Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Mu’minūn   Ayah:
فَإِذَا ٱسۡتَوَيۡتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلۡفُلۡكِ فَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
سەن ۋە توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ سەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كېمىگە چىققىنڭلاردا: بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر كاپىر قەۋمدىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، دېگىن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقُل رَّبِّ أَنزِلۡنِي مُنزَلٗا مُّبَارَكٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ
يەنە: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن، دېگىن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ وَإِن كُنَّا لَمُبۡتَلِينَ
ھەقىقەتەن نۇھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە كاپىرلانى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشقا كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. بىز مۇئمىن كاپىردىن، ئىتائەتمەن ئاسىيدىن ئايرىلسۇن ئۈچۈن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى سىنىغان ئىدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قَرۡنًا ءَاخَرِينَ
نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋمنى پەيدا قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَأَرۡسَلۡنَا فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
بىز ئۇلارغا ئۆزلىرى ئىچىدىن ئاللاھقا چاقىرىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق. پەيغەمبەر ئۇلارغا: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولمامسىلەر؟ دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَتۡرَفۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا مَا هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يَأۡكُلُ مِمَّا تَأۡكُلُونَ مِنۡهُ وَيَشۡرَبُ مِمَّا تَشۡرَبُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئاخىرەتنى ھەم ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازالارنى ئىنكار قىلغان، ھاياتىي دۇنيادا نېئمەتلەرنى كەڭرى بەرگەنلىكىمىز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئاقسۆڭەك كاتتىباشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇنداق دېيىشتى: بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ، ئۇنىڭ سىلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىدىغانغا سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَئِنۡ أَطَعۡتُم بَشَرٗا مِّثۡلَكُمۡ إِنَّكُمۡ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە زىيان تارتىسىلەر، چۈنكى سىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلمىگىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە، ئىلاھلىرىڭلارنى تاشلاپ، ئۆزۈڭلاردىن قىلچە ئارتۇقچىلىقى بولمىغان كىشىگە ئەگەشكەن بولىسىلەر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَيَعِدُكُمۡ أَنَّكُمۡ إِذَا مِتُّمۡ وَكُنتُمۡ تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَنَّكُم مُّخۡرَجُونَ
ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم سىلەر ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىڭلار چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىقىسىلەر، دەپ ۋەدە قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ هَيۡهَاتَ هَيۡهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىڭلار چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىقىدىغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان بۇ ئىش ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراقتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ
ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقتۇر، ئاخىرەت ھاياتى دەيدىغان نەرسە يوق. بىزدىن تىرىكلەر ئۆلىدۇ، ئەمما تىرىلمەيدۇ. يەنە باشقىلار تۇغۇلۇپ، ياشايدۇ. بىز ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب ئۈچۈن چىقىرىلمايمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنۡ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا وَمَا نَحۡنُ لَهُۥ بِمُؤۡمِنِينَ
ئۆزىنى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ بۇ دەۋاسىدا ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي بِمَا كَذَّبُونِ
پەيغەمبەر ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۈچۈن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بەرگىن، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ عَمَّا قَلِيلٖ لَّيُصۡبِحُنَّ نَٰدِمِينَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇزۇنغا قالماي سەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغان بۇ ئىنكارچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ نادامەت چېكىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ بِٱلۡحَقِّ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ غُثَآءٗۚ فَبُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا تېگىشلىك بولغاچقا ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى، ئاندىن ئۇلارنى سەل ئۈستىدە لەيلەپ قالغان كۆپۈكتەك لەش قىلىۋەتتىم. زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قُرُونًا ءَاخَرِينَ
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن لۇتنىڭ قەۋمى، شۇئەيبنىڭ قەۋمى ۋە يۇنۇسنىڭ قەۋمىگە ئوخشاش باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• وجوب حمد الله على النعم.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ۋاجىبتۇر.

• الترف في الدنيا من أسباب الغفلة أو الاستكبار عن الحق.
دۇنيادىكى باياشات تۇرمۇش غاپىللىق ياكى ھەقتىن باش تارتىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• عاقبة الكافر الندامة والخسران.
كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەسرەت - نادامەت ۋە زىيانكارلىقتۇر.

• الظلم سبب في البعد عن رحمة الله.
زۇلۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Mu’minūn
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara