Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 穆丹斯拉   段:
فَمَا تَنفَعُهُمۡ شَفَٰعَةُ ٱلشَّٰفِعِينَ
قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەردىن ئىبارەت شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭمۇ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى شاپائەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىدۇر.
阿拉伯语经注:
فَمَا لَهُمۡ عَنِ ٱلتَّذۡكِرَةِ مُعۡرِضِينَ
بۇ مۇشرىكلارنى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈتكەن نەرسە زادى نېمە؟
阿拉伯语经注:
كَأَنَّهُمۡ حُمُرٞ مُّسۡتَنفِرَةٞ
ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ.
阿拉伯语经注:
فَرَّتۡ مِن قَسۡوَرَةِۭ
ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ.
阿拉伯语经注:
بَلۡ يُرِيدُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُؤۡتَىٰ صُحُفٗا مُّنَشَّرَةٗ
بەلكى بۇ مۇشرىكلاردىن ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئوچۇق بىر كىتاب بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەلىل پاكىتلارنىڭ ئازلىقى ياكى ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە تەكەببۇرلىقىدىندۇر.
阿拉伯语经注:
كَلَّاۖ بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ
ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئېشىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئاخىرەتتىكى ئازابقا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كۇپۇرلۇقىدا ئىزچىل تۇرغانلىقىدۇر.
阿拉伯语经注:
كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذۡكِرَةٞ
بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان پەند - نەسىھەتتۇر.
阿拉伯语经注:
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
كىمكى قۇرئاننى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشنى خالىسا، ئۇنى ئوقۇپ، پەند - نەسىھەت ئالسۇن.
阿拉伯语经注:
وَمَا يَذۡكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ هُوَ أَهۡلُ ٱلتَّقۡوَىٰ وَأَهۡلُ ٱلۡمَغۡفِرَةِ
ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا پەند - نەسىھەت ئالالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاھ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىشقا، بەندىلىرى تەۋبە قىلسا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• مشيئة العبد مُقَيَّدة بمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر.

• حرص رسول الله صلى الله عليه وسلم على حفظ ما يوحى إليه من القرآن، وتكفّل الله له بجمعه في صدره وحفظه كاملًا فلا ينسى منه شيئًا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىدا ۋە ئېسىدە تولۇق توپلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.

 
含义的翻译 章: 穆丹斯拉
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭