Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 印萨尼   段:
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَٱسۡجُدۡ لَهُۥ وَسَبِّحۡهُ لَيۡلٗا طَوِيلًا
كېچىلىكتە ئوقۇلىدىغان شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا تەھەججۈد نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن.
阿拉伯语经注:
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ يُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَآءَهُمۡ يَوۡمٗا ثَقِيلٗا
ھەقىقەتەن بۇ مۇشرىكلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت كۈنى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئىنتايىن ئېغىر بىر كۈنكى، ئۇنىڭدا تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەر بار.
阿拉伯语经注:
نَّحۡنُ خَلَقۡنَٰهُمۡ وَشَدَدۡنَآ أَسۡرَهُمۡۖ وَإِذَا شِئۡنَا بَدَّلۡنَآ أَمۡثَٰلَهُمۡ تَبۡدِيلًا
بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بۇغۇملىرى، ھەر قايسى ئەزالىرى ۋە باشقا پۈتۈن بەدەن قۇرۇلمىلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. ناۋادا بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى كەلتۈرۈشنى خالىساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشقا قادىرمىز.
阿拉伯语经注:
إِنَّ هَٰذِهِۦ تَذۡكِرَةٞۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا
ھەقىقەتەن بۇ سۈرە پەند - نەسىھەتتۇر. شۇڭا كىمكى رەببىنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان يول تۇتۇشنى خالىسا تۇتسۇن.
阿拉伯语经注:
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
سىلەرنىڭ ئاللارنىڭ رازىلىقىغا يول ئېلىشنى خالىشىڭلار ئاللاھ سىلەردىن شۇنى خالىغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى بارچە ئىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە يوليورۇقلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
阿拉伯语经注:
يُدۡخِلُ مَن يَشَآءُ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ وَٱلظَّٰلِمِينَ أَعَدَّ لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمَۢا
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھمىتىگە ئېلىپ، ئىمانغا ۋە سالىھ ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھ ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب تەييارلىدى، ئۇ بولسا دوزاخ ئازابىدۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• خطر التعلق بالدنيا ونسيان الآخرة.
دۇنياغا بېرىلىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قېلىش خەتەرلىكتۇر.

• مشيئة العبد تابعة لمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر.

• إهلاك الأمم المكذبة سُنَّة إلهية.
ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

 
含义的翻译 章: 印萨尼
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭