Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Mục lục các bản dịch


Ý nghĩa nội dung Câu: (113) Chương: Chương Al-Nahl
وَلَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مِّنۡهُمۡ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
ھەقىقەتەن مەككە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ ئېچىدە ئۇلارغا ئامانەتدارلىق ۋە راستچىللىق بىلەن تونۇشلۇق بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمىز، ئۇ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت ئازابنى چۈشۈردى. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاك بولدى.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• الجزاء من جنس العمل؛ فإن أهل القرية لما بطروا النعمة بُدِّلوا بنقيضها، وهو مَحْقُها وسَلْبُها ووقعوا في شدة الجوع بعد الشبع، وفي الخوف والهلع بعد الأمن والاطمئنان، وفي قلة موارد العيش بعد الكفاية.
جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ؛ مەككە ئەھلى نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ نېئمەتنى ئۇنىڭ ئەكسىگە ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن نېئمەت ئۇلاردىن تارتىۋىلىنىشقا ھەقلىق بولدى. ئۇلار كەڭرىچىلىكتىن كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىققا، تېنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قاتتىق قورقۇنچقا، كۇپايە قىلغۇدەك تۇرمۇشتىن كېيىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

• وجوب الإيمان بالله وبالرسل، وعبادة الله وحده، وشكره على نعمه وآلائه الكثيرة، وأن العذاب الإلهي لاحقٌ بكل من كفر بالله وعصاه، وجحد نعمة الله عليه.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈش، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش قاتارلىقلار ۋاجىبتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغان ھەر بىر كىشىگە بولىدۇ.

• الله تعالى لم يحرم علينا إلا الخبائث تفضلًا منه، وصيانة عن كل مُسْتَقْذَر.
ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلىپ، نېجىس نەرسىلەردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى.

 
Ý nghĩa nội dung Câu: (113) Chương: Chương Al-Nahl
Mục lục các chương Kinh Số trang
 
Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Mục lục các bản dịch

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Đóng lại