Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 扎勒亚提   段:
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡحُبُكِ
ئاللاھ تائالا يوللىرى بار، يارىتىلىشى گۈزەل بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّكُمۡ لَفِي قَوۡلٖ مُّخۡتَلِفٖ
ئەي مەككىلىكلەر! شەكسىزكى سىلەر ھەقىقەتەن بىر - بىرىگە زىت سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر، بەزىدە: قۇرئان سېھىردۇر، دەيسىلەر، بەزىدە: شېئىر، دەيسىلەر. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد سېھىرگەر، دېسەڭلار، بەزىدە: شائىر، دەيسىلەر.
阿拉伯语经注:
يُؤۡفَكُ عَنۡهُ مَنۡ أُفِكَ
ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ھەقتىن بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىنمايدۇ.
阿拉伯语经注:
قُتِلَ ٱلۡخَرَّٰصُونَ
قۇرئان كەرىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان بۇ كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن.
阿拉伯语经注:
ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي غَمۡرَةٖ سَاهُونَ
ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن، ئاخىرەتتىن بىخۇتلاشقانلىقتىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغانلاردۇر.
阿拉伯语经注:
يَسۡـَٔلُونَ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلدِّينِ
ئۇلار: بۇ جازا - مۇكاپات كۈنى قاچان دەپ سورايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۇ كۈن ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدۇ.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ هُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ يُفۡتَنُونَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدۇ، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
ذُوقُواْ فِتۡنَتَكُمۡ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ
ئۇلارغا: ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋاقتىڭلاردا مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب مۇشۇ شۇ، دېيىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ
شەكسىزكى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى باغ - بوستانلاردا ھۆر - پەرىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
ءَاخِذِينَ مَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُحۡسِنِينَ
ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار بۇ ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ياخشىلىق قىلاتتى.
阿拉伯语经注:
كَانُواْ قَلِيلٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مَا يَهۡجَعُونَ
ئۇلار كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيتتى، ئىنتايىن ئاز ئۇخلايتتى.
阿拉伯语经注:
وَبِٱلۡأَسۡحَارِ هُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ
ئۇلار سەھەر ۋاقىتلىرىدا گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتى.
阿拉伯语经注:
وَفِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ
كىشىلەر ئىچىدىن سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن بىر نەرسە سوراشتىن خىجىل بولىدىغان) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالغان موھتاجلارمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بەھرىمەن بولالايتتى -يەنى ئۇلار موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى-.
阿拉伯语经注:
وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ
زېمىندا ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا ياراتقان تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، دەل - دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلاردا ئاللاھنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى، شەكىل بەرگۈچى زات ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار.
阿拉伯语经注:
وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرى بار. بۇلارنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَفِي ٱلسَّمَآءِ رِزۡقُكُمۡ وَمَا تُوعَدُونَ
ئاسماندا سىلەرنىڭ دۇنيالىق ھەم دىنىي رىزقىڭلار ھەمدە سىلەر ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە جازا بار.
阿拉伯语经注:
فَوَرَبِّ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِنَّهُۥ لَحَقّٞ مِّثۡلَ مَآ أَنَّكُمۡ تَنطِقُونَ
ئاسمان - زېمىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىش خۇددى ئۆزۈڭلار سۆزلەۋاتقان سۆزۈڭلاردا شەك بولمىغاندەك ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر.
阿拉伯语经注:
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ئىبراھىم كۈتۈۋالغان پەرىشتە مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
阿拉伯语经注:
إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ: سالام، دېدى ھەمدە كۆڭلىدە: بۇلار ناتونۇش ئادەملەرغۇ، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَرَاغَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ فَجَآءَ بِعِجۡلٖ سَمِينٖ
ئىبراھىم مېھمان قىياپىتىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئىنسان دەپ ئويلاپ، ئاستاغىنە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن تولۇپ سەمرىگەن بىر موزاينىڭ (گۆشىنى پىشۇرۇپ) ئېلىپ كەلدى.
阿拉伯语经注:
فَقَرَّبَهُۥٓ إِلَيۡهِمۡ قَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ
ئاندىن موزاي گۆشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ۋەزمىن ئاھاڭدا: ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن تائامنى يېمەمسىلەر؟ دېدى.
阿拉伯语经注:
فَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ
ئۇلار گۆشنى يېمىگەندىن كېيىن ئىبراھىم كۆڭلىدە ئۇلاردىن قورقتى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ كەيپىياتىنى سېزىپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز، دېدى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى، ئېيتتى. بېشارەت بېرىلگەن بۇ ئوغۇل بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىدى.
阿拉伯语经注:
فَأَقۡبَلَتِ ٱمۡرَأَتُهُۥ فِي صَرَّةٖ فَصَكَّتۡ وَجۡهَهَا وَقَالَتۡ عَجُوزٌ عَقِيمٞ
ئىبراھىمنىڭ ئايالى بۇ بېشارەتنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سۈرەن سالغىنىچە كەلدى، ئاندىن بۇ ئىشتىن ھەيران قىلىپ يۈزىگە كاچاتلاپ تۇرۇپ: بۇرۇندىن تۇغماس بىر قېرى مومايمۇ تۇغامدۇ؟ دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: بىز ساڭا بەرگەن خەۋەرنى پەرۋەردىگارىڭ دېدى، ئۇنىڭ دېگىنىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر. ئۇ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• إحسان العمل وإخلاصه لله سبب لدخول الجنة.
ئەمەلنى ئېھسان بىلەن قىلىش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• فضل قيام الليل وأنه من أفضل القربات.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش پەزىلەتلىك ئەمەل ھەمدە ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرىدۇر.

• من آداب الضيافة: رد التحية بأحسن منها، وتحضير المائدة خفية، والاستعداد للضيوف قبل نزولهم، وعدم استثناء شيء من المائدة، والإشراف على تحضيرها، والإسراع بها، وتقريبها للضيوف، وخطابهم برفق.
سالامنى تېخىمۇ گۈزەل شەكىلدە ئىلىك ئېلىش، مېھمانغا ئۇقتۇرماي داستىخان تەييارلاش، مېھمانلار كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىش، داستىخاندىن ھېچنەرسىنى ئايىماسلىق، داستىخاننى تەييارلاشقا مەسئۇل بولۇش ھەم ئالدىراش، تائامنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا يېقىن قويۇش ۋە ئۇلارغا ۋەزمىن ئاھاڭدا گەپ قىلىش مېھماندارچىلىقنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر.

 
含义的翻译 章: 扎勒亚提
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭