Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 赛智德   段:
وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بۇ ئىنكارچىلار ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۇلارغا ئاخىرەتتە تەييارلغان ئەڭ ئېغىر ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىگە قايتىشى ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا جاپا - مۇشەققەت ۋە بالايىئاپەتلەرگە مۇپتىلا قىلىمىز.
阿拉伯语经注:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ ثُمَّ أَعۡرَضَ عَنۡهَآۚ إِنَّا مِنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ مُنتَقِمُونَ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالماي، پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. بىز كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن گۇناھكارلارنى شەكسىز جازالايمىز.
阿拉伯语经注:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَلَا تَكُن فِي مِرۡيَةٖ مِّن لِّقَآئِهِۦۖ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
ھەقىقەتەن بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. ئەي پەيغەمبەر! سەن مىراج كېچىسىدە مۇسا بىلەن ئۇچراشقىنىڭدىن شەكتە بولمىغىن. بىز مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتابنى بەنى ئىسرائىلنى ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَجَعَلۡنَا مِنۡهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا لَمَّا صَبَرُواْۖ وَكَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يُوقِنُونَ
بىز بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن بىر تۈركۈم يولباشچىلارنى چىقاردۇقكى، بەنى ئىسرائىل ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىشتا چىدامچان بولۇپ، دەۋەت يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغان، ھەمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن چاغلاردا ئۇلار بەنى ئىسرائىلنى ھەق يولىغا يېتەكلەپ، توغرىنى كۆرسىتەتتى.
阿拉伯语经注:
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفۡصِلُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلارنى كونكرېت ئۇقتۇرىدۇ، ئاندىن توغرا قىلغۇچىنى خاتا قىلغۇچىدىن ئايرىپ، ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
أَوَلَمۡ يَهۡدِ لَهُمۡ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ يَمۡشُونَ فِي مَسَٰكِنِهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٍۚ أَفَلَا يَسۡمَعُونَ
ئۇلار كورمۇ؟ ئەجىبا ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز بايان قىلىنمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) ھالاك بولغانلار ھالاك بولۇشتىن ئىلگىرىكى ماكانلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئالمىدى. ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھ - مەئسىيىتى تۈپەيلى ھالاكەتكە ئۇچرىشىدا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ راستلىقىغا دەلىل قىلىنىدىغان نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇنى قوبۇل قىلىپ، ئىبرەت ئالىدىغان تەرزدە قۇلاق سالمامدۇ؟
阿拉伯语经注:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا نَسُوقُ ٱلۡمَآءَ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡجُرُزِ فَنُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا تَأۡكُلُ مِنۡهُ أَنۡعَٰمُهُمۡ وَأَنفُسُهُمۡۚ أَفَلَا يُبۡصِرُونَ
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز قۇرغاق زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى ئەۋەتىمىز، ئاندىن شۇ سۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۆگە، كالا ۋە قويلىرى، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىمىز. ئۇلار مۇشۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، قۇرغاق زېمىننى كۆكەرتكەن زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەمدۇ؟
阿拉伯语经注:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡفَتۡحُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلار: قېنى سىلەر قىيامەت كۈنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنىڭ دوزاخ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتاتتىڭلارغۇ؟ بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ دېيىشىدۇ.
阿拉伯语经注:
قُلۡ يَوۡمَ ٱلۡفَتۡحِ لَا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِيمَٰنُهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، بۇ ۋەدە قىيامەت كۈنى ئەمەلگە ئاشىدۇ. شەكسىزكى ئۇ كۈن بەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇركى، بۇ چاغدا دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىيامەت كۈنىنى ئەينەن كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئىشىنىشى قىلچە ئەسقاتمايدۇ ھەم ئۇلارغا پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلىۋالغۇدەك پۇرسەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
阿拉伯语经注:
فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَٱنتَظِرۡ إِنَّهُم مُّنتَظِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار ئازغۇنلۇقىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەندىن كېيىن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى كۈتكىن، ئۇلارمۇ چوقۇم سەن ۋەدە قىلغان ئازابنى كۈتىدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• عذاب الكافر في الدنيا وسيلة لتوبته.
كاپىرنىڭ دۇنيادا جازالىنىشى ئۇنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ.

• ثبوت اللقاء بين نبينا صلى الله عليه وسلم وموسى عليه السلام ليلة الإسراء والمعراج.
مىراج كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچراشقانلىقى ئېنىقتۇر.

• الصبر واليقين صفتا أهل الإمامة في الدين.
سەۋرچانلىق ھەم تەۋرەنمەس ئېتىقاد دىن يولىدىكى يولباشچىلارنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

 
含义的翻译 章: 赛智德
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭