Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Ayah: (78) Surah: An-Nahl
وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ھامىلدارلىق مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن سىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى، سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاقنى قىلدى، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆزنى قىلدى، ئەقىل ئېشلىتىشىڭلار ئۈچۈن قەلبنى قىلدى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈمىد .قېلىنىدۇ
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• لله تعالى الحكمة البالغة في قسمة الأرزاق بين العباد، إذ جعل منهم الغني والفقير والمتوسط؛ ليتكامل الكون، ويتعايش الناس، ويخدم بعضهم بعضًا.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا رىزىقنى تەقسىم قىلىشتا چوڭقۇر ھېكمەت بار، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشى، بىرگە ياشىشى ۋە كائىناتنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن باينى، كەمبەغەلنى ۋە ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى .قىلدى

• دَلَّ المثلان في الآيات على ضلالة المشركين وبطلان عبادة الأصنام؛ لأن شأن الإله المعبود أن يكون مالكًا قادرًا على التصرف في الأشياء، وعلى نفع غيره ممن يعبدونه، وعلى الأمر بالخير والعدل.
ئايەتتىكى ئىككى مىسال مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە بۇتقا ئىبادەت قىلىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىبادەت قېلىنىدىغان ئىلاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنى تەسەررۇپ قىلىشقا قادىردۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىبادەت قېلىۋاتقان كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

• من نعمه تعالى ومن مظاهر قدرته خلق الناس من بطون أمهاتهم لا علم لهم بشيء، ثم تزويدهم بوسائل المعرفة والعلم، وهي السمع والأبصار والأفئدة، فبها يعلمون ويدركون.
ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن: ئىنسانلارنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پەيدا قېلىشى، ئاندىن ئۇلارنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قەلبتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت ۋاستىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Ayah: (78) Surah: An-Nahl
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Indise ng mga Salin

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Isara