《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 译解目录


含义的翻译 段: (106) 章: 奈哈里
مَن كَفَرَ بِٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِهِۦٓ إِلَّا مَنۡ أُكۡرِهَ وَقَلۡبُهُۥ مُطۡمَئِنُّۢ بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَٰكِن مَّن شَرَحَ بِٱلۡكُفۡرِ صَدۡرٗا فَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
كىمكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاللاھقا كاپىر بولسا، تىلى بىلەن كۇپىر سۆزىنى دېسىمۇ دىلىدا ئىماننىڭ ھەقىقىتىگە ئىشىنىپ قەلبى ئىمانغا تولغان بولسا، بۇلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەمما قەلبى كۇپۇرغا مايىل بولۇپ، كۇپىرنى ئىماندىن ئۈستۈن بىلگەن، كۇپىر سۆزىنى ئىختىيارى سۆزلىگەن كىشى ئىسلامدىن يانغان مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە كاتتا ئازابى باردۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الترخيص للمُكرَه بالنطق بالكفر ظاهرًا مع اطمئنان القلب بالإيمان.
مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە كۇپىر سۆزىنى .سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ

• المرتدون استوجبوا غضب الله وعذابه؛ لأنهم استحبوا الحياة الدنيا على الآخرة، وحرموا من هداية الله، وطبع الله على قلوبهم وسمعهم وأبصارهم، وجعلوا من الغافلين عما يراد بهم من العذاب الشديد يوم القيامة.
دىندىن يانغان مۇرتەد ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە ئازابىغا لايىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتتىن دۇنيا ھاياتىنى ئەۋزەل بىلدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرىگە پېچەت ئۇرىۋەتتى، ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن غاپىل قالغۇچىلاردىن قىلدى.

• كَتَبَ الله المغفرة والرحمة للذين آمنوا، وهاجروا من بعد ما فتنوا، وصبروا على الجهاد.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، دىنىنى قوغداشتىن ئاجىز كەلگەندىن كىيىن ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتا سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە مەغپىرەتنى پۈتىۋەتتى.

 
含义的翻译 段: (106) 章: 奈哈里
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 译解目录

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

关闭