Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-An‘ām   Ayah:
وَقَالُواْ هَٰذِهِۦٓ أَنۡعَٰمٞ وَحَرۡثٌ حِجۡرٞ لَّا يَطۡعَمُهَآ إِلَّا مَن نَّشَآءُ بِزَعۡمِهِمۡ وَأَنۡعَٰمٌ حُرِّمَتۡ ظُهُورُهَا وَأَنۡعَٰمٞ لَّا يَذۡكُرُونَ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا ٱفۡتِرَآءً عَلَيۡهِۚ سَيَجۡزِيهِم بِمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى ۋە يالغانلىرىغا ئاساسەن، بۇتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ پالان چاھارپاي ۋە پۇستان زىرائەتلەرنى يېيىشىگە بولمايدۇ، دېيىشتى. بۇ چاھارپايلارنى دۈمبىلىرى ھۆرمەتلىك قىلىنغان بولۇپ، مىنىشكە ۋە يۈك ئارتىشقا بولماسمىش. بۇلار بەھىيرە، سائىبە ۋە ھامىي قاتارلىقلار بولۇپ، ھەتتا بوغۇزلانغان چاغدىمۇ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي، شۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلىنارمىش. مۇشرىكلار بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ: بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن شۇنداق بۇيرۇلغان، دەپ تۇرۇپ قىلىشتى. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىگە يالغاننى توقۇغانلىقلىرى تۈپەيلى چوقۇم ئازابلايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالُواْ مَا فِي بُطُونِ هَٰذِهِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ خَالِصَةٞ لِّذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِنَاۖ وَإِن يَكُن مَّيۡتَةٗ فَهُمۡ فِيهِ شُرَكَآءُۚ سَيَجۡزِيهِمۡ وَصۡفَهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
ئۇلار: بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى تۈرەلمىلەر تىرىك تۇغۇلسا بىزنىڭ ئەرلىرىمىزگە ھالال، ئاياللىرىمىزغا ھارامدۇر. ئەگەر ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قالسا ئەر-ئاياللارغا ئورتاقتۇر، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇشۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، شەكسىزكى ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ قَتَلُوٓاْ أَوۡلَٰدَهُمۡ سَفَهَۢا بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَحَرَّمُواْ مَا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُ ٱفۡتِرَآءً عَلَى ٱللَّهِۚ قَدۡ ضَلُّواْ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
ئەقىلسىزلىكى ۋە نادانلىقىدىن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاپ ئۇ رىزىق قىلىپ بەرگەن چاھارپايلارنى خالىغانچە ھارام قىلغانلار ھالاك بولدى ھەمدە توغرا يولدىن يىراق قىلىندى، ئۇلار ھېچقاچان ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
ئاللاھ يەر يۈزىگە يېيىلىپ تۇرىدىغان غولسىز ئۆسۈملۈكلەرنى، زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتتى. ئۇ خورمىنى، مېۋىلىرىنىڭ شەكلى ۋە تەمى بىر-بىرىدىن پەرقلىق زىرائەتلەرنى ياراتتى، يوپۇرمىقى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئەمما تەمى ئوخشىمايدىغان زەيتۇن بىلەن ئانارنى ياراتتى. ئەي ئىنسانلار! مېۋىسى پىشقان چاغدا ئۇنىڭدىن يەڭلار، ھۇسۇل يىغقان كۈندە ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، يېمەك-ئىچمەك ۋە خەجلەشتە شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ئاللاھ بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆچ كۆرىدۇ. شەكسىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان زات بەندىلىرىگە ئۇلارنى ھالال قىلىپ بەردى. شۇڭا مۇشرىكلارنىڭ بۇنى ھارام قىلىش ھەققى يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ حَمُولَةٗ وَفَرۡشٗاۚ كُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
ئاللاھ تائالا چوڭ تۆگىلەرگە ئوخشاش يۈك ئارتىشقا بولىدىغان، بوتىلاق ۋە قويلارغا ئوخشاش يۈك ئارتىشقا يارىمايدىغان چاھارپايلارنى سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال رىزىق قىلىپ بەرگەن بۇ نەرسىلەردىن يەڭلار، مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلىش، ھالال قىلغاننى ھارام قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇركى، ئۇ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىي بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• ذم الله المشركين بسبع صفات هي : الخسران والسفاهة وعدم العلم وتحريم ما رزقهم الله والافتراء على الله والضلال وعدم الاهتداء؛ فهذه أمور سبعة، وكل واحد منها سبب تام في حصول الذم.
ئاللاھ مۇشرىكلارنى تۆۋەندىكى يەتتە سۈپەت بىلەن ئەيىبلىدى: زىيانكارلىق، ئەقىلسىزلىك، ئىلىمسىزلىك، ئاللاھ بەرگەن رىزىقلارنى خالىغانچە ھارام قىلىش، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش، ئازغۇنلۇق ۋە توغرا يولدا ماڭماسلىق. بۇ يەتتە ئىشنىڭ ھەر بىرى ئەيىبلىنىشكە تولۇق سەۋەب بولالايدۇ.

• الأهواء سبب تحريم ما أحل الله وتحليل ما حرم الله.
ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال قىلىش، ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• وجوب الزكاة في الزروع والثمار عند حصادها، مع جواز الأكل منها قبل إخراج زكاتها، ولا يُحْسَب من الزكاة.
بۇ ئايەتلەر ھۇسۇل يىغقان كۈندە زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى بېرىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، شۇنداقلا زاكىتىنى بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن يېيىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى، ئەمما ئۇنىڭ زاكاتقا ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• التمتع بالطيبات مع عدم الإسراف ومجاوزة الحد في الأكل والإنفاق.
يېمەك-ئىچمەك ۋە خەجلەشتە ئىسراپ قىلماستىن ھەمدە چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەستىن پاك نەرسىلەردىن بەھىرلەنسە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-An‘ām
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara