇ ياخشىلىق قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەرگىز خىيانەت قىلمايمەن، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلسام ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغان بولىمەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ نىجات تاپالمايدۇ، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَقَدۡ هَمَّتۡ بِهِۦۖ وَهَمَّ بِهَا لَوۡلَآ أَن رَّءَا بُرۡهَٰنَ رَبِّهِۦۚ كَذَٰلِكَ لِنَصۡرِفَ عَنۡهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلۡفَحۡشَآءَۚ إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُخۡلَصِينَ
ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تولىمۇ قىزىقتۇردى. ئەگەر يۇسۇف ئاللاھنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن توسۇپ قالالايدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىگىمۇ كېچىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ناچار قىلمىشلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنى زىنا ۋە خىيانەتتىن يىراق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق مۆجىزىنى كۆرسەتتۇق. شەكسىزكى يۇسۇف بىزنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱسۡتَبَقَا ٱلۡبَابَ وَقَدَّتۡ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٖ وَأَلۡفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلۡبَابِۚ قَالَتۡ مَا جَزَآءُ مَنۡ أَرَادَ بِأَهۡلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسۡجَنَ أَوۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ھەر ئىككىلىسى ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى، يۇسۇف ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ، ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا ئۇنى توسۇپ قېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى تارتىۋېدى، كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككىسى ئىشىك ئالدىدا ئەزىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئەزىزنىڭ ئايالى ئەزىزگە مۇغەمبەرلىك بىلەن: ئەي ئەزىز! ئايالىڭنىڭ ئىپپىتىنى ئاياق ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق جازالاش بولۇشى كېرەك، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ هِيَ رَٰوَدَتۡنِي عَن نَّفۡسِيۚ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٖ فَصَدَقَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام: ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلمىدىم، دېدى. ئاللاھ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ جەمەتىدىن بۆشۈكتىكى بىر نارەسىدىنى سۆزلەتتى - دە، ئۇ مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، چۈنكى ئۇ يۇسۇفتىن ئۆزىنى قوغدىغان بولۇپ، يۇسۇف يالغانچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ فَكَذَبَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ يۇسۇفنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يۇسۇف ئۇنىڭدىن قاچقان. بۇ چاغدا ئەزىزنىڭ ئايالى يالغانچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيۡدِكُنَّۖ إِنَّ كَيۡدَكُنَّ عَظِيمٞ
ئەزىز يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىگە ئىشەندى ھەمدە: ئەي ئاياللار جامائەسى! ئايالىم يۇسۇفكە چاپلىغان تۆھمەت سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يُوسُفُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَاۚ وَٱسۡتَغۡفِرِي لِذَنۢبِكِۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلۡخَاطِـِٔينَ
ئۇ يۇسۇفكە: ئەي يۇسۇف! بۇ ئىشنى بولدى قىلغىن، باشقىلارغا سۆزلەپمۇ يۈرمىگىن. (زۈلەيخا!) سەنمۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن. سەن ھەقىقەتەن يۇسۇفتىن غەيرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن گۇناھكارلاردىن بولدۇڭ، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَقَالَ نِسۡوَةٞ فِي ٱلۡمَدِينَةِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفۡسِهِۦۖ قَدۡ شَغَفَهَا حُبًّاۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ ئىشى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتتى، بىر قىسىم ئاياللار ئۇنى ئەيىبلىگەن ھالدا: ئەزىزنىڭ ئايالى ئۆز قۇلىدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىپتۇما؟ ئۇنىڭ سۆيگۈسى زۈلەيخانى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان گەپ. بىز زۈلەيخانىڭ ئۆز قۇلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئوچۇق - ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز، دېيىشتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• قبح خيانة المحسن في أهله وماله، الأمر الذي ذكره يوسف من جملة أسباب رفض الفاحشة.
بۇ ئايەتلەر ئائىلىسى ۋە مال - مۈلۈكلىرى بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچىغا خىيانەت قىلىشنىڭ تولىمۇ ناچار قىلمىش ئىكەنلىكىنى، يۇسۇف تىلغا ئالغان بۇ ئىشنىڭ پاھىشە ئىشلارنى رەت قىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• بيان عصمة الأنبياء وحفظ الله لهم من الوقوع في السوء والفحشاء.
پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھتىن خالىي ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ناچار ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• وجوب دفع الفاحشة والهرب والتخلص منها.
ناشايان قىلمىشلارنى رەت قىلىش، قېچىش ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• مشروعية العمل بالقرائن في الأحكام.
ھۆكۈملەردە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئېتىبار بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Yūsuf
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara