Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Yūsuf   Ayah:
قَالَ يَٰبُنَيَّ لَا تَقۡصُصۡ رُءۡيَاكَ عَلَىٰٓ إِخۡوَتِكَ فَيَكِيدُواْ لَكَ كَيۡدًاۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
يەئقۇب ئوغلى يۇسۇفقا: ئەي ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ئۇلار بۇنى باشقىچە چۈشىنىۋېلىپ، ساڭا ھەسەت قىلىپ بىرەر سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَكَذَٰلِكَ يَجۡتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعۡقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيۡكَ مِن قَبۡلُ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئەي يۇسۇف! چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاللاپ، ساڭا چۈش تەبىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئىلگىرى ئەجدادىڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاقلارغا نېئمىتىنى بەرگەندەك ساڭىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش ئارقىلىق نېئمىتىنى مۇكەممەل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
۞ لَّقَدۡ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخۡوَتِهِۦٓ ءَايَٰتٞ لِّلسَّآئِلِينَ
يۇسۇف ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسىسىدە ئۇلار ھەققىدە سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت ۋە پەند - نەسىھەت بار.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِذۡ قَالُواْ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۆزئارا: يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ بىر قۇساق قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى بىز چوڭ بىر جەمەتتۇرمىز، ئاتىمىز ئۇ ئىككىسىنى قانداقسىگە بىزدىن ئارتۇق كۆرىدۇ؟ ئاتىمىز ئۇ ئىككىسىنى ھېچبىر سەۋەبسىزلا بىزدىن ئارتۇق كۆرگەچكە بىز ئۇنى روشەن خاتالىق ئىچىدە دەپ ئويلايمىز، دېيىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱقۡتُلُواْ يُوسُفَ أَوِ ٱطۡرَحُوهُ أَرۡضٗا يَخۡلُ لَكُمۡ وَجۡهُ أَبِيكُمۡ وَتَكُونُواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ قَوۡمٗا صَٰلِحِينَ
يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ - دە، ئۇ چاغدا سىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. سىلەر يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئۇنى كۆزدىن يىراق قىلىپ بولغىنىڭلاردىن كېيىن گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلساڭلار سالىھلاردىن بولىسىلەر، دېيىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ لَا تَقۡتُلُواْ يُوسُفَ وَأَلۡقُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّ يَلۡتَقِطۡهُ بَعۡضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
ئۇلاردىن بىرى: يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەي، قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، يولدىن ئۆتكەن كاراۋانلاردىن بىرەرسى ئېلىۋالسۇن. بۇ ئۇنى ئۆلتۈرگىنىڭلاردىن ياخشىراق، دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأۡمَ۬نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ
ئۇلار يۇسۇفنى يىراق جايغا تاشلىۋېتىشكە تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى يەئقۇبقا: ئەي دادا! نېمىشقا يۇسۇفنىڭ ئىشىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى بىز ئۇنىڭغا كۆيۈنىمىز، ئۇنى زىيان - زەخمەتتىن قوغدايمىز، تاكى ئۇ ساق - سالامەت يېنىڭغا قايتقانغا قەدەر ئۇنى ھىمايە قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز. شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە نېمىشقا ئۇنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتكىلى ئۇنىمايسەن؟ دېيىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَرۡسِلۡهُ مَعَنَا غَدٗا يَرۡتَعۡ وَيَلۡعَبۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
بىزگە رۇخسەت قىلساڭ، ئەتە يۇسۇپنىمۇ يېنىمىزدا ئېلىۋالساق، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈۋالسۇن. بىز چوقۇم ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قالىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن ھىمايە قىلىمىز.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالَ إِنِّي لَيَحۡزُنُنِيٓ أَن تَذۡهَبُواْ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأۡكُلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَأَنتُمۡ عَنۡهُ غَٰفِلُونَ
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا: سىلەرنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېتىشىڭلار مېنى ھەقىقەتەن قايغۇغا سالىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىيالمايمەن، سىلەر ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كەتكىنىڭلاردا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالُواْ لَئِنۡ أَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّآ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ
ئۇلار دادىسىغا: بىز مۇشۇنداق بىر جامائە تۇرۇپ يۇسۇفنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق بىزدىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز قېرىندىشىمىزنى بۆرىدىن قوغدىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپقالىمىز، دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• ثبوت الرؤيا شرعًا، وجواز تعبيرها.
بۇ ئايەتلەر شەرئىي جەھەتتە چۈشنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭغا تەبىر بېرىشنىڭ توغرىلىقىنى،

• مشروعية كتمان بعض الحقائق إن ترتب على إظهارها شيءٌ من الأذى.
بىر قىسىم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش زەرەر يېتىشكە سەۋەب بوپقالسا ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى،

• بيان فضل ذرية آل إبراهيم واصطفائهم على الناس بالنبوة.
ئىبراھىم ئەۋلادىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىك بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلىنغانلىقىنى،

• الميل إلى أحد الأبناء بالحب يورث العداوة والحسد بين الإِخوة.
پەرزەنتلەرنىڭ بىرىگە مايىل بولۇپ كېتىش قېرىنداشلار ئارىسىدا ئۆچ - ئاداۋەت ۋە ھەسەتخورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
Translation of the meanings Surah: Yūsuf
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close