قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ترجمے کی لسٹ


معانی کا ترجمہ سورت: سورۂ قٓ   آیت:

سۈرە قاپ

سورہ کے بعض مقاصد:
وعظ القلوب بالموت والبعث.
قەلىبكە ئۆلۈم بىلەن ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىش كېرەك.

قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ
قاف، سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىمۇ ئوخشاشلا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.ئاللاھ تائالا مول مەزمۇنلارغا ھەمدە كۆپلىگەن ياخشىلىق بەرىكەتلەرگە تولغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلدىكى، سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا-مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم تىرگۈزۈلىسىلەر.
عربی تفاسیر:
بَلۡ عَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡ فَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا شَيۡءٌ عَجِيبٌ
ئۇلارنىڭ بۇ دىننى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى سېنىڭ يالغان سۆزلەش ئېھتىمالىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ راستچىللىقىڭنى بىلىدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرنىڭ پەرىشتىلەردىن ئەمەس، ئۆزلىرى ئىچىدىن كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ ھەيرانلىقتىن: بىزگە ئىنسانلار ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى تولىمۇ غەلىتە بىر ئىش، دېيىشتى.
عربی تفاسیر:
أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗاۖ ذَٰلِكَ رَجۡعُۢ بَعِيدٞ
ئۇلار ئېيتتى: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ كەتكىنىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟ بۇ تىرىلىش ۋە چىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەدەنلىرىمىزگە ھاياتلىقنىڭ قايتىپ كېلىشى ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق بىر ئىشتۇركى، بۇنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.
عربی تفاسیر:
قَدۡ عَلِمۡنَا مَا تَنقُصُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۡهُمۡۖ وَعِندَنَا كِتَٰبٌ حَفِيظُۢ
ئۇلار ئۆلۈپ چىرىگەندىن كېيىن زېمىننىڭ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يېگەنلىكىدىن خەۋەردارمىز. بىزگە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي ئەمەس. بىزنىڭ قېشىمىزدا ئاللاھ تائالا بەندىلەر ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تەقدىر قىلغان ھەر نەرسە ساقلانغان كىتاب بار.
عربی تفاسیر:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَهُمۡ فِيٓ أَمۡرٖ مَّرِيجٍ
قۇرئاننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن چاغدا بۇ مۇشرىكلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. دېمەك ئۇلار قارارسىز بىر ھالەتتە بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئىشىدا ھېچ بىر قارارى يوق.
عربی تفاسیر:
أَفَلَمۡ يَنظُرُوٓاْ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَوۡقَهُمۡ كَيۡفَ بَنَيۡنَٰهَا وَزَيَّنَّٰهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٖ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسماننى قانداق ياراتقانلىقىمىز ۋە قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىمۇ؟ بىز ئاسماندا يۇلتۇزلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بېزىدۇق، ئۇنىڭغا ئەيىب بولىدىغان يېرىقلارمۇ يوق. مۇشۇ ئاسماننى ياراتقان زات ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرگۈزۈشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
بىز زېمىننى ياشاشقا يارىغۇدەك ھالەتتە يايدۇق، ئۇنىڭدا تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى قىلدۇق، تۈرلۈك - تۈرلۈك كۆركەم ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل - دەرەخلەرنى ئۆستۈردۇق.
عربی تفاسیر:
تَبۡصِرَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ
ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت بىلەن قايتقۇچى ھەر قانداق بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن ياراتتۇق.
عربی تفاسیر:
وَنَزَّلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ مُّبَٰرَكٗا فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ جَنَّٰتٖ وَحَبَّ ٱلۡحَصِيدِ
بىز ئاسماندىن پايدىسى ۋە ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ سۇنى چۈشۈردۇق. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ئۆستۈردۇق، شۇنداقلا سىلەر ئورايدىغان ئارپا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
عربی تفاسیر:
وَٱلنَّخۡلَ بَاسِقَٰتٖ لَّهَا طَلۡعٞ نَّضِيدٞ
ئۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئېگىز - ئېگىز ئۆسكەن، سانجاق - سانجاق مېۋىلىرى بولغان خورمىلارنى ئۆستۈردۇق.
عربی تفاسیر:
رِّزۡقٗا لِّلۡعِبَادِۖ وَأَحۡيَيۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ ٱلۡخُرُوجُ
بىز ئۇنىڭدىن بەندىلەرگە رىزىق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇقكى، بەندىلەر ئۇنىڭدىن يەيدۇ. ئۇ ئارقىلىق بىز يەنە گىياھسىز شەھەرلەرنى تىرىلدۈردۇق. مۇشۇ يامغۇر بىلەن گىياھسىز شەھەرلەرنى تىرىلدۈرگىنىمىزگە ئوخشاش، ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرگۈزىمىز، ئاندىن ئۇلار تىرىلىپ چىقىدۇ.
عربی تفاسیر:
كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَأَصۡحَٰبُ ٱلرَّسِّ وَثَمُودُ
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ ئىنكارچىلاردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قەۋملەر پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مەسىلەن، نۇھ قەۋمى، قۇدۇق ئىگىلىرى ۋە سەمۇد پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى.
عربی تفاسیر:
وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ وَإِخۡوَٰنُ لُوطٖ
ئادمۇ، پىرئەۋنمۇ، لۇت قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى.
عربی تفاسیر:
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ وَقَوۡمُ تُبَّعٖۚ كُلّٞ كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
شەئەييىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان ئەيكە ئەھلى ۋە يەمەن پادىشاسى تەببەنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى يالغانغا چىقاردى، ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازاب بېكىتىلدى.
عربی تفاسیر:
أَفَعَيِينَا بِٱلۡخَلۡقِ ٱلۡأَوَّلِۚ بَلۡ هُمۡ فِي لَبۡسٖ مِّنۡ خَلۡقٖ جَدِيدٖ
بىز سىلەرنى تۇنجى قېتىمدا يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقما؟، قانداقمۇ قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كېلەيلى؟ بەلكى ئۇلار تۇنجى قېتىم يارىتىلغاندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىشتىن تېڭىرقاش ئىچىدىدۇر.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• المشركون يستعظمون النبوة على البشر، ويمنحون صفة الألوهية للحجر!
مۇشرىكلار ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىك بېرىلىشىنى چوڭ سانايدىيۇ، ئەمما ئۇلار تاشقا ئىلاھلىق سۈپىتىنى بېرىدۇ.

• خلق السماوات، وخلق الأرض، وإنزال المطر، وإنبات الأرض القاحلة، والخلق الأول: كلها أدلة على البعث.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، يامغۇرنىڭ ياغدۇرۇلۇشى، قاقاس زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشى ۋە تۇنجى يارىتىلىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ دەلىلىدۇر.

• التكذيب بالرسل عادة الأمم السابقة، وعقاب المكذبين سُنَّة إلهية.
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئىنكارچىلارنى جازالاشمۇ ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ وَنَعۡلَمُ مَا تُوَسۡوِسُ بِهِۦ نَفۡسُهُۥۖ وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنۡ حَبۡلِ ٱلۡوَرِيدِ
ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن ئوي - پىكىرلەرنىمۇ بىلىمىز. بىز ئۇنىڭغا بويۇندىكى يۈرەككە تۇتىشىدىغان تومۇردىنمۇ يېقىنراقمىز.
عربی تفاسیر:
إِذۡ يَتَلَقَّى ٱلۡمُتَلَقِّيَانِ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ قَعِيدٞ
ئۆزئارا بىر يەرگە كېلىدىغان ئىككى پەرىشتە بەندىنىڭ ئەمىلىگە ھازىر بولغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بىرى بەندىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ.
عربی تفاسیر:
مَّا يَلۡفِظُ مِن قَوۡلٍ إِلَّا لَدَيۡهِ رَقِيبٌ عَتِيدٞ
ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
عربی تفاسیر:
وَجَآءَتۡ سَكۡرَةُ ٱلۡمَوۡتِ بِٱلۡحَقِّۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنۡهُ تَحِيدُ
ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت بىلەن كەلدى. ئەي بىخۇت ئىنسان! سەن كەينىڭگە داجىپ، قاچقان ئىش مۇشۇ شۇ.
عربی تفاسیر:
وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡوَعِيدِ
سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن ۋاقىت قىيامەت كۈنىدۇر، كاپىرلارغا ۋە ئاسىيلارغا ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر.
عربی تفاسیر:
وَجَآءَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّعَهَا سَآئِقٞ وَشَهِيدٞ
ھەر ئىنسان بىلەن بىرگە ئۇنى ھەيدەپ ئېلىپ ماڭغۇچى بىر پەرىشتە بولىدۇ. بىر پەرىشتە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
عربی تفاسیر:
لَّقَدۡ كُنتَ فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا فَكَشَفۡنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلۡيَوۡمَ حَدِيدٞ
بۇ ھەيدىلىپ ئېلىپ مېڭىلغان ئىنسانغا: ھەقىقەتەن سەن دۇنيادىكى ۋاقتىڭدا شەھۋەتلىرىڭگە ۋە لەززەتلىرىڭگە ئالدانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن مۇشۇ كۈندىن بىخۇت بولغان ئىدىڭ. ئەمدى بىز ساڭا ئازاب ۋە خاپىلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىخۇتلۇقۇڭنى ئېچىۋەتتۇق. بۈگۈن سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئىلگىرى بىخۇت بولغان ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتىسەن.
عربی تفاسیر:
وَقَالَ قَرِينُهُۥ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە: ئۇنىڭ ئەمىلى كەم - زىيادىسىز مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر، دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
أَلۡقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٖ
ئاللاھ تائالا ھەيدىگۈچى ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئىككى پەرىشتىگە: ھەقكە ئىنكار قىلغان ۋە تەرسالىق قىلغان ھەر قانداق كاپىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار، دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٖ مُّرِيبٍ
ئۇ ئاللاھ بېرىشنى ۋاجىب قىلغان ھەقنى بەك چەكلەيتتى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ۋە قىلغان تەھدىتلەردە شەك قىلاتتى.
عربی تفاسیر:
ٱلَّذِي جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَأَلۡقِيَاهُ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغان بۇ ئادەمنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار.
عربی تفاسیر:
۞ قَالَ قَرِينُهُۥ رَبَّنَا مَآ أَطۡغَيۡتُهُۥ وَلَٰكِن كَانَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ
ئۇنىڭ شەيتان يېقىنلىرى ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ: ئەي رەببىمىز! ئۇنى مەن ئازدۇرمىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزى ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىدى، دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
قَالَ لَا تَخۡتَصِمُواْ لَدَيَّ وَقَدۡ قَدَّمۡتُ إِلَيۡكُم بِٱلۡوَعِيدِ
ئاللاھ ئېيتتى: مېنىڭ ئالدىمدا دەتالاش قىلماڭلار، ئەمدى دەتالاشنىڭ پايدىسى يوق. مەن سىلەرگە دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىمنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ماڭا كاپىر بولۇپ، ئاسىيلىق قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم.
عربی تفاسیر:
مَا يُبَدَّلُ ٱلۡقَوۡلُ لَدَيَّ وَمَآ أَنَا۠ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلىنمايدۇ، مەن بەندىلەرنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كېمەيتىش ۋە يامانلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
عربی تفاسیر:
يَوۡمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ ٱمۡتَلَأۡتِ وَتَقُولُ هَلۡ مِن مَّزِيدٖ
بىز جەھەننەمگە: ساڭا تاشلانغان كاپىرلار ۋە ئاسىيلار بىلەن تولدۇڭمۇ؟ دەيمىز. جەھەننەم رەببى ئۈچۈن غەزەبلەنگەنلىكتىن تېخىمۇ كۆپنى تەلەپ قىلىپ رەب تەئالانىڭ سۆزىگە جاۋابەن: يەنە بارمۇ؟ دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ غَيۡرَ بَعِيدٍ
جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن يېقىن قىلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردىكى نېئمەتلەرنى يېقىندىن كۆرىدۇ.
عربی تفاسیر:
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٖ
ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەرەۋردىگارىغا تەۋبە بىلەن قايتقان ھەمدە پەرۋەردىگارىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھەر كىمگە بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ۋەدە قىلغان نېئمەتلەردۇر.
عربی تفاسیر:
مَّنۡ خَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِ وَجَآءَ بِقَلۡبٖ مُّنِيبٍ
كىمكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان مەخپىي ھالەتتىمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ، ئاللاھقا يۈزلەنگەن ۋە كۆپ تەۋبە قىلغان ساغلام قەلب بىلەن ئاللاھقا ئۇچرىشىدىكەن.
عربی تفاسیر:
ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٖۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُلُودِ
بۇنداق كىشىلەرگە: ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ھەر نەرسىدىن ئامان بولغان ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار. بۇ مەڭگۈلۈك كۈنىدۇركى، بۇ كۈن ئەمدى ئاخىرلاشمايدۇ، دېيىلىدۇ.
عربی تفاسیر:
لَهُم مَّا يَشَآءُونَ فِيهَا وَلَدَيۡنَا مَزِيدٞ
ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار ئۈچۈن كۆڭۈللىرى تارتقان ھەر قانداق نېئمەت بار بولۇپ، بۇ نېمەتلەر قەتئىي تۈگەپ قالمايدۇ. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يەنە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ باقمىغان نېئمەتلەر بار بولۇپ، ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• علم الله بما يخطر في النفوس من خير وشر.
ئاللاھ تائالا كۆڭۈللەرگە كەچكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

• خطورة الغفلة عن الدار الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت صفة العدل لله تعالى.
ئاللاھنىڭ ئادىللىق سۈپىتى سابىتتۇر.

وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هُمۡ أَشَدُّ مِنۡهُم بَطۡشٗا فَنَقَّبُواْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ هَلۡ مِن مَّحِيصٍ
مەككىلىك بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان ئۈممەتلەر نېمىدېگەن كۆپ. ئۇلار يۇرت - يۇرتلاردا ئازابتىن پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدەشكەن بولسىمۇ تاپالمىغان ئىدى.
عربی تفاسیر:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِمَن كَانَ لَهُۥ قَلۡبٌ أَوۡ أَلۡقَى ٱلسَّمۡعَ وَهُوَ شَهِيدٞ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىنىڭ بايانى چۈشىنىدىغان قەلبى بار ياكى بىپەرۋالىق قىلماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ تىڭشايدىغان كىشىگە ئەسلىتىش ھەم پەند - نەسىھەتتۇر.
عربی تفاسیر:
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَمَا مَسَّنَا مِن لُّغُوبٖ
ھەقىقەتەن بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇ نەرسىلەرنى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يارىتىشقىمۇ قادىر ئىدۇق. بىز يەھۇدىيلار ئېيتقاندەك چارچاپ قالمايتتۇق.
عربی تفاسیر:
فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ ٱلۡغُرُوبِ
ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىگە سەۋر قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى ئېيتقان ھالدا بامدات نامىزىنى قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇغىن، ئەسىر نامىزىنى قۇياش پېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇغىن.
عربی تفاسیر:
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَأَدۡبَٰرَ ٱلسُّجُودِ
كېچىنىڭ بىر قىسمىدا پەرۋەردىگارىڭغا ناماز ئوقۇغىن، نامازلاردىن كېيىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
عربی تفاسیر:
وَٱسۡتَمِعۡ يَوۡمَ يُنَادِ ٱلۡمُنَادِ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلەشكە مەسئۇل پەرىشتە يېقىن جايدىن چاقىرىدىغان كۈندە قۇلاق سالغىن.
عربی تفاسیر:
يَوۡمَ يَسۡمَعُونَ ٱلصَّيۡحَةَ بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُرُوجِ
ئۇ كۈندە شەك - شۈبھىسىز ھەقىقەت بولغان قايتا تىرىلىش چۇقانىنى پۈتۈن خالايىق ئاڭلايدۇ. خالايىقلار بۇ چۇقاننى ئاڭلايدىغان ئاشۇ كۈن بولسا ئۆلۈكلەر ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىدىغان كۈندۇر.
عربی تفاسیر:
إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَإِلَيۡنَا ٱلۡمَصِيرُ
شەكسىزكى بىز تىرىلدۈرىمىز ھەم ۋاپات قىلدۇرىمىز، بىزدىن باشقا تىرگۈزگۈچى ۋە ۋاپات قىلدۇرغۇچى يوق. قىيامەت كۈنى پۈتۈن بەندىلەرنىڭ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىشى يالغۇز بىز تەرەپكە بولىدۇ.
عربی تفاسیر:
يَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلۡأَرۡضُ عَنۡهُمۡ سِرَاعٗاۚ ذَٰلِكَ حَشۡرٌ عَلَيۡنَا يَسِيرٞ
بۇ كۈندە زېمىن يېرىلىپ، ئىنسانلار ئالدىرىغان پېتى قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. بۇ توپلاش بىزگە قولايدۇر.
عربی تفاسیر:
نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِجَبَّارٖۖ فَذَكِّرۡ بِٱلۡقُرۡءَانِ مَن يَخَافُ وَعِيدِ
بۇ ئىنكارچىلارنىڭ دېگەنلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاريدىغان مەسئۇلىيىتىڭ يوق. سەن پەقەت ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ۋەزىپىنى يەتكۈزگۈچىسەن. شۇڭا قۇرئان بىلەن مېنىڭ كاپىر ۋە ئاسىيلارغا قىلغان تەھدىتلىرىمدىن قورقىدىغانلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغىن. چۈنكى قورققان ئادەم پەند - نەسىھەت ئالىدۇ، ئەسكەرتىلسە ئېسىگە ئالىدۇ.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الاعتبار بوقائع التاريخ من شأن ذوي القلوب الواعية.
تارىخىي ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش ئويغاق قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىشىدۇر.

• خلق الله الكون في ستة أيام لِحِكَم يعلمها الله، لعل منها بيان سُنَّة التدرج.
ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن كائىناتنى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ھېكمەتلەر تۈپەيلىدىن بولۇپ، تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىنى بايان قىلىش شۇ ھېكمەتلەردىن بىرى بولسا كېرەك.

• سوء أدب اليهود في وصفهم الله تعالى بالتعب بعد خلقه السماوات والأرض، وهذا كفر بالله.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن چارچاپ قالدى، دەپ سۈپەتلىشى ئەدەبسىزلىك بولۇپ، بۇ ئاللاھقا كاپىر بولۇشتۇر.

 
معانی کا ترجمہ سورت: سورۂ قٓ
سورتوں کی لسٹ صفحہ نمبر
 
قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ترجمے کی لسٹ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بند کریں