Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Anbiyā’   Ayah:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِيٓ إِلَيۡهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى قانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەك ئۇنىڭغا: مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۚ بَلۡ عِبَادٞ مُّكۡرَمُونَ
مۇشرىكلار: پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، بەلكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك، يېقىن قۇللىرىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لَا يَسۡبِقُونَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ وَهُم بِأَمۡرِهِۦ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئالدى بىلەن سۆز قىلمايدۇ، ئاللاھ بۇيرۇمىغۇچە گەپ قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يَشۡفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرۡتَضَىٰ وَهُم مِّنۡ خَشۡيَتِهِۦ مُشۡفِقُونَ
ئاللاھ ئۇلار قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلالايدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقتىن ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَمَن يَقُلۡ مِنۡهُمۡ إِنِّيٓ إِلَٰهٞ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجۡزِيهِ جَهَنَّمَۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ
مۇبادا پەرىشتىلەردىن بىرەرسى: مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن دەيدىكەن، بىز چوقۇم ئۇنى شۇ سۆزىگە قارىتا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىمۇ مۇشۇنداق جازالايمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَوَلَمۡ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ كَانَتَا رَتۡقٗا فَفَتَقۡنَٰهُمَاۖ وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئەسلىدە بىر - بىرىگە تۇتاش بولۇپ، ئارىسىدا بوشلۇق يوقلۇقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن يامغۇر چۈشەتتى، ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتۇق. ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەن سۇدىن جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى پەيدا قىلدۇق. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتمامدۇ؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَجَعَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِهِمۡ وَجَعَلۡنَا فِيهَا فِجَاجٗا سُبُلٗا لَّعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
بىز زېمىننىڭ ئۈستىدىكىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ سەپەرلىرىدە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋېلىشى ئۈچۈن زېمىندا كەڭرى يوللارنى بەرپا قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَجَعَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ سَقۡفٗا مَّحۡفُوظٗاۖ وَهُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهَا مُعۡرِضُونَ
ئاسماننى تۈۋرۈكسىز، چۈشۈپ كەتمەيدىغان، بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشىۋالىدىغانلاردىن مۇھاپىزەت قىلدۇق. مۇشرىكلار ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان -قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش- ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ
كېچىنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن، كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، قۇياشنى كۈندۈزنىڭ، ئاينى كېچىنىڭ ئالامىتى قىلىپ ياراتقان زات يېگانە ئاللاھتۇر. قۇياش بىلەن ئاينىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان ئوربېتادا ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئوربېتىسىدىن چەتنەپمۇ كەتمەيدۇ، قېيىپمۇ كەتمەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَا جَعَلۡنَا لِبَشَرٖ مِّن قَبۡلِكَ ٱلۡخُلۡدَۖ أَفَإِيْن مِّتَّ فَهُمُ ٱلۡخَٰلِدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەندىن ئىلگىرىمۇ ھېچكىمنى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشايدىغان قىلغىنىمىز يوق. مۇبادا سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەجىلىڭ توشۇپ، ئۆلۈپ كەتسەڭ، ماۋۇلار سەندىن كېيىن مەڭگۈ قالامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
مۇئمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ھەر بىر جان دۇنيادا چوقۇم ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ئەي ئىنسانلار! بۇ دۇنيادا بىز سىلەرنى تۈرلۈك ئىشلارغا بۇيرۇش، نېئمەت ۋە ئازابلار بىلەن سىنايمىز. ئاندىن سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن باشقا بىرىنىڭ يېنىغا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كېلىسىلەر، ئاندىن بىز سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تنزيه الله عن الولد.
ئاللاھ تائالا بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر.

• منزلة الملائكة عند الله أنهم عباد خلقهم لطاعته، لا يوصفون بالذكورة ولا الأنوثة، بل عباد مكرمون.
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى شۇكى، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بەندىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەركەك ياكى چېشى دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.

• خُلِقت السماوات والأرض وفق سُنَّة التدرج، فقد خُلِقتا مُلْتزِقتين، ثم فُصِل بينهما.
ئاسمانلار بىلەن زېمىن تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىگە ئاساسەن يارىتىلغان بولۇپ، دەسلەپتە بىر - بىرىگە تۇتاش ھالەتتە يارىتىلغان ئىدى. كېيىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتۇق.

• الابتلاء كما يكون بالشر يكون بالخير.
سىناق يامانلىق بىلەن بولغىنىدەك ياخشىلىق بىلەنمۇ بولىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Anbiyā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara