ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره عنكبوت   آیه:

سۈرە ئەنكەبۇت

از اهداف این سوره:
الأمر بالصبر والثبات عند الابتلاء والفتن، وبيان حسن عاقبته.
بالا-مۇسىبەت، سىناقلارغا دۈچ كەلگەندە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە سەبرى قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدۇ.

الٓمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇ تۈردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان.
تفسیرهای عربی:
أَحَسِبَ ٱلنَّاسُ أَن يُتۡرَكُوٓاْ أَن يَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا وَهُمۡ لَا يُفۡتَنُونَ
ئىنسانلار: ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دەپ قويۇش بىلەنلا ئۇلارنىڭ (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىدەك ھەقىقىي مۇئمىن ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سىناقلارغا مۇپتىلا قىلىنماستىن ئۆز مەيلىمىزگە قويۇپ بېرىلىمىز، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ؟ بۇ ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡكَٰذِبِينَ
ھەقىقەتەن بىز ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىمۇ سىنىغان ئىدۇق. ئاللاھ تائالا (ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇئمىن ياكى ئەمەسلىكىنى) ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا سىلەرگە ئىمانىدا راستچىللار بىلەن ئىمانىدا يالغانچىلارنى ئاشكارا قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَسۡبِقُونَاۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
شېرىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغانلار بىزنى ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئازابىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئاللاھنى ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئەگەر كۇپرى ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئازابىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ ٱللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ لَأٓتٖۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
كىمكى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتكەن ۋاقىت يېقىندا چوقۇم كېلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَن جَٰهَدَ فَإِنَّمَا يُجَٰهِدُ لِنَفۡسِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
كىمكى ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بېسىش ۋە ئاسىيلىقتىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە قارشى ھەم ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىكەن، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇركى، ئۇلارنىڭ ئىتائىتى (ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقىدىن) ھېچنەرسىنى ئارتتۇرالمايدۇ، ئاسىيلىقى (ئاللاھنىڭ مۈلكىدىن) ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• النهي عن إعانة أهل الضلال.
بۇ ئايەتلەر ئازغۇنلارغا ياردەملىشىشتىن چەكلەيدۇ.

• الأمر بالتمسك بتوحيد الله والبعد عن الشرك به.
ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

• ابتلاء المؤمنين واختبارهم سُنَّة إلهية.
مۇئمىنلەرنىڭ تۈرلۈك سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• غنى الله عن طاعة عبيده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر.

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَحۡسَنَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئىمان ئېيتقانلار، سىناقلىرىمىزغا سەۋر قىلغانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى تۈپەيلى يوققا چىقىرىمىز، ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حُسۡنٗاۖ وَإِن جَٰهَدَاكَ لِتُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَآۚ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشقا ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئى ئىنسان! ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، -سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنى ئانىسى مەجبۇرلىغاندەك- بۇنىڭدا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. چۈنكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ بەندىگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. سىلەر قىيامەت كۈنى مەن تەرەپكە قايتۇرۇلۇسىلەر. ئاندىن مەن سىلەرگە دۇنيادىكى قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن ھەمدە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُدۡخِلَنَّهُمۡ فِي ٱلصَّٰلِحِينَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشلەرنى قىيامەت كۈنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ياخشىلار بىلەن بىرگە يىغىمىز ۋە مۇكاپاتىنى بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ فَإِذَآ أُوذِيَ فِي ٱللَّهِ جَعَلَ فِتۡنَةَ ٱلنَّاسِ كَعَذَابِ ٱللَّهِۖ وَلَئِن جَآءَ نَصۡرٞ مِّن رَّبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمۡۚ أَوَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
بىر قىسىم كىشىلەر: ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەزىيەت بەرسە، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەزىيىتىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئوخشاش كۆرۈپ، كاپىرلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىمانىدىن يېنىۋالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ساڭا پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە، ئۇلار: ئى مۇئمىنلەر! بىزمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان ئىدۇققۇ، دەيدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟! ئاللاھقا كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى كۇپرى ۋە ئىماندىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئۇلاردىنمۇ ئوبدان بىلىدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقسىگە دىللىرىدىكىنى ئاللاھقا بىلدۈرسۇن؟
تفسیرهای عربی:
وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ
ئاللاھ ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى چوقۇم بىلىدۇ، ئىماننى ئاشكارىلاپ، كۇپرىنى يوشۇرغان مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّبِعُواْ سَبِيلَنَا وَلۡنَحۡمِلۡ خَطَٰيَٰكُمۡ وَمَا هُم بِحَٰمِلِينَ مِنۡ خَطَٰيَٰهُم مِّن شَيۡءٍۖ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
كاپىرلار ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: بىزنىڭ دىنىمىزغا ئەگىشىڭلار، بىز سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، سىلەر ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى بىز تارتىمىز، دېيىشتى. ھالبۇكى ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە ھەقىقەتەن يالغانچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَيَحۡمِلُنَّ أَثۡقَالَهُمۡ وَأَثۡقَالٗا مَّعَ أَثۡقَالِهِمۡۖ وَلَيُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَمَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
باشقىلارنى ئازغۇنلۇققا چاقىرغان بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ ھېچ نەرسە كېمىيىپ قالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئويدۇرغان سەپسەتىلىرى ھەققىدە سوراق قىلىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَلَبِثَ فِيهِمۡ أَلۡفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمۡسِينَ عَامٗا فَأَخَذَهُمُ ٱلطُّوفَانُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ قەۋمى ئىچىدە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە چاقىرىپ 950 يىل تۇردى. لېكىن ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلىپ، كۇپرىسىدا چىڭ تۇردى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتلىرىدە توپان بالاسىغا ئۇچراپ ھالاك بولدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الأعمال الصالحة يُكَفِّر الله بها الذنوب.
ئاللاھ ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.

• تأكُّد وجوب البر بالأبوين.
ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش قەتئىي ۋاجىبتۇر.

• الإيمان بالله يقتضي الصبر على الأذى في سبيله.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ئاللاھ يولىدىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• من سنَّ سُنَّة سيئة فعليه وزرها ووزر من عمل بها من غير أن ينقص من أوزارهم شيء.
كىمكى بىرەر يامان يولنى پەيدا قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇ يامانلىقنىڭ گۇناھى ۋە شۇ يامان ئىشنى قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھى يۈكلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.

فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَصۡحَٰبَ ٱلسَّفِينَةِ وَجَعَلۡنَٰهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېمىگە چىققان مۇئمىنلەرنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزدۇق ھەمدە كېمىنى پۈتۈن ئەھلى جاھانغا ئىبرەت قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَإِبۡرَٰهِيمَ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُۖ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا وَتَخۡلُقُونَ إِفۡكًاۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ لَكُمۡ رِزۡقٗا فَٱبۡتَغُواْ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزۡقَ وَٱعۡبُدُوهُ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥٓۖ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر، شۇنداقلا ئۇ بۇتلارنى چوقۇنۇشقا لايىق، دەپ بىلجىرلاپ يالغاننى توقۇيسىلەر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا رىزىقنى ئاللاھتىن كۈتۈڭلاركى، ئۇ (پۈتكۈل مەخلۇقاتلارغا) رىزىق بەرگۈچىدۇر. يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن رىزىقلىرىغا شۈكرى قىلىڭلار. سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن بۇتلىرىڭلارغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلۇسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَإِن تُكَذِّبُواْ فَقَدۡ كَذَّبَ أُمَمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡۖ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلساڭلار، ( ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر). سىلەردىن ئىلگىرى نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. دەرۋەقە مۇھەممەدمۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان نەرسىنى يەتكۈزدى.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ كَيۡفَ يُبۡدِئُ ٱللَّهُ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥٓۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
بۇ ئىنكارچىلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ بۇ ئىش ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر، ئاللاھ (ھەر ئىشقا) قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ بَدَأَ ٱلۡخَلۡقَۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأٓخِرَةَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلاغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىڭلار، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەسلەپتە مەخلۇقاتلىرىنى قانداق ياراتقانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىڭلار. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ، ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ. دىمەك، ئاللاھ ئىنسانلارنى تۇنجى قېتىم يارىتىشتىن ئاجىز كەلمىگىنىدەك، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىنمۇ ئاجىز كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَرۡحَمُ مَن يَشَآءُۖ وَإِلَيۡهِ تُقۡلَبُونَ
ئاللاھ تائالا ئادالىتى بىلەن مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغان كىىشنى ئازابلايدۇ، پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن خالىغان كىشىگە مەرھەمەت قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىققان چېغىڭلاردا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
سىلەر مەيلى زېمىندا، مەيلى ئاسماندا بولۇڭلار، ھامان پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئاللاھتىن باشقا سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان دوستمۇ يوق، سىلەردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان مەدەتكارمۇ يوق.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَلِقَآئِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يَئِسُواْ مِن رَّحۡمَتِي وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ھەمدە قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا كاپىر بولغانلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەردۇركى، ئۇلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن مەڭگۈ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الأصنام لا تملك رزقًا، فلا تستحق العبادة.
بۇتلار رىزىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇنۇشقا يارىمايدۇ.

• طلب الرزق إنما يكون من الله الذي يملك الرزق.
رىزىق پەقەت رىزىق بېرەلەيدىغان زات ئاللاھتىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

• بدء الخلق دليل على البعث.
دەسلەپكى يارىتىش قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ دەلىلىدۇر.

• دخول الجنة محرم على من مات على كفره.
كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشى ھارام قىلىنغاندۇر.

فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱقۡتُلُوهُ أَوۡ حَرِّقُوهُ فَأَنجَىٰهُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلنَّارِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئىبراھىم قەۋمىنى ئاللاھتىن باشقا بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاۋابى: ئىلاھلىرىڭلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتۇلدۇرۇشىدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار. چۈنكى مۇئمىنلەر ئىبرەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا مَّوَدَّةَ بَيۡنِكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُ بَعۡضُكُم بِبَعۡضٖ وَيَلۡعَنُ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئىبراھىم قەۋمىگە: سىلەر ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادا بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئۆز- ئارا تونۇشۇش ۋە دوستلىشىش مەقسىتىدە بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىڭلار. لېكىن قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ، چۈنكى ئازابنى كۆرگەندە بىر - بىرىڭلاردىن ئادا - جۇدا بولىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. تۇرىدىغان جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالايدىغان مەدەتكارىڭلار بولمايدۇ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلارمۇ ۋە باشقا نەرسىلەرمۇ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ فَـَٔامَنَ لَهُۥ لُوطٞۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى، ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن، (يەنى ئاللاھ ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان) مۇبارەك شام زېمىنىغا ھىجرەت قىلىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇركى، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، ئۆزى تەرەپكە ھىجرەت قىلغانلارنى ياردەمسىز قويمايدۇ. ئۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم پىلانلاشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَجۡرَهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق. ياخشى ئەۋلادلارنى ۋە ياخشى نامنى ئۇنىڭ دۇنيادا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ بەردۇق. ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە سالىھلارغا ئوخشاش مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، دۇنيادا بېرىلگەن مۇكاپات ئاخىرەتتە تەييارلانغان ئېسىل نېئمەتلەردىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ گۇناھ قىلىۋاتىسىلەركى، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچكىم بۇنداق قەبىھ قىلمىشنى قىلىپ باقمىغان. سىلەر ساغلام تەبىئەت قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ گۇناھنى تۇنجى بولۇپ پەيدا قىلغان كىشىلەر سىلەر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ وَتَقۡطَعُونَ ٱلسَّبِيلَ وَتَأۡتُونَ فِي نَادِيكُمُ ٱلۡمُنكَرَۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتِنَا بِعَذَابِ ٱللَّهِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
سىلەر شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) قىلامسىلەر؟ يولۇچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ ئۇلار سىلەرنىڭ ئەسكىلىكىڭلاردىن قورقۇپ يېنىڭلاردىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ. سورۇنلىرىڭلاردا يالىڭاچلىنىش، ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە گەپ - سۆز ھەم ئىش - ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشكە ئوخشاش ناچار ئىشلارنى قىلامسىلەر؟ لۇت ئۇلارنى ناچار قىلمىشتىن چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاۋابى: ئەگەر سۆزۈڭدە راستچىل بولساڭ، بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
لۇتنىڭ قەۋمى تەرسالىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۆزگە ئىلماي ئازابنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن لۇت پەرۋەردىگارىغا: ئەي رەببىم! يەر يۈزىدە كۇپۇرلۇق ۋە قەبىھ گۇناھلارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلغان قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، دەپ ئىلتىجا قىلدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عناية الله بعباده الصالحين حيث ينجيهم من مكر أعدائهم.
ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدۇر.

• فضل الهجرة إلى الله.
ئاللاھ تەرەپكە ھىجرەت قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

• عظم منزلة إبراهيم وآله عند الله تعالى.
ئىبراھىم ۋ ە تەۋەلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىسى كاتتىدۇر.

• تعجيل بعض الأجر في الدنيا لا يعني نقص الثواب في الآخرة.
ئەمەلنىڭ ئەجىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىلگەنلىكى ئاخىرەتتىكى ساۋابنىڭ كېمىيىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

• قبح تعاطي المنكرات في المجالس العامة.
ئاممىۋىي سورۇنلاردا گۇناھ ئىشلارنى قىلىش ئىنتايىن قەبىھ قىلمىشتۇر.

وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُوٓاْ إِنَّا مُهۡلِكُوٓاْ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِۖ إِنَّ أَهۡلَهَا كَانُواْ ظَٰلِمِينَ
بىز ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوغلى يەئقۇب بىلەن خۇشبېشارەت بەرگىلى كەلگەندە ئىبراھىمغا: بىز لۇت قەۋمىنىڭ شەھىرى بولغان سەدۇم ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن سەت ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطٗاۚ قَالُواْ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَن فِيهَاۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
ئىبراھىم پەرىشتىلەرگە: ھەقىقەتەن سىلەر ھالاك قىلماقچى بولغان بۇ شەھەردە لۇتمۇ بار، ئۇ زالىملاردىن ئەمەسقۇ، دېدى. پەرىشتىلەر: بىز بۇ شەھەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، بىز لۇتنى ھەم ئۇنىڭ خاتونىدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىنى شەھەر ئاھالىسىگە كېلىدىغان ھالاكەتتىن ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز. ئۇنىڭ خاتونى ھالاك بولغۇچىلاردىن ئىدى، شۇڭا بىز ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَّآ أَن جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗاۖ وَقَالُواْ لَا تَخَفۡ وَلَا تَحۡزَنۡ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهۡلَكَ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
بىز لۇتنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە لۇت ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن قايغۇغا چۆمدى، چۈنكى ئۇ قەۋمىنىڭ ئۇلارغىمۇ پەسكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ قىياپىتىدە كەلگەن بولۇپ، لۇتنىڭ قەۋمى ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، قەۋمىڭ ئەمدى ساڭا يامانلىق قىلالمايدۇ، بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھالاكەت خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزدىنمۇ قايغۇرۇپ كەتمىگىن. بىز سېنى ۋە خاتونۇڭدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىڭنى قۇتۇلدۇرىمىز. خاتونۇڭ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولغاچقا ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰٓ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
بىز ھەقىقەتەن ناچار ئىشلارنى قىلغان بۇ شەھەر ئاھالىسىگە ئاسماندىن ساپال تاشلارنى ئازاب قىلىپ ياغدۇرىمىز، بۇ ئۇلارنىڭ ئاياللارنى قويۇپ، ئەرلەر بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ناچار قىلمىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنىڭ جازاسىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَد تَّرَكۡنَا مِنۡهَآ ءَايَةَۢ بَيِّنَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
ھەقىقەتەن بىز ھالاك قىلغان بۇ شەھەر ئاھالىسىدىن ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن مۆجىزىلەرنى قالدۇردۇق، چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەر مۆجىزىلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗا فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱرۡجُواْ ٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
بىز مەديەن ئاھالىسىگە قان قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئى قەۋمىم! يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەت كۈنىدىكى مۇكاپاتنى كۈتۈڭلار، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ھەم تارقىتىش بىلەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.
تفسیرهای عربی:
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرىدى - دە، ئۇلار تۇرغان يېرىگىلا دۇم چۈشۈپ، يۈزلىرى توپىغا مىلىنىپ كەتتى، ھەتتا جايلىرىدىن مىت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى.
تفسیرهای عربی:
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَٰكِنِهِمۡۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُواْ مُسۡتَبۡصِرِينَ
يەنە شۇنىڭدەك، بىز ھۇد قەۋمى ئادنى ھەم سالىھ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق. ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادەمزاتتىن خالىي قالغان تۇرالغۇلىرى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيلىقلىرىنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن بۇرۇۋەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىماتى بىلەن توغرا - خاتانىڭ ھەم ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. لېكىن ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىشنى ھىدايەت يولىغا مېڭىشتىن ئۈستۈن بىلدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• قوله تعالى:﴿ وَقَد تَّبَيَّنَ..﴾ تدل على معرفة العرب بمساكنهم وأخبارهم.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ» دېگەن سۆزى ئەرەبلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى ۋە خەۋەرلىرىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• العلائق البشرية لا تنفع إلا مع الإيمان.
ئىمان بولمىغان ئىنسانلار ئارا ئالاقىنىڭ پايدىسى يوق.

• الحرص على أمن الضيوف وسلامتهم من الاعتداء عليهم.
مېھمانلارنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن تىنچ - ئامان بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

• منازل المُهْلَكين بالعذاب عبرة للمعتبرين.
ئازابتا ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلارغا ئىبرەتتۇر.

• العلم بالحق لا ينفع مع اتباع الهوى وإيثاره على الهدى.
ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەمدە ئۇنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى بىلگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

وَقَٰرُونَ وَفِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانُواْ سَٰبِقِينَ
قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىگە زۇلۇم قىلغان بولغاچقا بىز ئۇنى تۇرالغۇلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، پىرئەۋن بىلەن ۋەزىرى ھاماننى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق. مۇسا ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار مىسىر زېمىنىدا مۇساغا ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلدى. نەتىجىدە ئازابىمىزدىن ئامان قالمىدى.
تفسیرهای عربی:
فَكُلًّا أَخَذۡنَا بِذَنۢبِهِۦۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِ حَاصِبٗا وَمِنۡهُم مَّنۡ أَخَذَتۡهُ ٱلصَّيۡحَةُ وَمِنۡهُم مَّنۡ خَسَفۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ وَمِنۡهُم مَّنۡ أَغۡرَقۡنَاۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغانلارنىڭ ھەر بىرىنى ھالاك قىلغۇچى ئازابىمىز بىلەن جازالىدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى لۇت قەۋمى بولۇپ، بىز ئۇلارغا ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سالىھ ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋمىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى. قارۇنمۇ ئۇلاردىن بىرى ئىدى، بىز ئۇنى ئوردا - سارايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. نۇھ قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ھامانلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بىز ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتۇق. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى ھېچبىر گۇناھسىزلا ھالاك قىلىۋەتكىنى يوق. لېكىن ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا لايىق بولدى.
تفسیرهای عربی:
مَثَلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَ كَمَثَلِ ٱلۡعَنكَبُوتِ ٱتَّخَذَتۡ بَيۡتٗاۖ وَإِنَّ أَوۡهَنَ ٱلۡبُيُوتِ لَبَيۡتُ ٱلۡعَنكَبُوتِۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىسى تېگىپ قالارمىكى ياكى شاپائەت قىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغان مۇشرىكلارنىڭ مىسالى كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆي ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆمۈچۈكنى كۈشەندىلىرىدىن قوغدىيالمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شاپائەتمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر مۇشرىكلار بۇنى بىلگەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالمايتتى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇ مەبۇدلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇركى، يېڭىلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِۖ وَمَا يَعۡقِلُهَآ إِلَّا ٱلۡعَٰلِمُونَ
بىز ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن بۇ مىساللار ئۇلارنى ئويغىتىش ھەمدە ئۇلارغا ھەقنى كۆرسىتىش ۋە توغرىغا يېتەكلەش ئۈچۈندۇركى، پەقەت ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە ھېكمىتىنى بىلىدىغان ئالىملارلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تېگىگە يېتەلەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ئۇنى ھېچقانداق ئەھمىيەتسىز، ئويۇن قىلىپ ياراتقىنى يوق. شەكسىزكى بۇ مەخلۇقاتلاردا مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەر بار. چۈنكى مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار بىپايان كائىناتتىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ يېنىدىن ياراتقۇچىنىڭ كاتتىلىقى ۋە قۇدرىتىگە پەرۋا قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَۖ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۗ وَلَذِكۡرُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَصۡنَعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئوقۇپ بەرگىن، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن. شەكسىزكى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىنغان ناماز ئىگىسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن توسىدۇ. چۈنكى بۇنداق ناماز قەلبلەردە نۇر پەيدا قىلىدۇكى، ئۇ نۇر گۇناھلاردىن توسۇپ، ياخشى ئەمەللەرگە يېتەكلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنى ئەسلەش ھەر قانداق ئەمەلدىن چوڭ ھەم كاتتىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، يەنى ئەمىلىڭلار ياخشى بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر، يامان بولسا جازاغا تارتىلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• أهمية ضرب المثل: (مثل العنكبوت) .
«ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالى»غا ئوخشاش مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر.

• تعدد أنواع العذاب في الدنيا.
بۇ دۇنيادىكى ئازابنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر.

• تَنَزُّه الله عن الظلم.
ئاللاھ ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن پاكتۇر.

• التعلق بغير الله تعلق بأضعف الأسباب.
ئاللاھتىن باشقىسىغا ئېسىلىش ئەڭ ئاجىز تۇتقۇغا ئېسىلغانلىقتۇر.

• أهمية الصلاة في تقويم سلوك المؤمن.
مۇئمىننىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى تۈزەشتە ناماز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

۞ وَلَا تُجَٰدِلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡۖ وَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَأُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمۡ وَٰحِدٞ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن گۈزەل ئۇسلۇب ۋە ئۈلگىلىك رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلاركى، ئۇ بولسا ۋەز - نەسىھەت ۋە روشەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دەۋەت قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەركەشلىك ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار ۋە سىلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. تاكى ئۇلار مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر ياكى بويسۇنۇپ جىزىيە بەرگەنگە قەدەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئېيتىڭلاركى، بىز ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرگە نازىل قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغىمۇ ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىلەن سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا ۋە مۇكەممەللىكىدە تەڭدىشى يوق، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ، باش ئەگكۈچىلەرمىز.
تفسیرهای عربی:
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَۚ فَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَمِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ مَن يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلۡكَٰفِرُونَ
بىز سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزدەك ساڭىمۇ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئابدۇللا ئىبنى سالامغا ئوخشاش تەۋراتنى ئوقۇيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا قۇرئاننىڭ سۈپىتىنى تاپالايدۇ. ماۋۇ مۇشرىكلاردىنمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادىتى ھەق ئوپئوچۇق تۇرسىمۇ كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كُنتَ تَتۡلُواْ مِن قَبۡلِهِۦ مِن كِتَٰبٖ وَلَا تَخُطُّهُۥ بِيَمِينِكَۖ إِذٗا لَّٱرۡتَابَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئاندىن ئىلگىرى ھېچقانداق كىتاب ئوقۇپمۇ باقمىغان، ئۆز قولۇڭ بىلەن بىر نەرسىمۇ يېزىپ باقمىغان ئىدىڭ. چۈنكى سەن ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلىمسىز ئىدىڭ. ناۋادا سەن ئوقۇپ - يازالايدىغان بىرى بولساڭ ئىدىڭ، ئەلۋەتتە نادان كىشىلەر سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە شەك قىلىپ، ئۇ ئىلگىرىكى كىتابلاردىن يېزىۋالغان، دېگەننى باھانە قىلىشاتتى.
تفسیرهای عربی:
بَلۡ هُوَ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ فِي صُدُورِ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇنداق ئەمەس، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئىلىم بېرىلگەن مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىدا روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَٰتٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ
مۇشرىكلار: مۇھەممەدكە نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغىنىدەك پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا چۈشۈرىدۇ، مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس. مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَكۡفِهِمۡ أَنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحۡمَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۆجىزە تەلەپ قىلغان بۇ كىشىلەرگە بىزنىڭ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقىمىز يەتمىدىمۇ؟ شەكسىزكى ئۇلارغا نازىل قىلىنغان قۇرئاندا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەت ۋە پەند - نەسىھەت بار. چۈنكى ئۇلار قۇرئاندىكى مەزمۇنلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئۇلارغا نازىل قىلىنغان نەرسە ئۇلار تەلەپ قىلغان، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان نەرسىدىن كۆپ ياخشىدۇر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡ شَهِيدٗاۖ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ وَكَفَرُواْ بِٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە راستچىل ئىكەنلىكىمگە ھەمدە سىلەرنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىشەنگەن، ئىبادەت قىلىشقا لايىق يېگانە ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار ئىماننى كۇپرىغا تېگىشكەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مجادلة أهل الكتاب تكون بالتي هي أحسن.
ئەھلى كىتاب بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

• الإيمان بجميع الرسل والكتب دون تفريق شرط لصحة الإيمان.
پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋە كىتابلارغا ئايرىماستىن ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر.

• القرآن الكريم الآية الخالدة والحجة الدائمة على صدق النبي صلى الله عليه وسلم.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىغا مەڭگۈلۈك مۆجىزە ۋە ئىزچىل ھۆججەتتۇر.

وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى تېز كەلتۈرۈشۈڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلاش ئۈچۈن ئىلگىرى ھەم كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ئازاب ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغان ھالەتتە ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بولاتتى.
تفسیرهای عربی:
يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلار سەن ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان جەھەننەم ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن يېپىنچا، ئاياغلىرى ئاستىدىن سېلىنچا بولۇپ ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كايىپ: سىلەر شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارنىڭ ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي مۇئمىن بەندىلىرىم! ماڭا ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن زېمىندىن كۆچۈپ كېتىڭلار، مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭرىدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ماڭا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
تفسیرهای عربی:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
ئۆلۈمدىن قورقۇش سىلەرنى ھىجرەت قىلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن. ھەر بىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلۇسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ھۇجرىلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى ھە!
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن يىراق بولۇشتا سەۋرچان بولغانلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! ئۇلار بارلىق ئىشلىرىدا پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
نۇرغۇن جاندارلار ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاچ قېلىشتىن قورقۇپ ھىجرەت قىلماسلىققا باھانەڭلار يوق. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيىتىڭلارنى ۋە ئىش - ھەرىكىتىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ياراتقان كىم؟ زېمىننى ياراتقان كىم؟ قۇياش بىلەن ئاينى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە بەندىلەرنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگىنى كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار قانداقسىگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؟
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بۇنىڭ ھېكمىتىنى پەقەت ئۆزى بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس، بەندىلىرىگە پايدىلىق تەدبىرلەرمۇ مەخپىي ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى چىقارغان كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېمىندا (ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرگەن ئاللاھ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: بارلىق ھەمدۇسانا سىلەرگە پاكتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھقا خاستۇر. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان بولاتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• استعجال الكافر بالعذاب دليل على حمقه.
كاپىرنىڭ ئازابنى ئالدىراتقانلىقى ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• باب الهجرة من أجل سلامة الدين مفتوح.
دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھىجرەت ئىشىكى داۋاملىق ئوچۇقتۇر.

• فضل الصبر والتوكل على الله.
سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

• الإقرار بالربوبية دون الإقرار بالألوهية لا يحقق لصاحبه النجاة والإيمان.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.

وَمَا هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَهۡوٞ وَلَعِبٞۚ وَإِنَّ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ لَهِيَ ٱلۡحَيَوَانُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
دۇنيا تىرىكچىلىكى، يەنى ئۇنىڭدىكى ھۇزۇر - ھالاۋەت، نازۇنېئمەتلەر پەقەت قەلبلىرى شۇنىڭغا باغلانغانلارغا ئويۇن - تاماشادىن ئىبارەتتۇر. دۇنيا ھاياتى ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھاياتلىقتۇر، چۈنكى ئۇ مەڭگۈلۈكتۇر. ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسا تۈگەپ كېتىدىغان نەرسىنى مەڭگۈ قالىدىغان نەرسىنىڭ ئالدىغا قويمايتتى.
تفسیرهای عربی:
فَإِذَا رَكِبُواْ فِي ٱلۡفُلۡكِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ إِذَا هُمۡ يُشۡرِكُونَ
مۇشرىكلار دېڭىزدا كېمىگە چىققاندا ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىدۇ، (ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى (ئۈمىد قىلىدۇ). دەرۋەقە ئاللاھ ئۇلارنى غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرغان چاغدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا ئىلاھلارغا دۇئا قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ وَلِيَتَمَتَّعُواْۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار مۇشرىكلىكىگە قايتتى، قېنى ئۇلار بىز ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ناشۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، ھاياتىي دۇنيادا بېرىلگەن زىبۇزىننەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن. ئۆلگەن چاغلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا جَعَلۡنَا حَرَمًا ءَامِنٗا وَيُتَخَطَّفُ ٱلنَّاسُ مِنۡ حَوۡلِهِمۡۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَكۡفُرُونَ
ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر ئەينى چاغدا بىز ئۇلارنى غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرغاندىن سىرت، ھەرەمنى ئۇلارنىڭ قانلىرى ۋە ماللىرى ئامانلىققا ئېرىشىدىغان جاي قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملارغا ئۇچراپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەسىرگە چۈشۈۋاتىدۇ، ئاياللىرى ۋە باللىرى ئولجا ئېلىنىپ، مال - مۈلۈكلىرى تالان - تاراج قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئىلاھلىرىغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە كاپىر بولامدۇ؟ نېئمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلمامدۇ؟
تفسیرهای عربی:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم يوق. شەكسىزكى جەھەننەمدە كاپىرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىغا ئورۇن بار.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ فِينَا لَنَهۡدِيَنَّهُمۡ سُبُلَنَاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى كۆزلەپ جانلىرى بىلەن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياردەم بېرىش، نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لجوء المشركين إلى الله في الشدة ونسيانهم لأصنامهم، وإشراكهم به في الرخاء؛ دليل على تخبطهم.
مۇشرىكلارنىڭ قىيىن پەيتلەردە بۇتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇشى، باي - باياشاتلىقتا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقلۇقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• الجهاد في سبيل الله سبب للتوفيق إلى الحق.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• إخبار القرآن بالغيبيات دليل على أنه من عند الله.
قۇرئاننىڭ غەيبىي ھادىسىلەر ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره عنكبوت
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن