Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Nahl   Ayah:
وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
بىز سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن مۇشۇ چارۋىلار سىلەرنىڭ ئېغىر يۈك-تاقىلىرىڭلارنى سەپەرلەردە سىلەر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يېتىپ بارىدىغان شەھەرلەرگە كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار شەپقەتلىكتۇر، بۇ چارۋىلارنى سىلەرگە .بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن مېھرىباندۇر
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى سىلەرنىڭ مېنىشىڭلار، يۈك ئارتىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا زىننەتلىنىپ چېقىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ نەرسىلەرنى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ زىننىتى قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزى يارىتىشنى خالىغان نەرسىلەردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَعَلَى ٱللَّهِ قَصۡدُ ٱلسَّبِيلِ وَمِنۡهَا جَآئِرٞۚ وَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئىسلامدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولنى بايان قېلىپ بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن شەيتاننىڭ يوللىرى بار، ئىسلام يولىدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى قىڭغىر يولدۇر، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قېلىشنى خالىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلاتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ
ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇلۇتتىن سۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇ سۇدىن سىلەر ئېچىسىلەر، چارۋىلىرىڭلارنى سۇغۇرىسىلەر، بۇ ئارقىلىق چارۋىلىرىڭلارنى باقىدىغان ئۆت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
يامغۇر سۈيىدىن ئاللاھ سىلەرگە سىلەر يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇ سۇدا ۋە سۇ ئارقىلىق پەيدا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى نامايەندە بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
ئاللاھ كېچىنى سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، كۈندۈزنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەسىپ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. قۇياشنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنى قىلدى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقى بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۇنىڭ بىلەن يول تاپىسىلەر، ۋاقىتنى بىلىسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ھەقىقەتەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشتە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَا ذَرَأَ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمندا ياراتقان تۈرلۈك، رەڭگارەڭ كان بايلىقلىرى، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە زرائەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاشۇ يارىتىلغان ۋە بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەردە ئېبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە نېمەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا سەپەر قىلىشىڭلار، دېڭىز بايلىقلىرىنى چېقىرىشىڭلار، دېڭىزدىكى ساپ-تازا بېلىقلارنى يېيىشىڭلار، سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتلەرنى چېقىرىشىڭلار ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر، تىجارەتتىن پايدا تېپىش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلىسىلەر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• من عظمة الله أنه يخلق ما لا يعلمه جميع البشر في كل حين يريد سبحانه.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقىدىن، ھەر ۋاقىت بارلىق ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىشنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا يارىتىدۇ

• خلق الله النجوم لزينة السماء، والهداية في ظلمات البر والبحر، ومعرفة الأوقات وحساب الأزمنة.
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنى ئاسماننى زىننەتلەش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يول تېپىش، ۋاقىت ۋە زامانلارنىڭ ھېسابىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى.

• الثناء والشكر على الله الذي أنعم علينا بما يصلح حياتنا ويعيننا على أفضل معيشة.
بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تۈزىتىدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

• الله سبحانه أنعم علينا بتسخير البحر لتناول اللحوم (الأسماك)، واستخراج اللؤلؤ والمرجان، وللركوب، والتجارة، وغير ذلك من المصالح والمنافع.
ئاللاھ سۇبھانەھۇۋەتەئالا بىزلەرگە دېڭىزدىن يېڭى بېلىق گۆشلىرىنى يېيىش، ئۈنچە-مارجانلارنى چېقىرىش، كېمىلەرگە چېقىش، يۇرتىمىزنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ بېسىۋېلىشى ۋە دۈشمەنلىكىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Nahl
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara