《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 译解目录


含义的翻译 段: (77) 章: 奈哈里
وَلِلَّهِ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَآ أَمۡرُ ٱلسَّاعَةِ إِلَّا كَلَمۡحِ ٱلۡبَصَرِ أَوۡ هُوَ أَقۡرَبُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق غەيبى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. غەيىب ئىلمى ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلىشى بىلەن چەكلەنگەن خۇسۇسىيەتتۇر. قىيامەتنىڭ ئىشىمۇ ئاللاھنىڭ بېلىشى بىلەنلا چەكلىنىلگەن غەيبى ئىلىملەردىن بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ خالىسا قىيامەت كۆز-يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تىز ۋاقىتتا بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ، ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ بولىشىنى خالىسا "ۋۇجۇتقا كەل" دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• لله تعالى الحكمة البالغة في قسمة الأرزاق بين العباد، إذ جعل منهم الغني والفقير والمتوسط؛ ليتكامل الكون، ويتعايش الناس، ويخدم بعضهم بعضًا.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا رىزىقنى تەقسىم قىلىشتا چوڭقۇر ھېكمەت بار، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشى، بىرگە ياشىشى ۋە كائىناتنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن باينى، كەمبەغەلنى ۋە ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى .قىلدى

• دَلَّ المثلان في الآيات على ضلالة المشركين وبطلان عبادة الأصنام؛ لأن شأن الإله المعبود أن يكون مالكًا قادرًا على التصرف في الأشياء، وعلى نفع غيره ممن يعبدونه، وعلى الأمر بالخير والعدل.
ئايەتتىكى ئىككى مىسال مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە بۇتقا ئىبادەت قىلىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىبادەت قېلىنىدىغان ئىلاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنى تەسەررۇپ قىلىشقا قادىردۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىبادەت قېلىۋاتقان كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

• من نعمه تعالى ومن مظاهر قدرته خلق الناس من بطون أمهاتهم لا علم لهم بشيء، ثم تزويدهم بوسائل المعرفة والعلم، وهي السمع والأبصار والأفئدة، فبها يعلمون ويدركون.
ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن: ئىنسانلارنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پەيدا قېلىشى، ئاندىن ئۇلارنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قەلبتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت ۋاستىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

 
含义的翻译 段: (77) 章: 奈哈里
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 译解目录

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

关闭