Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫 * - 译解目录

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

含义的翻译 章: 法提哈   段:

پەتىھ

إِنَّا فَتَحۡنَا لَكَ فَتۡحٗا مُّبِينٗا
ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].وَيَنْصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
阿拉伯语经注:
لِّيَغۡفِرَ لَكَ ٱللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنۢبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَيَهۡدِيَكَ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
阿拉伯语经注:
وَيَنصُرَكَ ٱللَّهُ نَصۡرًا عَزِيزًا
ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
阿拉伯语经注:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِيمَٰنٗا مَّعَ إِيمَٰنِهِمۡۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
阿拉伯语经注:
لِّيُدۡخِلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِندَ ٱللَّهِ فَوۡزًا عَظِيمٗا
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[5].
阿拉伯语经注:
وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ ٱلظَّآنِّينَ بِٱللَّهِ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۖ وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَلَعَنَهُمۡ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرٗا
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![6].
阿拉伯语经注:
وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7].
阿拉伯语经注:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ شَٰهِدٗا وَمُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[8].
阿拉伯语经注:
لِّتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُۚ وَتُسَبِّحُوهُ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلًا
سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)[9].
阿拉伯语经注:
 
含义的翻译 章: 法提哈
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫 - 译解目录

谢赫穆罕默德·萨利赫翻译。在立瓦德翻译中心的监督之下已完成开发,原始翻译可供阅读,以便获取建议、评估和持续发展。

关闭