Check out the new design

Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - Bản dịch tiếng Uyghur về diễn giải ngắn gọn Kinh Qur'an * - Mục lục các bản dịch


Ý nghĩa nội dung Chương: Al-Waqi-'ah   Câu:

ۋاقىئە

Trong những ý nghĩa của chương Kinh:
بيان أحوال العباد يوم المعاد.
بەندىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنىڭ بايانى

إِذَا وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ
قىيامەت قايىم بولغاندا (بولۇشىدا شەك يوق)،
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
لَيۡسَ لِوَقۡعَتِهَا كَاذِبَةٌ
ئۇنى دۇنيادا ئىنكار قىلغاندەك ئىنكار قىلىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
خَافِضَةٞ رَّافِعَةٌ
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
إِذَا رُجَّتِ ٱلۡأَرۡضُ رَجّٗا
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
وَبُسَّتِ ٱلۡجِبَالُ بَسّٗا
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
فَكَانَتۡ هَبَآءٗ مُّنۢبَثّٗا
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
وَكُنتُمۡ أَزۡوَٰجٗا ثَلَٰثَةٗ
سىلەر ئۇ كۈندە ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىسىلەر.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
فَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ
نامە - ئەماللىرىنى ئوڭ قوللىرى بىلەن ئالىدىغان سائادەتمەنلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن يۈكسەك ھەم كاتتا!.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ
نامە - ئەماللىرىنى سول قوللىرى بىلەن ئالىدىغان بەختسىزلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن پەس!
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلسَّٰبِقُونَ
دۇنيادا ياخشىلىقنى ئالدىدا قىلغۇچىلار ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە ئالدىدا كىرىدىغانلاردۇر.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡمُقَرَّبُونَ
ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇلار مۇشۇ ئۈممەتتىن ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بىر توپ كىشىلەردۇر.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
وَقَلِيلٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ
كېيىنكىلەرنىڭ ئېچىدە ئازدۇر. ئۇلار ياخشى ئەمەللەردە مۇسابىقىلىشىپ ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
عَلَىٰ سُرُرٖ مَّوۡضُونَةٖ
ئۇلار ئالتۇندىن بىزەلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
مُّتَّكِـِٔينَ عَلَيۡهَا مُتَقَٰبِلِينَ
ئۇلار ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.
Các Tafsir tiếng Ả-rập:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• دوام تذكر نعم الله وآياته سبحانه موجب لتعظيم الله وحسن طاعته.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە ئايەتلىرىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش ئاللاھنى ئۇلۇغلاشقا ھەم ئۇنىڭغا مۇكەممەل ئىتائەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

• انقطاع تكذيب الكفار بمعاينة مشاهد القيامة.
كاپىرلار قىيامەتنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندە ئىنكار قىلالمايدۇ.

• تفاوت درجات أهل الجنة بتفاوت أعمالهم.
جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ دەرىجىلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

 
Ý nghĩa nội dung Chương: Al-Waqi-'ah
Mục lục các chương Kinh Số trang
 
Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - Bản dịch tiếng Uyghur về diễn giải ngắn gọn Kinh Qur'an - Mục lục các bản dịch

Do Trung tâm Diễn giải Nghiên cứu Kinh Qur'an phát hành.

Đóng lại