Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Anbiyā’   Ayah:

ئەنبىيا

Ilan sa mga Layon ng Surah:
إثبات الرسالة وبيان وحدة غاية الأنبياء وعناية الله بهم.
ئەلچىلىكنى ئىسپاتلاش، پەيغەمبەرلەرنىڭ مەقسىدىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بايان قىلىش.

ٱقۡتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمۡ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ مُّعۡرِضُونَ
ئىنسانلارغا ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنى يېقىنلاشتى، ھالبۇكى ئۇلار بىخۇتلۇقتا دۇنياغا بېرىلىپ، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
مَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّن رَّبِّهِم مُّحۡدَثٍ إِلَّا ٱسۡتَمَعُوهُ وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ
ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن يېڭى ئايەتلەر نازىل بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسقاتمايدىغان ھالدا، بەلكى پەرۋاسىزلىق بىلەن مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سالىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لَاهِيَةٗ قُلُوبُهُمۡۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ هَلۡ هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡۖ أَفَتَأۡتُونَ ٱلسِّحۡرَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
ئۇلار قۇرئانغا دىللىرى ئاللاھنىڭ كالامىدىن غاپىل ھالەتتە قۇلاق سالىدۇ. زالىملار كۇپرىلىق بىلەن ئۆزئارا پىچىرلىشىپ دېيىشكەن سۆزلىرىنى يوشۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ كىشى پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنساندۇر، ئۇنىڭ سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سېھىر بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئاددىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنىنىڭ سېھىر ئېكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئەگىشەمسىلەر؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ رَبِّي يَعۡلَمُ ٱلۡقَوۡلَ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزۈڭلارنى بىلىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئېيتىلغان ھەر قانداق سۆزنى بىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
بَلۡ قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمِۭ بَلِ ٱفۡتَرَىٰهُ بَلۡ هُوَ شَاعِرٞ فَلۡيَأۡتِنَا بِـَٔايَةٖ كَمَآ أُرۡسِلَ ٱلۡأَوَّلُونَ
بەلكى كاپىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قۇرئان توغرىسىدا ئىككىلىنىپ: بەزىدە بۇ مۇھەممەدنىڭ قالايمىقان چۈشى بولۇپ، بۇنىڭ تەبىرى يوق، دېيىشسە، بەزىدە: ياق، قۇرئاننىڭ ئەسلى يوق، ئۇنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالغان دېيىشتى. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد شائىردۇر، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا راسچىل بولسا، بىزگە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن، دەرۋەقە ئۇ پەيغەمبەرلەرمۇ مۆجىزە كەلتۈرگەن ئىدى، دېيىشتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
مَآ ءَامَنَتۡ قَبۡلَهُم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآۖ أَفَهُمۡ يُؤۡمِنُونَ
مۇشۇ تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويغان كاپىرلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلارمۇ مۆجىزە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئۇلارغا تەلىپى بويىچە مۆجىزىلەر كەلتۈرۈلگەندە ئىمان ئېيتماستىن، ئۇنى ئىنكار قىلىشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. شۇڭا ئەمدى (مۆجىزە كەلتۈرسەك) بۇلار ئىمان ئېيتارمۇ؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئىنسانلاردىن ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىنسانلارغا پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. ئەگەر بۇنى بىلمىسەڭلار، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن سوراپ بېقىڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَا جَعَلۡنَٰهُمۡ جَسَدٗا لَّا يَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُواْ خَٰلِدِينَ
بىز ئۇلارغا ئەۋەتىدىغان پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، بەلكى ئۇلارمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۆلمەي، مەڭگۈ ھايات قالىدىغان ئىش يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ صَدَقۡنَٰهُمُ ٱلۡوَعۡدَ فَأَنجَيۡنَٰهُمۡ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهۡلَكۡنَا ٱلۡمُسۡرِفِينَ
ئاندىن پەيغەمبەرلىرىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئۇلارنى ۋە مۇئمىنلەرنى، يەنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق چەكتىن ئاشقانلارنى ھالاك قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ كِتَٰبٗا فِيهِ ذِكۡرُكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭلار، ئۇنىڭدا سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلار ۋە پەخرىڭلار بار. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا ھەمدە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئالدىرىمامسىلەر؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• قُرْب القيامة مما يستوجب الاستعداد لها.
قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• انشغال القلوب باللهو يصرفها عن الحق.
دىللارنىڭ ئويۇن - تاماشا بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۇنى ھەقتىن بۇرۇۋېتىدۇ.

• إحاطة علم الله بما يصدر من عباده من قول أو فعل.
ئاللاھنىىڭ ئىلمى بەندىلەردىن سادىر بولىدىغان ھەر قانداق گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• اختلاف المشركين في الموقف من النبي صلى الله عليه وسلم يدل على تخبطهم واضطرابهم.
مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خىلمۇ-خىل بولغانلىقى ئۇلارنىڭ قارارسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

• أن الله مع رسله والمؤمنين بالتأييد والعون على الأعداء.
شەكسىزكى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرى ۋە مۇئمىنلەرنى كۈچەيتىش ۋە دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر.

• القرآن شرف وعز لمن آمن به وعمل به.
قۇرئان كەرىم ئىمان ئېيتقان ۋە ئەمەل قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىززەت ھەم شان - شەرەپتۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Anbiyā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara