Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Tā-ha   Ayah:
فَأَخۡرَجَ لَهُمۡ عِجۡلٗا جَسَدٗا لَّهُۥ خُوَارٞ فَقَالُواْ هَٰذَآ إِلَٰهُكُمۡ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ
سامىرى ئۇلارغا ئاشۇ زىبۇ-زىنەتلەردىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈچۈن جانسىز بىر موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بەردى، ئۇنىڭدىن كالىنىڭ مۆرىگىنىگە ئوخشاش ئاۋاز چېقاتتى، سامىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن پىتنىگە چۈشۈپ ئېزىپ كەتكەنلەر: بۇ سىلەرنىڭ ۋە مۇسانىڭ ئىلاھى، مۇسا ئۇنتۇپ قىلىپ ئىلاھىنى بۇيەردە قويۇپ كەتتى، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَفَلَا يَرَوۡنَ أَلَّا يَرۡجِعُ إِلَيۡهِمۡ قَوۡلٗا وَلَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا
موزاينىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار ئۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆز قىلالمايدىغانلىقى، سۆزلىرىگە جاۋاپمۇ بېرەلمەيدىغانلىقى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بىرەر زىياننى توسالمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ ھېچ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ!؟.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَقَدۡ قَالَ لَهُمۡ هَٰرُونُ مِن قَبۡلُ يَٰقَوۡمِ إِنَّمَا فُتِنتُم بِهِۦۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَٱتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوٓاْ أَمۡرِي
شەكسىزكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئالتۇندىن موزاي ياساش ۋە ئۇنىڭ مۆرىشى پەقەت سىلەرنى سىناش ۋە كاپىردىن مۆئمىننى ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك زاتتۇر. سىلەرگە مەرھەمەت قىلىش تۈگۈل پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان موزاي قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ماڭىلا ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىش بىلەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُواْ لَن نَّبۡرَحَ عَلَيۡهِ عَٰكِفِينَ حَتَّىٰ يَرۡجِعَ إِلَيۡنَا مُوسَىٰ
موزايغا ئىبادەت قىلىش بىلەن قايمۇققانلار: مۇسا بىزنىڭ يىنىمىزغا .قايتىپ كەلگۈچە قەدەر موزايغا ئىبادەت قىلغاچ تۇرۇمىز دېيىشتى
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ يَٰهَٰرُونُ مَا مَنَعَكَ إِذۡ رَأَيۡتَهُمۡ ضَلُّوٓاْ
مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا چوقۇنۇش بىلەن ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا ئۇلارنى چەكلەشتىن ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى؟، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَلَّا تَتَّبِعَنِۖ أَفَعَصَيۡتَ أَمۡرِي
ئۇلارنى شۇ ھالەتتە قويۇپ ماڭا ئەگىشەمسەن؟، مېنىڭ سېنى ئۇلارنى ئىدارە قىلىشقا ئىزباسار قىلغان ۋاقتىدىكى بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ!؟.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ يَبۡنَؤُمَّ لَا تَأۡخُذۡ بِلِحۡيَتِي وَلَا بِرَأۡسِيٓۖ إِنِّي خَشِيتُ أَن تَقُولَ فَرَّقۡتَ بَيۡنَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَمۡ تَرۡقُبۡ قَوۡلِي
مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ ساقىلى ۋە چېچىدىن تارتىپ سۆرىگەندە، ھارۇن ئۇنىڭغا شەپقەت قېلىشىنى سوراپ: قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە قېلىشىمدا ئۈزرەم بار، مەن ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويسام ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈۋەتتىڭ دېيىشىڭدىن ۋە سېنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقۇڭنى ساقلىيالماسلىقىمدىن قورۇقتۇم دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ فَمَا خَطۡبُكَ يَٰسَٰمِرِيُّ
مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىيغا: ئى سامىرى! ساڭا نېمە بولدى؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ بَصُرۡتُ بِمَا لَمۡ يَبۡصُرُواْ بِهِۦ فَقَبَضۡتُ قَبۡضَةٗ مِّنۡ أَثَرِ ٱلرَّسُولِ فَنَبَذۡتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتۡ لِي نَفۡسِي
سامىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، جەبرائىلنى ئات ئۈستۈدە كۆردۈم، ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپا ئالدىم، ئۇ توپىنى ئېرىتىلگەن زىبۇ-زىنەتتىن ياسالغان موزايغا چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ مۆرىگىنىدەك ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇ .قىلمىشىمنى نەپسىم ماڭا چىرايلىق كۆرسەتتى دېدى
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ فَٱذۡهَبۡ فَإِنَّ لَكَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ أَن تَقُولَ لَا مِسَاسَۖ وَإِنَّ لَكَ مَوۡعِدٗا لَّن تُخۡلَفَهُۥۖ وَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ إِلَٰهِكَ ٱلَّذِي ظَلۡتَ عَلَيۡهِ عَاكِفٗاۖ لَّنُحَرِّقَنَّهُۥ ثُمَّ لَنَنسِفَنَّهُۥ فِي ٱلۡيَمِّ نَسۡفًا
مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىغا: سەن بارغىن! ھايات ياشىغان مۇددىتىڭدە كۆرگەنلا كىشىگە ماڭا يېقىنلاشماڭلار، مەنمۇ يېقىنلاشمايمەن دېگىن، يالغۇز ياشىغايسەن، شەكسىزكى ساڭا قىيامەتتە ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتتا ھېساب بېرىسەن ۋە جازالىنىسەن، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. سەن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ تەسىرى قالماسلىق ئۈچۈن كۈلىنى دېڭىزغا چىچىۋېتىمىز دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّمَآ إِلَٰهُكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ وَسِعَ كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمٗا
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھەقىقى مەبۇدىڭلار ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغان يەككە-يېگانە ئاللاھتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچ نەرسە ساقىت بولمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• خداع الناس بتزوير الحقائق مسلك أهل الضلال.
ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىپ كىشىلەرنى ئالداش ئازغۇنلارنىڭ تۇتقان يولىدۇر

• الغضب المحمود هو الذي يكون عند انتهاكِ محارم الله.
ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئاياغ-ئاستى قىلىنغاندا غەزەپلىنىش ماختىلىنىدۇ.

• في الآيات أصل في نفي أهل البدع والمعاصي وهجرانهم، وألا يُخَالَطوا.
بىدئەتچىلەرنى، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغۇچىلارنى ئۆز ھالىغا تاشلىۋېتىپ ئۇلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىلىش ئايەتتىكى ئەسلى تەقەززادۇر.

• في الآيات وجوب التفكر في معرفة الله تعالى من خلال مفعولاته في الكون.
ئايەت ئاللاھ تائالانى تونۇشتا، ئۇنىڭ كائىناتتا بارلىققا كەلتۈرگەن .مەخلۇقاتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Tā-ha
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara