《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 译解目录


含义的翻译 段: (130) 章: 艾奈尔姆
يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ شَهِدۡنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَاۖ وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ
بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمىدى؟ دەيمىز. ئۇلار: ئەلۋەتتە كەلگەن، بىز بۈگۈن پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ بىزگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنى ئېتىراپ قىلدۇق، لېكىن بىز دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭنى ئىنكار قىلغان، بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدۇق، دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ۋە بىر دەملىك خۇشاللىقى ئالداپ كەتتى، ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئەمما بۇ ئېتىراپ ۋە ئىماننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمدى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• سُنَّة الله في الضلال والهداية أنهما من عنده تعالى، أي بخلقه وإيجاده، وهما من فعل العبد باختياره بعد مشيئة الله.
ئاللاھنىڭ ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتىكى قانۇنىيىتى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە بارلىققا كەلتۈرۈشىگە باغلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ خاھىشىدىن كېيىن بەندىنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ.

• ولاية الله للمؤمنين بحسب أعمالهم الصالحة، فكلما زادت أعمالهم الصالحة زادت ولايته لهم والعكس.
ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنى دوست تۇتۇشى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرىگە يارىشا بولىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرى قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بولغان دوستلۇقىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ ۋە بۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

• من سُنَّة الله أن يولي كل ظالم ظالمًا مثله، يدفعه إلى الشر ويحثه عليه، ويزهِّده في الخير وينفِّره عنه.
ھەر قانداق زالىمنى ئۆزىگە ئوخشاش زالىمغا دوست قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدىندۇركى، بىرى يەنە بىرىنى يامانلىققا ئۈندەپ، قۇترىتىپ، ياخشىلىقتىن بەزدۈرۈپ، نەپرەتلەندۈرىدۇ.

 
含义的翻译 段: (130) 章: 艾奈尔姆
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 译解目录

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

关闭