Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Baqarah   Ayah:
وَإِذۡ يَرۡفَعُ إِبۡرَٰهِـۧمُ ٱلۡقَوَاعِدَ مِنَ ٱلۡبَيۡتِ وَإِسۡمَٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلۡ مِنَّآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى قۇپۇرۇۋېتىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا يالۋۇرۇپ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ كەبىنى ياساشتىن ئىبارەت بولغان خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيەت ۋە ئەمەللىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
رَبَّنَا وَٱجۡعَلۡنَا مُسۡلِمَيۡنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةٗ مُّسۡلِمَةٗ لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ساڭا بويسۇنغۇچىلاردىن قىلغىن، ساڭا ھېچ بىر كىشىنى شېرىك قىلمايمىز، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ئىبادەتنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، ساڭا ئىتائەت قىلىش جەريانىدىكى خاتالىق ۋە ناچارلىقىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، سەن بەندىلىرىڭدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىسەن ۋە ناھايتى مېھرىبانسەن
Ang mga Tafsir na Arabe:
رَبَّنَا وَٱبۡعَثۡ فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُزَكِّيهِمۡۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن سېنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، قۇرئان-سۈننەت ئۈگىتىدىغان، شېرىك ۋە رەزىللىكتىن پاكلايدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن، دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَن يَرۡغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبۡرَٰهِـۧمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفۡسَهُۥۚ وَلَقَدِ ٱصۡطَفَيۡنَٰهُ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن، باشقا دىنلارغا ئەقىلسىزلىكتىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ياخشى پىكىر قىلماستىن ھەقنى تەرك قىلىپ ئازغۇنلۇققا يۈزلەنگەن، خارلىققا رازى بولغان كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دۇنيادا پەيغەمبەر ۋە دوستلۇققا تاللىدۇق، ئۇ ئاخىرەتتە ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن سالىھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئالى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِذۡ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسۡلِمۡۖ قَالَ أَسۡلَمۡتُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىسلامغا تىزدىن بويسۇنۇشقا تاللاپ، ماڭا سەمىمىلىك بىلەن ئىبادەت قىلغىن ۋە ئىتائەت قىلىش بىلەن بويسۇنغىن دېگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارىغا جاۋاپ بېرىپ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلارغا رىزق بەرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبۡرَٰهِـۧمُ بَنِيهِ وَيَعۡقُوبُ يَٰبَنِيَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىغا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېگەن سۆز بىلەن ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىلدى، ئىككەيلەن پەرزەنتلىرىنى چاقىرىپ: ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام دىنىنى تاللىدى، ئۆلۈم كەلگۈچە قەدەر دىندا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن ئاللاھقا بويسۇنغان ھالەتتە دۇنيادىن كېتىڭلار، دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ حَضَرَ يَعۡقُوبَ ٱلۡمَوۡتُ إِذۡ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعۡبُدُونَ مِنۢ بَعۡدِيۖ قَالُواْ نَعۡبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ ءَابَآئِكَ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗا وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بولغانمۇ؟ يەنى ئۇ ئوغۇللىرىدىن: مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار: سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەيمىز. يالغۇز ئۇنىڭغىلا بويسۇنىمىز ۋە ئىتائەت قىلغۇچىمىز، دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن سىلەر جاۋابكار ئەمەس، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىنمۇ ئۇلار جاۋابكار ئەمەس، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، بەلكى ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن جاۋاپكار بولىدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرى سىلەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمىلىگە قاراشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمىسۇن، ھېچ كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا نەرسە مەنپەئەت بەرمەيدۇ
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• المؤمن المتقي لا يغتر بأعماله الصالحة، بل يخاف أن ترد عليه، ولا تقبل منه، ولهذا يُكْثِرُ سؤالَ الله قَبولها.
تەقۋادار مۆئمىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن مەغرۇرلانمايدۇ، بەلكى ئەمەللىرىنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە قوبۇل بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئىلتىجا قىلىدۇ

• بركة دعوة أبي الأنبياء إبراهيم عليه السلام، حيث أجاب الله دعاءه وجعل خاتم أنبيائه وأفضل رسله من أهل مكة.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدىن، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەۋزىلىنى مەككە ئەھلىدىن قىلدى

• دين إبراهيم عليه السلام هو الملة الحنيفية الموافقة للفطرة، لا يرغب عنها ولا يزهد فيها إلا الجاهل المخالف لفطرته.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولسا، ئىنسانى فىترەتكە مۇۋاپىق بولغان توغرا دىندۇر، بۇ دىندىن ئۆزىنىڭ ساغلام تەبىئىتىگە زىت بولغان جاھىل-نادانلار يۈز ئۆرۈيدۇ

• مشروعية الوصية للذرية باتباع الهدى، وأخذ العهد عليهم بالتمسك بالحق والثبات عليه.
ئەۋلادلارغا توغرا يولغا ئەگىشىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش، ئۇلاردىن ھەقكە ئەگىشىش ۋە ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن ئەھدە ئېلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغاندۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Baqarah
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara