Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 哈吉拉   段:
ٱلَّذِينَ جَعَلُواْ ٱلۡقُرۡءَانَ عِضِينَ
قۇرئاننى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر قۇرئاننى سېھىر ياكى جىنكەشلىك ياكى شىئېر دېدى
阿拉伯语经注:
فَوَرَبِّكَ لَنَسۡـَٔلَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىدە قۇرئانى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بارلىق كىشىلەرنى .چوقۇم سوراق قىلىمىز
阿拉伯语经注:
عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان كۇپىر ۋە ئاسىيلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چوقۇم سوراق قىلىمىز.
阿拉伯语经注:
فَٱصۡدَعۡ بِمَا تُؤۡمَرُ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى بۇيرىغان دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىشىنى ئوچۇق ئېلان قىلغىن، مۇشرىكلارنىڭ دېگەن .سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن
阿拉伯语经注:
إِنَّا كَفَيۡنَٰكَ ٱلۡمُسۡتَهۡزِءِينَ
ئۇلاردىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن قۇرەيىش كاپىرلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا سەن ئۈچۈن بىز كۇپايە قىلىمىز.
阿拉伯语经注:
ٱلَّذِينَ يَجۡعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئاللاھ بىلەن باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىلغان .شېرىكتىن ئىبارەت ناچار ئىشىنىڭ ئاقىۋېتىنى يېقىندا بېلىدۇ
阿拉伯语经注:
وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدۡرُكَ بِمَا يَقُولُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىدىن سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
阿拉伯语经注:
فَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّٰجِدِينَ
ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولمايدىغان سۈپەتلەردىن پاكلاش بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغىن، ئاللاھنى كامالى سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلىگىن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولغىن، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، بۇ سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىشىنىڭ ئىلاجىدۇر
阿拉伯语经注:
وَٱعۡبُدۡ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأۡتِيَكَ ٱلۡيَقِينُ
پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، سەن ھايات بولغان مۇددەتتە ھەتتا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر شۇ ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىن.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• عناية الله ورعايته بصَوْن النبي صلى الله عليه وسلم وحمايته من أذى المشركين.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ھىمايە قىلىنىشى بولسا، ئۇ زات ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ساقلىشى ۋە ئىنايىتىدۇر.

• التسبيح والتحميد والصلاة علاج الهموم والأحزان، وطريق الخروج من الأزمات والمآزق والكروب.
ئاللاھنى پاكلاش، مەدھىيلەش ۋە ناماز قاتارلىقلار غەم-قايغۇنىڭ ۋە .قاتتىقچىلىق، قېيىنچىلىق ۋە كىرزىسلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىدۇر

• المسلم مطالب على سبيل الفرضية بالعبادة التي هي الصلاة على الدوام حتى يأتيه الموت، ما لم يغلب الغشيان أو فقد الذاكرة على عقله.
مۇسۇلماندىن نامازدىن ئىبارەت پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى ھۈشىدىن كەتمىگەن ۋە ئەقلىنى يوقاتمىغان ھالەتتە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر .داۋاملاشتۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ

• سمى الله الوحي روحًا؛ لأنه تحيا به النفوس.
ئاللاھ تائالا ۋەھيىنى رۇھ دەپ ئاتىدى چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان .ياشنايدۇ

• مَلَّكَنا الله تعالى الأنعام والدواب وذَلَّلها لنا، وأباح لنا تسخيرها والانتفاع بها؛ رحمة منه تعالى بنا.
ئاللاھ بىزنى چارۋىلار ۋە ھايۋانلارغا ئىگە قىلدى، بىزگە رەھمەت قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە مەنپەئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى.

 
含义的翻译 章: 哈吉拉
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭