Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Sād   Ayah:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭدىكى كېسەلگە شىپالىق بەردۇق، بالا - چاقىلىرىنىمۇ (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ ۋە سەۋرچانلىقىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئىلگىرىكىدىن يەنە بىر ھەسسە كۆپ بالا ۋە نەۋرىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرى سەۋرنىڭ ئاقىۋىتى قۇتۇلۇش ۋە مۇكاپات بولىدىغانلىقىدىن ئىبرەت ئالسۇن!
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَخُذۡ بِيَدِكَ ضِغۡثٗا فَٱضۡرِب بِّهِۦ وَلَا تَحۡنَثۡۗ إِنَّا وَجَدۡنَٰهُ صَابِرٗاۚ نِّعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٞ
ئەييۇب ئايالىغا ئاچچىقلانغان چاغدا ئۇنى يۈز قامچا ئۇرىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. بىز ئۇنىڭغا: -ئەي ئەييۇب!- قولۇڭغا بىر باغلام شاخنى ئېلىپ، قەسىمىڭدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئايالىڭنى ئۇرغىن، قىلغان قەسىمىڭنىمۇ بۇزمىغىن، دېدۇق. ئەييۇب بىر باغلام شاخنى ئېلىپ ئايالىنى ئۇردى. شەكسىزكى بىز ئۇنى مۇپتىلا قىلغان سىناقلارغا سەۋرچان ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ نېمىدېگەن ياخشى بەندە - ھە! شەكسىزكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ قايتقۇچى ۋە كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱذۡكُرۡ عِبَٰدَنَآ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ أُوْلِي ٱلۡأَيۡدِي وَٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلىككە تاللىغان بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنى ئەسلىگىن. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشتە كۈچلۈك، ھەقىقەتنى تونۇشتا پاراسەتلىك كىشىلەر ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّآ أَخۡلَصۡنَٰهُم بِخَالِصَةٖ ذِكۡرَى ٱلدَّارِ
شەكسىزكى بىز ئۇلارغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاخىرەتنىڭ زىكرى بىلەن ئاۋات بولۇشى، ياخشى ئەمەللەرگە ۋە ئىنسانلارنى ئەمەل قىلىشقا چاقىرىشقا تەييار بولۇشىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِنَّهُمۡ عِندَنَا لَمِنَ ٱلۡمُصۡطَفَيۡنَ ٱلۡأَخۡيَارِ
شەكسىزكى ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا تائەت - ئىبادىتىمىزگە تاللانغان ھەمدە بىز يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاللىغان بەندىلىرىمىزدىندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱذۡكُرۡ إِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ وَكُلّٞ مِّنَ ٱلۡأَخۡيَارِ
ئەي پەيغەمبەر! ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە مەدھىيىلىگىن. چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تاللانغان بەندىلىرىدىندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰذَا ذِكۡرٞۚ وَإِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ لَحُسۡنَ مَـَٔابٖ
بۇ، مۇشۇ كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمدە گۈزەل مەدھىيەلەر بىلەن ئەسلەشتۇر. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان بەندىلەر ئۈچۈن ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجە بار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
جَنَّٰتِ عَدۡنٖ مُّفَتَّحَةٗ لَّهُمُ ٱلۡأَبۡوَٰبُ
بۇ گۈزەل نەتىجە بولسا قىيامەت كۈنى ئۇلار كىرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئۇلارنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ئالدىنئالا ئېچىلىپ تۇرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدۡعُونَ فِيهَا بِفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ وَشَرَابٖ
ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بېزەلگەن تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭۈللىرى تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئىچىملىكلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ أَتۡرَابٌ
ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ياشتا ھەمتەڭلەردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ
ئەي تەقۋادارلار! مانا بۇ سىلەر قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن بېرىلىشى ۋەدە قىلىنغان ياخشى مۇكاپاتلاردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ هَٰذَا لَرِزۡقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ
شەكسىزكى بىز تىلغا ئالغان بۇ مۇكاپات بىز قىيامەت كۈنى تەقۋادارلارغا بېرىدىغان رىزىق بولۇپ، ئۇ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، ئۈزۈلۈپ ياكى تۈگەپ قالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰذَاۚ وَإِنَّ لِلطَّٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٖ
مانا بۇ تەقۋادارلارنىڭ بىز تىلغا ئالغان مۇكاپاتىدۇر. شەكسىزكى كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرگە تەقۋادارلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان جازا بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ئاقىۋەت بار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَا فَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
بۇ جازا بولسا جەھەننەم بولۇپ، جەھەننەم ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، ئۇلار جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى ۋە يالقۇنىنى تېتىيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئوتتىن تۆشەكلەر سېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆشىكى نېمىدېگەن يامان!
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰذَا فَلۡيَذُوقُوهُ حَمِيمٞ وَغَسَّاقٞ
بۇ ئازاب ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن قايناق سۇ، دوزىخىيلارنىڭ دوزاختا ئازابلانغان بەدەنلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان قان - يىرىڭلارنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. بۇ دوزىخىيلارنىڭ ئىچىملىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قىلچە قاندۇرالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَءَاخَرُ مِن شَكۡلِهِۦٓ أَزۡوَٰجٌ
ئۇلارغا بۇ ئازابلاردىن سىرت يەنە باشقا تۈرلۈك ئازابلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتتە شۇ ئازابلار بىلەن ئازابلىنىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هَٰذَا فَوۡجٞ مُّقۡتَحِمٞ مَّعَكُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِهِمۡۚ إِنَّهُمۡ صَالُواْ ٱلنَّارِ
دوزىخىيلار دوزاخقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى دەتالاش قىلغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش تىل - ئاھانەتلەر يۈز بېرىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى: دوزىخىيلاردىن بۇ بىر ئوچۇم كىشىلەر سىلەر بىلەن بىرگە دوزاخقا كىرىدۇ، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار قارشى تەرەپكە جاۋابەن: ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ دوزاخ ئازابىدىن بىزنىڭ تېتىغىنىمىزنىڭ ئوخشىشىنى تېتىيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُواْ بَلۡ أَنتُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِكُمۡۖ أَنتُمۡ قَدَّمۡتُمُوهُ لَنَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ
ئەگەشكەن گۇرۇھ ئەگەشتۈرگۈچى كاتتىلىرىغا: ئەي يولباشچى كاتتىلار! بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر. چۈنكى سىلەر بىزنى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئازدۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇنداق دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولۇشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭلار. بۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ھەممىڭلارنىڭ جايى جەھەننەمنىڭ ئوتى ئىكەنغۇ، دەيدۇ!.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُواْ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدۡهُ عَذَابٗا ضِعۡفٗا فِي ٱلنَّارِ
ئەگەشكۈچىلەر: ئەي رەببىمىز! بىزگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىزنى ئازدۇرۇۋەتكەنلەرگە دوزاخ ئازابىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ بەرگىن، دەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• من صبر على الضر فالله تعالى يثيبه ثوابًا عاجلًا وآجلًا، ويستجيب دعاءه إذا دعاه.
بۇ ئايەتلەر زىيان - زەخمەتكە سەۋر قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋە كەلگۈسىدە ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• في الآيات دليل على أن للزوج أن يضرب امرأته تأديبًا ضربًا غير مبرح؛ فأيوب عليه السلام حلف على ضرب امرأته ففعل.
بۇ ئايەتلەردە ئەرنىڭ ئايالىنى ئەدەبلەش ئۈچۈن يارىلاندۇرماستىن ئۇرسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. چۈنكى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئايالىنى ئۇرىدىغانلىقىغا قەسەم قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلغان.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Sād
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara