Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 穆团菲给尼   段:
لِيَوۡمٍ عَظِيمٖ
بۈيۈك كۈندىكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچ بار.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۇ كۈندە ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تىك تۇرىدۇ.
阿拉伯语经注:
كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٖ
ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن گۇناھكارلار ئەلۋەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سِجِّينٞ
ئەي پەيغەمبەر! سىججىننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
阿拉伯语经注:
كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ
شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر.
阿拉伯语经注:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئۇ كۈندە ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
阿拉伯语经注:
ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ئۇ كۈننى ئۇلار ئىنكار قىلىشىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ
ئۇ كۈننى پەقەت ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچىلا ئىنكار قىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇنىڭغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە: بۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھېكايىلىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئەمەس، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
كَلَّاۖ بَلۡۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنكارچىلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئەقىللىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۇنى يېپىۋالغان، شۇڭا ئۇلار قەلبلىرى بىلەن ھەقنى كۆرەلمىدى.
阿拉伯语经注:
كَلَّآ إِنَّهُمۡ عَن رَّبِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّمَحۡجُوبُونَ
دەرۋەقە ئۇلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ إِنَّهُمۡ لَصَالُواْ ٱلۡجَحِيمِ
ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرىپ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كايىش تەرىقىسىدە: سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازابنى دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا پەيغەمبىرىڭلار خەۋەر بەرگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡأَبۡرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ
ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەسكى، سىلەردىن ھېساب ئېلىنمايدىغان، جازا - مۇكاپات بېرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ نامە - ئەمەل دەپتىرى ئىللىييوندا بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئىللىييوننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
阿拉伯语经注:
كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ
شەكسىزكى (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر.
阿拉伯语经注:
يَشۡهَدُهُ ٱلۡمُقَرَّبُونَ
بۇ كىتابقا ھەر ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەت كۈنى ئەلۋەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ
ئۇلار ئېسىل بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە پەرۋەردىگارىغا ھەمدە دىللارنى شادلاندۇرىدىغان نېئمەتلەرگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
阿拉伯语经注:
تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِهِمۡ نَضۡرَةَ ٱلنَّعِيمِ
ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە يۈزلىرىدە باياشاتلىقنىڭ گۈزەللىكى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن.
阿拉伯语经注:
يُسۡقَوۡنَ مِن رَّحِيقٖ مَّخۡتُومٍ
خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئاغزى پىچەتلەنگەن شارابلارنى سۇنىدۇ.
阿拉伯语经注:
خِتَٰمُهُۥ مِسۡكٞۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلۡيَتَنَافَسِ ٱلۡمُتَنَٰفِسُونَ
ئۇ شاراب تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلار ئۈچۈن بەسلەشسۇن.
阿拉伯语经注:
وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسۡنِيمٍ
بۇ پىچەتلەنگەن شارابقا تەسنىم دېگەن بۇلاقنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان.
阿拉伯语经注:
عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا ٱلۡمُقَرَّبُونَ
تەسنىم دېگەن ئەڭ ئالىي جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سۈزۈڭ ھەم ساپ ھالەتتە ئىچىدۇ. باشقا مۇئمىنلەرمۇ ئۇنىڭ ئارىلاشما ھالەتتىكى سۈيىدىن ئىچىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ كَانُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَضۡحَكُونَ
شەكسىزكى كۇپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق جىنايەت قىلغان گۇناھكارلار مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى.
阿拉伯语经注:
وَإِذَا مَرُّواْ بِهِمۡ يَتَغَامَزُونَ
كاپىرلار مۇئمىنلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.
阿拉伯语经注:
وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمُ ٱنقَلَبُواْ فَكِهِينَ
ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتقىنىدا ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقىغا خۇشال بولغان ھالدا قايتىشاتتى.
阿拉伯语经注:
وَإِذَا رَأَوۡهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ
ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كۆرگىنىدە: بۇلار ئۆز ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ شەكسىز ھەق يولدىن ئاداشقانلاردۇر، دېيىشەتتى.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أُرۡسِلُواْ عَلَيۡهِمۡ حَٰفِظِينَ
ئۇلار بۇنداق دەيدىغانغا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغىنى يوق.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• خطر الذنوب على القلوب.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر قەلبلەرگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

• حرمان الكفار من رؤية ربهم يوم القيامة.
كاپىرلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەھرۇمدۇر.

• السخرية من أهل الدين صفة من صفات الكفار.
دىندارلارنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
含义的翻译 章: 穆团菲给尼
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭