Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Ajet: (42) Sura: Sura el-Maida
سَمَّٰعُونَ لِلۡكَذِبِ أَكَّٰلُونَ لِلسُّحۡتِۚ فَإِن جَآءُوكَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُمۡ أَوۡ أَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡۖ وَإِن تُعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيۡـٔٗاۖ وَإِنۡ حَكَمۡتَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ
ئاشۇ يەھۇدىيلار يالغانغا كۆپ قۇلاق سالىدۇ، جازانىگە ئوخشاش ھارام ماللارنى كۆپ يەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا ھۆكۈم تەلەپ قىلىپ كەلسە خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قوي، خالىساڭ ئايرىپ قويما، بۇ سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭدىكى ئىشتۇر، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئايرىپ قويمىساڭ ئۇلار ساڭا قىلچىلىك زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئايرىپ قويساڭ گەرچە ئۇلار زالىم دۈشمەنلەردىن بولسىمۇ ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغىن. ھەقىقەتەن ئاللاھ گەرچە ھۆكۈم تەلەپ قىلغۇچىلار ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغاندىمۇ ھۆكۈمدە .ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• تعداد بعض صفات اليهود، مثل الكذب وأكل الربا ومحبة التحاكم لغير الشرع؛ لبيان ضلالهم وللتحذير منها.
يەھۇدىيلارنىڭ يالغانچىلىق، جازانە يېيىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرىدە ھۆكۈم قىلىشنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىق بىرقانچە سۈپەتلىرىنى ساناش بىلەن، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلىقىنى بايان قىلىپ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

• بيان شرعة القصاص العادل في الأنفس والجراحات، وهي أمر فرضه الله تعالى على من قبلنا.
ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە جاراھەتلەندۈرۈش مەسىلىلىرىدە ئادىللىق بىلەن قىساس ئېلىشنى، ئاللاھ تائالا بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز .قىلغان

• الحث على فضيلة العفو عن القصاص، وبيان أجرها العظيم المتمثّل في تكفير الذنوب.
قىساسنى ئەپۇ قىلىشنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىگە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەجرى-ساۋابىنىڭ كاتتا ۋە گۇناھقا كاپارەت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

• الترهيب من الحكم بغير ما أنزل الله في شأن القصاص وغيره.
قىساس ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتنىڭ غەيرىدە .ھۆكۈم قىلىشتىن قورقۇش كېرەك

 
Prijevod značenja Ajet: (42) Sura: Sura el-Maida
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Sadržaj prijevodā

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Zatvaranje