Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Hadīd   Ayah:
لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَنزَلۡنَا مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَنزَلۡنَا ٱلۡحَدِيدَ فِيهِ بَأۡسٞ شَدِيدٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئۇلار بىلەن بىرگە كىتابلارنى نازىل قىلدۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۆلچەمنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. بىز كۈچ - قۇۋۋەت ۋاسىتىسى بولغان تۆمۈرنى چۈشۈرۈپ بەردۇقكى، ئۇنىدىن قورال - ياراقلار ياسىلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر - سانائەتلىرى ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن پايدا - مەنپەئەتلەر بار. (مەزكۇر ئىشلار) يەنە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ (دىنىغا) كىملەرنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان ۋە ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان، ھەممىدىن غالىب زاتتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحٗا وَإِبۡرَٰهِيمَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَۖ فَمِنۡهُم مُّهۡتَدٖۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھ ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە (دەرگاھىمىزدىن) نازىل قىلىنغان كىتابلارنى قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە توغرا يول تېپىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ بار. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ قَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِرُسُلِنَا وَقَفَّيۡنَا بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَۖ وَجَعَلۡنَا فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ رَأۡفَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَرَهۡبَانِيَّةً ٱبۡتَدَعُوهَا مَا كَتَبۡنَٰهَا عَلَيۡهِمۡ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ رِضۡوَٰنِ ٱللَّهِ فَمَا رَعَوۡهَا حَقَّ رِعَايَتِهَاۖ فَـَٔاتَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۡهُمۡ أَجۡرَهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
شۇنىڭدىن كېيىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتتۇق. ئۇلارنى ئۈممەتلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مېھىر - شەپقەت پەيدا قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەسلىدە ئۆز-ئارا دوستانە، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغان كىشىلەر ئىدى. (كېيىن) دىنلىرىدا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، نىكاھلىنىش ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى تاشلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلاردىن ئۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدۇق. ئۇلار پەقەت دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى ئۆزلىرىگە زورلاپ تاڭدى. بىز پەقەت ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇلار (بىز بۇيرۇغاننى) قىلمىدى. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَءَامِنُواْ بِرَسُولِهِۦ يُؤۡتِكُمۡ كِفۡلَيۡنِ مِن رَّحۡمَتِهِۦ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ نُورٗا تَمۡشُونَ بِهِۦ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھ ئۆزلىرىگە يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن ئىككى ھەسسە ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇ. سىلەرگە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە يولباشچى قىلىشىڭلار ئۈچۈن نۇر ئاتا قىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدىمۇ شۇ نۇر بىلەن يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھ تائالا گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، ئەيىبلىرىڭلارنى يۆگەيدۇ ۋە سىلەرنى گۇناھلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لِّئَلَّا يَعۡلَمَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ أَلَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡفَضۡلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي مۇئمىنلەر! ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ھەسسىلەپ بېرىلىدىغان ساۋاب - مۇكاپاتلاردىن ئىبارەت ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان كاتتا ئىلتىپاتنى ئۇقتۇردۇقكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزل - مەرھەمىتىدىن ھېچ نەرسىگە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرگە بېرىپ، خالىغان كىشىلەردىن چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈن، پەزل - مەرھەمەتنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ساھىبىدۇركى، ئۇنى بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• الحق لا بد له من قوة تحميه وتنشره.
ھەقىقەتنىڭ ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان كۈچى بولۇشى زۆرۈر.

• بيان مكانة العدل في الشرائع السماوية.
ساماۋى شەرىئەتلەردە ئادالەتنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرىدۇر.

• صلة النسب بأهل الإيمان والصلاح لا تُغْنِي شيئًا عن الإنسان ما لم يكن هو مؤمنًا.
ئىنسان ئەگەر مۇئمىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئەھلى ئىمان، سالىھ كىشىلەر بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ھېچنىمىگە ئەسقەتمايدۇ.

• بيان تحريم الابتداع في الدين.
دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Hadīd
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara