Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قىيامەت   ئايەت:

قىيامەت

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
إظهار قدرة الله على بعث الخلق وجمعهم يوم القيامة.
ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنى ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەت مەيدانىغا توپلاشتىكى قۇدرىتىنى نامايەندە قىلىش.

لَآ أُقۡسِمُ بِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرىدىغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلنَّفۡسِ ٱللَّوَّامَةِ
ئاللاھ يەنە ئۆز ساھىبىغا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا سەل قاراپ، يامان ئەمەللەرنى قىلغانلىقىغا قارىتا مالامەت قىلىدىغان پاك نەپس بىلەن قەسەم قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى ئىش بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَلَّن نَّجۡمَعَ عِظَامَهُۥ
ئىنسان بىزنى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن (چىرىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى توپلىيالمايدۇ، دەپ گۇمان قىلامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلَىٰ قَٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُۥ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئىلگىرى قانداق ياراتقان بولساق، يەنە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر يىغىپ، مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ يُرِيدُ ٱلۡإِنسَٰنُ لِيَفۡجُرَ أَمَامَهُۥ
بەلكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يەنە چەكلىمىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ پىسقى - پۇجۇرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَسۡـَٔلُ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلۡقِيَٰمَةِ
ئۇ قىيامەت كۈنىنى يىراق ساناپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا بَرِقَ ٱلۡبَصَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَخَسَفَ ٱلۡقَمَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجُمِعَ ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذٍ أَيۡنَ ٱلۡمَفَرُّ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّا لَا وَزَرَ
ئۇ كۈندە ھېچ يەرگە قېچىش يوق. پاجىرلارغا پاناھلىنىدىغان، سىغىنىدىغان جاي يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمُسۡتَقَرُّ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان ئاقىۋەت پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىگىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يُنَبَّؤُاْ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذِۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
ئۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى - كېيىن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلِ ٱلۡإِنسَٰنُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ بَصِيرَةٞ
بەلكى ئىنسان ئۆز - ئۆزىگە گۇۋاھچىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇ ئىشلىگەن گۇناھلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ أَلۡقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق باھانە كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا تُحَرِّكۡ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعۡجَلَ بِهِۦٓ
ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان (نازل بولۇۋاتقاندا) ئۇنى ئېسىڭدە تۇتۇۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمە.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ عَلَيۡنَا جَمۡعَهُۥ وَقُرۡءَانَهُۥ
ئۇنى سېنىڭ دىلىڭدا توپلاپ، قىرائىتىنى تىلىڭغا سابىت قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا قَرَأۡنَٰهُ فَٱتَّبِعۡ قُرۡءَانَهُۥ
ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىزنىڭ ئەلچىمىز جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ساڭا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندە، جىم تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلاۋېتىگە قۇلاق سالغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا بَيَانَهُۥ
ئاندىن ئۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مشيئة العبد مُقَيَّدة بمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر.

• حرص رسول الله صلى الله عليه وسلم على حفظ ما يوحى إليه من القرآن، وتكفّل الله له بجمعه في صدره وحفظه كاملًا فلا ينسى منه شيئًا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىدا ۋە ئېسىدە تولۇق توپلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.

كَلَّا بَلۡ تُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش سىلەر دەۋا قىلغاندەك ئىمكانىسز ئىش ئەمەس. سىلەر ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىنمۇ قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. لېكىن سىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى سىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۈم چۈشكەنلىكىڭلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَتَذَرُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ
سىلەرنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھ بۇيرۇغان تائەت - ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن يېنىش بولغان ئاخىرەت ھاياتىنى تەرك ئەتكەنلىكىڭلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاضِرَةٌ
بۇ كۈندە ئىمان ئەھلى ۋە سائادەتمەنلەرنىڭ چىرايلىرى خۇشخۇي، نۇرلۇق بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٞ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ جامالىغا قاراپ ھۇزۇرلانغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذِۭ بَاسِرَةٞ
ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى تۇتۇق بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تَظُنُّ أَن يُفۡعَلَ بِهَا فَاقِرَةٞ
ئۇلار ئۆزلىرىگە قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ۋە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِيَ
ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقِيلَ مَنۡۜ رَاقٖ
ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلۡفِرَاقُ
سەكراتقا چۈشكەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈم بىلەن تەڭ دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ
دۇنيادىكى مىنۇتلىرى ئاخىرلىشىپ، ئاخىرەت باشلانغان چاغدا بارچە خاپىلىقلار توپلىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمَسَاقُ
بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېيت پەرۋەردىگارى تەرەپكە ئاپىرىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
بۇ كاپىر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىشەنمىدى، ئاللاھ ئۈچۈن نامازمۇ ئوقۇمىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
لېكىن ئۇ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ
ئاندىن بۇ كاپىر ناھايتى تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدەيگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰ
ئاللاھ بۇ كاپىرغا قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئازابنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰٓ
ئاندىن تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ جۈملىنى قايتا تەكرارلىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَن يُتۡرَكَ سُدًى
ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇنى ھېچ قانداق بىر ئەمەلگە تەكلىپ قىلماستىن بىكار قويۇۋېتىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ يَكُ نُطۡفَةٗ مِّن مَّنِيّٖ يُمۡنَىٰ
بۇ ئىنسان بىر ۋاقىتلاردا بەچچىدانغا تۆكۈلگەن بىر تامچە مەنىي ئەمەسمىدى؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةٗ فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
ئاندىن كېيىن قېتىشقان بىر پارچە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى مۇكەممەل ئىنسان قىلىپ ياراتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَجَعَلَ مِنۡهُ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ
ئاللاھ مەنىيدىن ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تىپنى ياراتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَيۡسَ ذَٰلِكَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰ
ئىنساننى مەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتقان زات ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنى قايتا يارىتىشقا قادىردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• خطر حب الدنيا والإعراض عن الآخرة.
دۇنيانى دوست تۇتۇپ، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت الاختيار للإنسان، وهذا من تكريم الله له.
ئىنساننىڭ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىدۇر.

• النظر لوجه الله الكريم من أعظم النعيم.
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش ئەڭ كاتتا نېئمەتلەردىندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قىيامەت
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش