Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Nisā’   Ayah:
ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ فَٱلصَّٰلِحَٰتُ قَٰنِتَٰتٌ حَٰفِظَٰتٞ لِّلۡغَيۡبِ بِمَا حَفِظَ ٱللَّهُۚ وَٱلَّٰتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَٱهۡجُرُوهُنَّ فِي ٱلۡمَضَاجِعِ وَٱضۡرِبُوهُنَّۖ فَإِنۡ أَطَعۡنَكُمۡ فَلَا تَبۡغُواْ عَلَيۡهِنَّ سَبِيلًاۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيّٗا كَبِيرٗا
ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە ئاياللارغا بەرمىگەن بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەنلىكى، ئاياللارنىڭ نەپىقىسىنى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئاياللارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. سالىھ ئاياللار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئەرلىرىگە بويسۇنغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. ئەي ئەرلەر، سىلەر گەپ-سۆزدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەرلىرىگە بويسۇنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا دەسلەپتە چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئەگەر ۋەز-نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارنى كۆرپىسىدە يالغۇز قويۇپ، كەينىڭلارنى قىلىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماڭلار. بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، يارلاندۇرماستىن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەيۋەشكە كەلسە، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر، زاتى ۋە سۈپىتىدە ھەممىدىن كاتتىدۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِنۡ خِفۡتُمۡ شِقَاقَ بَيۡنِهِمَا فَٱبۡعَثُواْ حَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهِۦ وَحَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن يُرِيدَآ إِصۡلَٰحٗا يُوَفِّقِ ٱللَّهُ بَيۡنَهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرٗا
ئەي ۋەلىيلەر! ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۆزئارا ئۆچ-ئاداۋەت ۋە بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشكە بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالساڭلار، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ياكى ياراشتۇرۇپ قويۇشتا ھەرئىككىلا تەرەپكە كۆيۈنگەن ئاساستا قارار چىقىرىشلىرى ئۈچۈن ئەر تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى، ئايال تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئايرىۋەتكەندىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ھۆكۈم قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئۇ ئىككەيلەن ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنالىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان كىچىككىنە مەخپىيەتلىكنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡـٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا وَبِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡجَارِ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡجَارِ ٱلۡجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلۡجَنۢبِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخۡتَالٗا فَخُورًا
پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن بويسۇنۇش ئارقىلىق يالغۇز بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىۋالماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلىش ۋە ياخشى خىزمىتىدە بولۇش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىنلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولغان قوشنا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولمىغان قوشنىلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، يېنىڭلاردىكى سەپەردىشىڭلارغا ۋە يولدا ئۇزۇق-تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان ناتونۇش مۇساپىرغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە باشقىلار ئالدىدا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنى ماختايدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِ وَيَكۡتُمُونَ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلغان كىچىككىنە بىر قىسمىنىمۇ بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بەرمەسلىككە تەشۋىق قىلىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ. بۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن رىزىق، ئىلىم ۋە باشقا تۈرلۈك نېئمەتلەرنى يوشۇرىدۇ، كىشىلەرگە ھەقنى ئوچۇق ئېيتماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، يالغان-ياۋىداقلارنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• ثبوت قِوَامة الرجال على النساء بسبب تفضيل الله لهم باختصاصهم بالولايات، وبسبب ما يجب عليهم من الحقوق، وأبرزها النفقة على الزوجة.
ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ بېكىتىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىش ۋە ئۇلارغا بىر قىسىم مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەش ئارقىلىق ئاياللاردىن ئارتۇق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بۇ مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكراقى ئاياللارنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىدۇر.

• التحذير من البغي وظلم المرأة في التأديب بتذكير العبد بقدرة الله عليه وعلوه سبحانه.
ھەرقانداق بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن تولىمۇ كاتتا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاياللارنى ئەدەبلەشتە چەكتىن ئاشۇرۋېتىشتىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

• التحذير من ذميم الأخلاق، كالكبر والتفاخر والبخل وكتم العلم وعدم تبيينه للناس.
تەكەببەرلۇق، پەخىرلىنىش، بېخىللىق، ئىلىمنى يوشۇرۇش، كىشىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماسلىققا ئوخشاش ناچار قىلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Nisā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara