Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Kahf   Ayah:
مَّا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٖ وَلَا لِأٓبَآئِهِمۡۚ كَبُرَتۡ كَلِمَةٗ تَخۡرُجُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡۚ إِن يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبٗا
ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ بىلجىرلايدىغان بۇ بوھتانچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتى يوق، ئۇلار بۇنداق دېيىشتە قارىغۇلارچە ئەگەشكەن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئويلانماستىن چىقىۋاتقان بۇ سۆز نېمىدېگەن قەبىھ! ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىز، دەلىلسىز، يالغان سۆزنىلا دەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَلَعَلَّكَ بَٰخِعٞ نَّفۡسَكَ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ إِن لَّمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَسَفًا
ئەي پەيغەمبەر! بەلكىم سەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكىگە قايغۇرۇپ ۋە ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋېلىشىڭ مۇمكىن. ھەرگىز ئۇنداق قىلما. چۈنكى سېنىڭ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّا جَعَلۡنَا مَا عَلَى ٱلۡأَرۡضِ زِينَةٗ لَّهَا لِنَبۡلُوَهُمۡ أَيُّهُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗا
بىز ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قايسىسىنىڭ ئەڭ يامان ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناش مەقسىتىدە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِنَّا لَجَٰعِلُونَ مَا عَلَيۡهَا صَعِيدٗا جُرُزًا
بىز چوقۇم يەر يۈزدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنى ئۆسۈملۈكتىن خالىي ھالەتتىكى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. بۇ ئىش يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَمۡ حَسِبۡتَ أَنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡكَهۡفِ وَٱلرَّقِيمِ كَانُواْ مِنۡ ءَايَٰتِنَا عَجَبًا
ئەي پەيغەمبەر! ئەسھابۇلكەھف ۋەقەلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختاينى بىزنىڭ ئاجايىب مۆجىزىلىرىمىزدىن دەپ ئويلاپ قالما. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا ئوخشاش مۆجىزىلەر تېخىمۇ ھەيران قالارلىقراقتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِذۡ أَوَى ٱلۡفِتۡيَةُ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ فَقَالُواْ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةٗ وَهَيِّئۡ لَنَا مِنۡ أَمۡرِنَا رَشَدٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە مۇئمىن ياشنىڭ دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن (غارغا) پاناھلانغانلىقىنى ئەسلىگىن. ئۇلار پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىپ، دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە ھۇزۇرۇڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، ئىمانىمىزنى دەپ كاپىرلارنى تاشلاپ چىققان بۇ سەپىرىمىزدە بىزنى ھەق ۋە توغرا يولغا ئېرىشتۈرگىن، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَضَرَبۡنَا عَلَىٰٓ ءَاذَانِهِمۡ فِي ٱلۡكَهۡفِ سِنِينَ عَدَدٗا
ئۇلار كېتىپ، غارغا پاناھلانغاندىن كېيىن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن توسىدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِنَعۡلَمَ أَيُّ ٱلۡحِزۡبَيۡنِ أَحۡصَىٰ لِمَا لَبِثُوٓاْ أَمَدٗا
ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقان ئىككى تەرەپتىن قايسىسىنىڭ ئۇ ۋاقىتنى ئەڭ توغرا مۆلچەرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
نَّحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ نَبَأَهُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّهُمۡ فِتۡيَةٌ ءَامَنُواْ بِرَبِّهِمۡ وَزِدۡنَٰهُمۡ هُدٗى
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن شەكسىز توغرا رەۋىشتە خەۋەردار قىلىمىز. شەكسىزكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلىپ ئەمەل قىلغان يېگىتلەردۇركى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىپ، ھەق ئۈستىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَرَبَطۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ إِذۡ قَامُواْ فَقَالُواْ رَبُّنَا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَن نَّدۡعُوَاْ مِن دُونِهِۦٓ إِلَٰهٗاۖ لَّقَدۡ قُلۡنَآ إِذٗا شَطَطًا
بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئىمان بىلەن ۋە ئىماندا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ھەمدە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا سەۋرچان قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار كاپىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا دەس تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلاپ پادىشاھقا: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە قۇلچىلىق قىلغان پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنىڭدىن باشقا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنمايمىز. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلساق، ھەقتىن يىراقلاشقان يامان سۆزنى قىلغان بولىمىز، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمُنَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ لَّوۡلَا يَأۡتُونَ عَلَيۡهِم بِسُلۡطَٰنِۭ بَيِّنٖۖ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا
ئاندىن ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ قەۋم - قېرىنداشلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئۇ مەبۇدلارغا قۇلچىلىق قىلغانلىقىغا قارىتا روشەن دەلىل - پاكىتى يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دەپ، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• الداعي إلى الله عليه التبليغ والسعي بغاية ما يمكنه، مع التوكل على الله في ذلك، فإن اهتدوا فبها ونعمت، وإلا فلا يحزن ولا يأسف.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى بۇ يولدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بىرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىننى تەبلىغ قىلىشى ۋە تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ھىدايەت تاپسا خۇشاللىنارلىق ئىش، ناۋادا ئۇنداق بولماي قالسا ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ، ئەپسۇسلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.

• في العلم بمقدار لبث أصحاب الكهف، ضبط للحساب، ومعرفة لكمال قدرة الله تعالى وحكمته ورحمته.
ئەسھابۇلكەھفنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلىشتە ئۇ ۋاقىتنىڭ ھېسابىنى بېكىتىش ھەمدە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى، ھېكمىتىنى ۋە رەھمىتىنى تونۇش بار.

• في الآيات دليل صريح على الفرار بالدين وهجرة الأهل والبنين والقرابات والأصدقاء والأوطان والأموال؛ خوف الفتنة.
بۇ ئايەتلەردە (كاپىرلارنىڭ) زىيانكەشلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغاندا دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بالا - چاقىلىرىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، دوست - يارەنلىرىنى، ئانا ۋەتىنىنى ۋە مال - مۈلكىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئېنىق دەلىل بار.

• ضرورة الاهتمام بتربية الشباب؛ لأنهم أزكى قلوبًا، وأنقى أفئدة، وأكثر حماسة، وعليهم تقوم نهضة الأمم.
ياشلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىمدۇر، چۈنكى ياشلارنىڭ دىلى ئەڭ پاك، قەلبى ئەڭ ساپ، قىزغىنلىقى ھەممىدىن بەك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى شۇلارغا باغلىق.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Kahf
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara