Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahqāf   Ayah:
وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُواْ لَهُمۡ أَعۡدَآءٗ وَكَانُواْ بِعِبَادَتِهِمۡ كَٰفِرِينَ
ئۇ بۇتلار بۇ دۇنيادا چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدا يەتكۈزەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، قىيامەت كۈنى مەھشەر مەيدانىغا توپلانغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارغا دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلاردىن تامامەن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلىقىنى بىلمەس بولۇۋالىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٌ
ئۇلارغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، قۇرئانغا كاپىر بولغانلار ئۇ قۇرئان ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قولى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولغاچقا ئۇلار: بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ئەمەس، دېيىشىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ إِنِ ٱفۡتَرَيۡتُهُۥ فَلَا تَمۡلِكُونَ لِي مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِۚ كَفَىٰ بِهِۦ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۖ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
بۇ مۇشرىكلار: شەكسىزكى مۇھەممەد بۇ قۇرئاننى توقۇپ چىقىپ، ئاللاھقا نىسبەت بەردى، دېيىشەمدۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ناۋادا ئۇنى مەن ئۆز ئىچىمدىن توقۇغان بولسام، ئۇ چاغدا ئاللاھ مېنى ئازابلىماقچى بولسا سىلەر مېنى قوغداپ قالالمايسىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، مەن قانداقسىگە بۇ قۇرئاننى توقۇپ چىقىپ ئۆزۈمنى ئازابقا دۇچار قىلاي؟. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قۇرئانغا تەنە قىلىش ۋە مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قىلىشقان پاراڭلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىك بولۇپ، ئۇ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا شەپقەتلىكتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قُلۡ مَا كُنتُ بِدۡعٗا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدۡرِي مَا يُفۡعَلُ بِي وَلَا بِكُمۡۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ سىلەرنى ئاللاھقا چاقىرغانلىقىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغۇدەك تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس. مەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن. ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان بويىچە ئىش قىلىمەن. شۇڭا پەقەت ئاللاھ ۋەھىي قىلغانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆزنى دەيمەن ۋە ئىشنى قىلىمەن. مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى بىر پەيغەمبەرمەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرۡتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثۡلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار؟ ناۋادا بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا كاپىر بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن بىرى چىقىپ تەۋراتتىكى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرسە، ئاندىن ئۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، سىلەر ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتساڭلار، بۇ چاغدا سىلەر زالىم بوپقالمامسىلەر؟ شەكسىزكى ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡ كَانَ خَيۡرٗا مَّا سَبَقُونَآ إِلَيۡهِۚ وَإِذۡ لَمۡ يَهۡتَدُواْ بِهِۦ فَسَيَقُولُونَ هَٰذَآ إِفۡكٞ قَدِيمٞ
قۇرئانغا ۋە پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىنغا كاپىر بولغانلار ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە دەيدۇكى، ئەگەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەت بولسا ئىدى، بۇ يالاڭتۆشلەر، قۇللار ۋە بىچارىلەر بىزدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئېرىشىۋالمىغان بولاتتى. ئۇلار پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىن ئارقىلىق ھىدايەت تاپالمىغان بولغاچقا: مۇھەممەد بىزگە ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسە ئەزەلدىن بار بولغان يالغاندۇر، بىز بۇ يالغانغا ئەگەشمەيمىز، دېيىشىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةٗۚ وَهَٰذَا كِتَٰبٞ مُّصَدِّقٞ لِّسَانًا عَرَبِيّٗا لِّيُنذِرَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُحۡسِنِينَ
بۇ قۇرئاندىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب تەۋرات ھەق يولدا يېتەكچى قىلىنىدىغان پرىنسىپ، بەنىي ئىسرائىل ئىچىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىممۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇ، ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن خۇشبېشارەتتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
شەكسىزكى: «رەببىمىز ئاللاھ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق» دېگەن، ئاندىن كېيىن شۇ ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە يۈز بەرگۈسى ئەھۋاللاردىن قورقۇش، قولدىن كەتكەن دۇنيا نېئمەتلىرىگە ھەمدە دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرگە قايغۇرۇش بولمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەت ئەھلى بولۇپ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• كل من عُبِد من دون الله ينكر على من عبده من الكافرين.
ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان بارلىق بۇتلار (قىيامەت كۈنى) ئۆزىنىڭ كاپىر چوقۇنغۇچىلىرىنى تونۇمايدۇ.

• عدم معرفة النبي صلى الله عليه وسلم بالغيب إلا ما أطلعه الله عليه منه.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئاللاھ خەۋەردار قىلغاندىن سىرت غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىنى،

• وجود ما يثبت نبوّة نبينا صلى الله عليه وسلم في الكتب السابقة.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى،

• بيان فضل الاستقامة وجزاء أصحابها.
ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇنداق ئىستىقامەت ساھىبلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahqāf
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara