Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Adh-Dhāriyāt   Ayah:
۞ قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: نېمىشقا كەلدىڭلار؟ نېمە قىلماقچى سىلەر؟ دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ
پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا جاۋابەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزنى قەبىھ گۇناھلارنى سادىر قىلىدىغان گۇناھكار بىر قەۋمنى جازالىغىلى ئەۋەتتى، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لِنُرۡسِلَ عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن طِينٖ
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇرىمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلۡمُسۡرِفِينَ
ئۇ تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئىشىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاسىلىق قىلغانلار ئۈستىگە ياغدۇرۇلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَأَخۡرَجۡنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتىدا ياشايدىغان مۇئمىنلەرنى گۇناھكارلارغا كەلگەن ئازاب كېلىپ قالمىسۇن دەپ (شەھەر سىرتىغا) چىقىرىۋەتتۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَمَا وَجَدۡنَا فِيهَا غَيۡرَ بَيۡتٖ مِّنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
بىز بۇ شەھەردە مۇسۇلمان ئائىلىدىن پەقەت بىرنى بايقىدۇق، ئۇ بولسىمۇ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَتَرَكۡنَا فِيهَآ ءَايَةٗ لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
لۇت قەۋمىگە كەلگەن دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئىبرەت ئالسۇن ھەم ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي شۇنداق ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالسۇن دەپ ئۇلارنىڭ يۇرتىدا بىز ئۇلارغا كەلگەن ئازابقا دالالەت قىلىدىغان ئىزلارنى قالدۇردۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَفِي مُوسَىٰٓ إِذۡ أَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
بىزنىڭ مۇسانى پىرئەۋنگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بىلەن ئەۋەتىشىمىزدىمۇ دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَتَوَلَّىٰ بِرُكۡنِهِۦ وَقَالَ سَٰحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٞ
پىرئەۋن ئۆز كۈچىگە ھەم لەشكەرلىرىگە ئىشىنىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈدى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ئۇ باشقىلارغا سېھىر قىلىدىغان بىر سېھىرگەر يا بولمىسا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەيدىغان ساراڭ، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٞ
بىز ئۇنى پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ دېڭىزغا تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇلار تامامەن غەرق بولۇپ تۈگەشتى. پىرئەۋن مۇسانى يالغانغا چىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىش ئارقىلىق جازالىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَفِي عَادٍ إِذۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلرِّيحَ ٱلۡعَقِيمَ
دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھۇد قەۋمى ئادتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا بىز ئۇلارغا شۇنداق بىر شامالنى ئەۋەتتۇقكى، ئۇ شامال نە يامغۇر ئېلىپ كەلمەيدۇ، نە بىر ئۆسۈملۈكنى چاڭلاشتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە ياخشىلىق يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
مَا تَذَرُ مِن شَيۡءٍ أَتَتۡ عَلَيۡهِ إِلَّا جَعَلَتۡهُ كَٱلرَّمِيمِ
ئۇ بوران نە بىر ئىنسان، نە بىر مال - چارۋا ياكى باشقا ھەر قانداق نەرسىنى ساق قويمايدىغان بولۇپ، يېنىدىن ئۆتكەنلىكى نەرسىنى تىتما - تىما قىلىپ، چىرىپ كەتكەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَفِي ثَمُودَ إِذۡ قِيلَ لَهُمۡ تَمَتَّعُواْ حَتَّىٰ حِينٖ
دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا ئۇلارغا: ئەجىلىڭلار توشۇشتىن بۇرۇن ھاياتىڭلاردىن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، دېيىلدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَهُمۡ يَنظُرُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئازاب ئېلىپ كەلگەن چاقماق ھالاك قىلدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ تۇراتتى. ئەينى چاغدا ئۇلارغا ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇشۇ ئازابنىڭ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مِن قِيَامٖ وَمَا كَانُواْ مُنتَصِرِينَ
ئۇلارغا ئازاب چۈشكەن چاغدا ئۆزلىرىدىن ئازابنى توسۇپ قالالمىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر كۈچمۇ بولمىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
بىز ھەقىقەتەن مەزكۇر قەۋملەردىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كىشىلەر بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغان ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱلسَّمَآءَ بَنَيۡنَٰهَا بِأَيۡيْدٖ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
بىز ئاسماننى بىنا قىلىپ، كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن ئۇنى ئىنتايىن پۇختا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئەتراپقا كېڭەيتىپ تۇرىمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱلۡأَرۡضَ فَرَشۡنَٰهَا فَنِعۡمَ ٱلۡمَٰهِدُونَ
بىز زېمىننى ئۈستىدە تۇرىدىغانلارغا كۆرپىگە ئوخشاش يېيىپ بەردۇق. بىز ئۇنى ئۇلارغا يېيىپ بەرگەن ۋاقتىمىزدا نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىلارمىز!؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمِن كُلِّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَا زَوۡجَيۡنِ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
بىز ھەر نەرسىنى ئەركەك - چىشى، ئاسمان - زېمىن، قۇرۇقلۇق - دېڭىز دېگەندەك جۈپ قىلىپ ياراتتۇق. ئۈمىدكى سىلەر ھەر نەرسىنى جۈپ قىلىپ ياراتقان ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىگەيسىلەر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَفِرُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا قېچىڭلار. ئەي ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَا تَجۡعَلُواْ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئاللاھقا ئۇنى قويۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• الإيمان أعلى درجة من الإسلام.
ئىماننىڭ دەرىجىسى ئىسلامدىن يۇقىرىراقتۇر.

• إهلاك الله للأمم المكذبة درس للناس جميعًا.
ئاللاھنىڭ ئىنكارچى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىشى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئىبرەتلىك ساۋاقتۇر.

• الخوف من الله يقتضي الفرار إليه سبحانه بالعمل الصالح، وليس الفرار منه.
ئاللاھتىن قورقۇش ئۇنىڭدىن قېچىشنى ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Adh-Dhāriyāt
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara