Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Mục lục các bản dịch


Ý nghĩa nội dung Câu: (79) Chương: Chương Al-Nahl
أَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ مُسَخَّرَٰتٖ فِي جَوِّ ٱلسَّمَآءِ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱللَّهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
مۇشرىكلار، بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان قانات ۋە يۇمشاق ھاۋادا ئۇچۇشقا تەييارلانغان قۇشلارغا قاراپ باقمامدۇ؟. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن قاناتلىرىنى يايىدۇ ۋە يېغىدۇ، ئۇلارنى ھاۋادا چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق قۇشلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشتا ئاللاھقا ئېشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىغا دالالەت قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئىبرەت ۋە مەنپەئەت ئالىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• لله تعالى الحكمة البالغة في قسمة الأرزاق بين العباد، إذ جعل منهم الغني والفقير والمتوسط؛ ليتكامل الكون، ويتعايش الناس، ويخدم بعضهم بعضًا.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا رىزىقنى تەقسىم قىلىشتا چوڭقۇر ھېكمەت بار، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشى، بىرگە ياشىشى ۋە كائىناتنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن باينى، كەمبەغەلنى ۋە ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى .قىلدى

• دَلَّ المثلان في الآيات على ضلالة المشركين وبطلان عبادة الأصنام؛ لأن شأن الإله المعبود أن يكون مالكًا قادرًا على التصرف في الأشياء، وعلى نفع غيره ممن يعبدونه، وعلى الأمر بالخير والعدل.
ئايەتتىكى ئىككى مىسال مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە بۇتقا ئىبادەت قىلىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىبادەت قېلىنىدىغان ئىلاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنى تەسەررۇپ قىلىشقا قادىردۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىبادەت قېلىۋاتقان كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

• من نعمه تعالى ومن مظاهر قدرته خلق الناس من بطون أمهاتهم لا علم لهم بشيء، ثم تزويدهم بوسائل المعرفة والعلم، وهي السمع والأبصار والأفئدة، فبها يعلمون ويدركون.
ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن: ئىنسانلارنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پەيدا قېلىشى، ئاندىن ئۇلارنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قەلبتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت ۋاستىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

 
Ý nghĩa nội dung Câu: (79) Chương: Chương Al-Nahl
Mục lục các chương Kinh Số trang
 
Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Mục lục các bản dịch

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Đóng lại